تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مەنزىرىلەرنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلەش

​− 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىدىن خاتىرە

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ شياڭ

تاغ - دەريالار ئايرىپ تۇرسىمۇ، قەلبداش بولۇپ گۈزەل كەلگۈسى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىمىز.

ھەممە يەر يېشىللىققا پۈركەنگەن، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان ياز پەسلىدە، 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى يەنە مۇھىم پەيتنى كۈتۈۋالدى − 500گە يېقىن جۇڭگولۇق ۋە چەت ئەللىك ئەزىز مېھمان «ئوت يۇرتى» تۇرپاندا جەم بولۇپ، 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىغا بىرلىكتە قاتنىشىپ، شىنجاڭنىڭ تاغ - دەريالىرى، ئادىمىيىتىنىڭ چەكسىز جەلپكارلىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالى ئۈستىدە ئورتاق ئىزدەندى.

بىپايان قۇملۇقتا كۆتۈرۈلگەن تەنھا ئىس - تۈتەك، ئەزىم دەريادا پېتىۋاتقان قۇياش، رەڭدار دەنشيا، يايلاق، گۈل دېڭىزى... 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ جەلپ قىلارلىق مەدەنىيەت - ساياھەت تونۇشتۇرۇش قىسقا فىلىمىنىڭ كۆرسىتىلىشى بىلەن يىغىن باشلاندى.

چېگرا رايوننىڭ ھەيۋەتلىك ھەم گۈزەل يۆگىمە رەسىملىرى يىغىنغا قاتناشقان ئەزىز مېھمانلارنى مەپتۇن قىلىۋالدى.

«تۇرپاندا مەھسۇلات تۈرلىرى مول، بايلىق توپلانغان بولۇپ، دۇنياغا داڭلىق مېۋە ماكانى، ئۇ جۇڭگودىكى ئىسسىق قۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ شامال ئامبىرى، بايلىق تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ماكان... دەپ ئاتالغان».

«قەشقەر قەدىمىي شەھىرى، يەكەن قەدىمىي كوچىسىدىكى ھەربىر ئىشىك - دېرىزە، ھەربىر خىش تامنىڭ ھەممىسىگە ھېكايىلەر مۇجەسسەملەنگەن...»

«ھازىر بىز بىرلىكتە مېنىڭ ئالتىيىمغا بارايلى، بۇ، ئىنسانلارنىڭ قار تېيىلىشى باشلانغان جاي، جۇڭگو قار - مۇز شەھىرى، شىنجاڭنىڭ مېھمان قوبۇل قىلىش زالى...»

ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار «مەدەنىيەت - ساياھەتنى تەۋسىيە قىلغۇچى»غا ئايلىنىپ، ئېكراندا «ۋاكالىتەن تەشۋىق قىلىش» بىلەن بىللە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى سودىگەرلەر ۋە جاي - جايلاردىكى ساياھەتچىلەرنى بۇ جايغا كېلىشكە سەمىمىي تەكلىپ قىلدى.

قىزغىن قويۇلۇۋاتقان «مېنىڭ ئالتىيىم» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدىكى جاڭ فېڭشيانىڭ رولىنى ئالغان ما يىلى ئارىدىن بىر يىل ئۆتكەندىن كېيىن شىنجاڭغا قايتا كېلىپ، ئېكراندىكى ئاشۇ تونۇش مەنزىرىلەرنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھاياجانلاندى. ئۇ بۇلتۇر 4 - ئايدا، ئۈرۈمچىدىن شىمالغا قاراپ يولغا چىقىپ قابا ناھىيەسىگە بارغان چاغدىكى ئەھۋالنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ئەسلىدە سەھەر تۇرغانلىقتىن مۈگدەپ قالىمەن دەپ ئويلىغانىدىم، نەتىجىدە يول بويى كۆز يۇممىدىم، «كۆز ئالدىمدىكى گۈزەل مەنزىرىلەردىن ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلدى».

بۈگۈنكى كۈندە، «مېنىڭ ئالتىيىم»نى كۆرۈپ، بارغانسېرى كۆپ كىشى بۇ گۈزەل تۇپراققا كەلدى. «مەن شىنجاڭ ئۈچۈن خۇشال بولدۇم، چۈنكى شىنجاڭنى كۆرگەنلەر بۇ جاينى ياخشى كۆرۈپ قالىدۇ، ئۇنىڭغا مەپتۇن بولۇپ قالىدۇ» دېدى ما يىلى.

ئەتىيازدا گۈل تاماشا قىلىش، يازدا مەنزىرە سەيلىسى قىلىش، كۈزدە مېۋىلەرگە ئېغىز تېگىش، قىشتا قار ئويۇنى ئويناش. شىنجاڭ يېپيېڭى قىياپىتى بىلەن كىشىلەر كۈچلۈك تەلپۈنىدىغان، خۇشاللىق بىلەن كېلىدىغان جايغا ئايلانماقتا. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، شىنجاڭ كۈتۈۋالغان دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ساياھەتچى 58 مىليون 500 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %13.6 ئاشقان. ئىشقا ئاشۇرۇلغان ساياھەت كىرىمى 62 مىليارد 649 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %41.7 ئېشىپ، ساياھەت قىزغىنلىقى ئۈزلۈكسىز كۈچەيگەن.

ھازىر، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسى قەدەممۇقەدەم چوڭقۇرلاشماقتا، شىنجاڭ دۇنيا دەرىجىلىك ساياھەت مەنزىلگاھىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا قاراپ تېز قەدەم تاشلىماقتا. يىغىندا ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى بېيىتىش، مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ساياھەت مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق بېيىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان پىكىر يولى، تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلارنىڭ كۈچلۈك قىزىقىشىنى قوزغىدى.

«شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك كەسىپ قۇرۇلۇشلىرى خوت ئالماشتۇرۇپ سۈرئەتنى تېزلىتىش، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش يېڭى باسقۇچىغا قەدەم قويدى، شىنجاڭنىڭ كىنو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت كەسپىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى پۇرسەت مەزگىلىنى كۈتۈۋالدى.» بونا كىنوچىلىق گۇرۇھى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى يۈ دۇڭ مۇنداق دېدى: بىز كىنو - تېلېۋىزىيە ساھەسىدە كۆپ يىل چوڭقۇر ئىزدىنىشتەك ئەۋزەللىكىمىزنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، كۆڭۈل قويۇپ سەرخىل مەزمۇنلارنى يارىتىپ، دەۋر جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىدىغان ۋە شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە تېخىمۇ كۆپ نادىر ئەسەرلەرنى ئىجاد قىلىپ، «شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش» «شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش» چوڭ ئىشىنى ياخشى قىلىشقا كۈچ چىقىرىمىز.

«نۇرغۇن ساھەدە كەڭ ھەمكارلىق بوشلۇقى بار.» فىرانسىيە فالۈ گۇرۇھىنىڭ باش مۇدىرى جيام شوبېرت مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ھەرقايسى جايلارغا كۆپرەك بېرىپ كۆرۈپ، گۈزەل مەنزىرىلەردىن ھۇزۇرلىنىپ، تەبىئىي شارائىت، ئۆرپ - ئادەتلەرنى چۈشىنىپ، گۈللىنىش، تەرەققىي قىلىشنىڭ گۇۋاھچىسى بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىلىنىمىز.

چېگرا رايوندىكى گۈزەل مەنزىرىلەر دەل شېئىرىي تۇيغۇغا چۆمگەن ئارزۇدىكىدەك جاي. تاغ - دەريالارنى كېزىش، خەلق ئۆرپ - ئادىتىدىن بەھرىلىنىش، گۈزەل مەنزىرىلەرگە قۇچاق ئېچىش، دۇنياغا نەزەر سېلىش، كىشىلىك تۇرمۇشتىن شادلىققا ئېرىشىش... شىنجاڭ كىشىلەر ئۆمرىدە چوقۇم بىر قېتىم كېلىشكە تېگىشلىك جاي.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.