تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى شىنجاڭ ساياھەت ئىستېمالى مەخسۇس ھەرىكەت پىلانىنى يولغا قويدى

شىنجاڭ گېزىتى، تۇرپان، 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 27 - كۈنى، 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنىدا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى «شىنجاڭ ياخشى جاي» شىنجاڭ ساياھەت ئىستېمالى مەخسۇس ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلدى. 2024 - يىلىدىن 2026 - يىلىغىچە، ساياھەتچى مەنبەسى، مەنزىلگاھ، مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەش، قاتناش مۇلازىمىتى، تەشۋىق قىلىش - كېڭەيتىشتىن ئىبارەت بەش جەھەتنى چۆرىدەپ، شىنجاڭغا مەبلەغ سېلىش ۋە بايلىق جەھەتتە مايىللىشىش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئىستېمالىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش پىلانلاندى.

بۇ يىل، «شىنجاڭ ياخشى جاي» شىنجاڭ ساياھەت ئىستېمالى مەخسۇس ھەرىكەت پىلانىغا قاتناشقان ھەرقايسى ئورۇنلارغا جەمئىي 178 مىليون يۈەن مەخسۇس خىراجەت خامچوت مەدىتى ئاجرىتىلىدۇ، 2025 - يىلى، 2026 - يىلى سىجىل مەبلەغ مەدىتى بېرىلىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئىستېمالىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭىيىشىگە تۈرتكە بولۇنىدۇ.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى كەسىپ تەرەققىيات مەھكىمىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ھەرىكەت پىلانى ئېلان قىلىنغاندا مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىل، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەخسۇس خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشنى يىللىق خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسى ۋە نىشانلىق ياردەم بېرىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، جۇڭگو بانكا بىرلەشمىسى، جۇڭگو سودا - سانائەت بانكىسى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى، جۇڭگو قۇرۇلۇش بانكىسى، جۇڭگو ساياھەت گۇرۇھى ساياھەت مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى، جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى شىركىتى، فېيجۇ ساياھىتى، گاۋدې خەرىتىسى قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە، «شىنجاڭ ياخشى جاي» شىنجاڭ ساياھەت ئىستېمالى مەخسۇس ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويىدۇ. بۇ يەنە مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرگە يۈزلەنگەن ساياھەت ئىستېمالى مەخسۇس خىزمىتىنى يولغا قويۇشى ھېسابلىنىدۇ.

ساياھەتچى مەنبەسى ماركېتىڭىنى قانات يايدۇرۇش جەھەتتە، دەل جايىدا ساياھەتچىلەرنى جەلپ قىلىش «ھەل قىلغۇچ قەدىمى» ياخشى بېسىلىدۇ. شىنجاڭغا كەلگەن ساياھەتچىلەرنىڭ ئاساسلىق ساياھەتچى مەنبەسى، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساياھەتچى مەنبەسىگە قارىتا، ئۆمەككە قاتنىشىپ ساياھەت قىلىش، چوڭ قاتناش، مېھمانخانىدا يېتىش قاتارلىق ئېتىبارلار ئوتتۇرىغا چىقىرىلىپ، تېخىمۇ كۆپ يوشۇرۇن ساياھەتچى گۈزەل شىنجاڭغا كېلىپ، ئارزۇسىدىكىدەك جايلاردىن ھۇزۇرلىنىشقا جەلپ قىلىنىدۇ. 5 - ئايدا، «مېنىڭ ئالتىيىم» ناملىق مىكرو تېلېۋىزىيە تىياتىرى قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىپ، ئالتاي ۋىلايىتى بىردىنلا تىياتىر مەستانىلىرىنىڭ «ئارزۇسىدىكىدەك جايى»غا ئايلاندى. ئوخشاش باش تېمىدىكى شىنجاڭ ساياھەت لىنىيەلىرى ئوتتۇرىغا چىقىرىلدى، مەدەنىيەت - ساياھەت ۋە رادىيو - تېلېۋىزىيە يۇغۇرما تەرەققىيات ئەندىزىسىدە دەسلەپكى ئۈنۈم كۆرۈلدى. مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى دۆلەت رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ شىنجاڭ تېمىسىدىكى بىر تۈركۈم تېلېۋىزىيە تىياتىرى، تور تىياتىرى قاتارلىق نۇقتىلىق تىياتىرلارنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى تىياتىرغا ئەگىشىپ شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىشكە جەلپ قىلىدۇ.

مەنزىلگاھتىكى ئېتىبار بېرىشنى كېڭەيتىش جەھەتتە، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش، ساياھەت «چوڭ سوۋغىتى» ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ. شىنجاڭدىكى يەرلىك ئاھالىلەر ۋە شىنجاڭدىكى ساياھەتچىلەرگە قارىتا «يېمەك - ئىچمەك، تۇرالغۇ، سەپەرگە چىقىش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئېتىبار بېرىش تەدبىرلىرى ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ. پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى شىنجاڭ ئىچىدىكى نۇقتىلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىستېمال مەنزىرە رايونىغا قارىتا، ئىستېمال بېلىتى تارقىتىش، بېلەت باھاسىدا ئېتىبار بېرىش، ئىستېمال بەلگىلەنگەن سوممىغا يەتسە ھەقنى كېمەيتىش، ھەقنى قايتۇرۇش قاتارلىق خەلققە نەپ يەتكۈزۈش تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ؛ جۇڭگو نېفىت خىمىيە سانائىتى گۇرۇھى ماي قاچىلاش ئىستېمالى بەلگىلەنگەن سوممىغا يەتسە ھەقنى كېمەيتىش، يىجيې مال سېتىۋېلىشتا بەلگىلەنگەن سوممىغا يەتسە ھەقنى كېمەيتىش، ئاپتوموبىلنى ھەقسىز يۇيۇپ بېرىش قاتارلىق بىر قاتار ئېتىبار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەشنى بېيىتىش جەھەتتە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك ئېھتىياجى قاندۇرۇلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خاس باش تېمىلىق ساياھەت، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش، زاكازلىق ساياھەت قاتارلىق يۈرۈشلۈك ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرى پىلانلاپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ، بۇ، شىنجاڭنىڭ «ئەتىياز، ياز، كۈز، قىش» تۆت پەسىللىك ساياھەت مەھسۇلاتلىرىنى بەرپا قىلىش، ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ ساياھەت قىلىش لىنىيەسىنى دومىلىما ئوتتۇرىغا چىقىرىش، «شىنجاڭنى راۋان سەيلە قىلىش» لىنىيەسىنى ئېچىش قاتارلىق بىرىكمە مەھسۇلاتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

قاتناش مۇلازىمىتىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش جەھەتتە، ساياھەتچىلەرنىڭ سەپەرگە چىقىش تەسىراتى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ. شىنجاڭغا بارىدىغان ساياھەت چوڭ قاتنىشىغا قارىتا، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتى قىزىق ساياھەت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى ۋە زاكازلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنى كۆپەيتىدۇ؛ فېيجۇ ساياھىتى «66 يۈەنلىك خالىغانچە ئۇچۇش» شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە باھالىق ئايروپىلان بېلىتىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، شىنجاڭغا بېرىپ ساياھەت قىلىش، سەپەرگە چىقىش تەسىراتىنى ئۆستۈرىدۇ. شىنجاڭ ساياھىتىدىكى شىنجاڭ ئىچى قاتنىشىغا قارىتا، گاۋدې خەرىتىسى قاتارلىقلار تاكسى توسۇشتا ئېتىبار بېرىش، ئاپتوموبىل ئىجارىگە ئېلىشتا ئېتىبار بېرىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا چىقىرىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش كۈچەيتىلىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئالتۇن خەتلىك داڭلىق ماركىسى يارىتىلىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقىنىڭ تۇنجى قېتىم بىر ئۆلكە، ئاپتونوم رايون(بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر)غا يۈزلىنىپ، ساياھەت ئىستېمالىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەخسۇس خىزمىتىنى يولغا قويۇشى ئىكەن. قاتنىشىدىغان ھەرقايسى ئورۇنلار ھەرىكەت پىلانىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايون، بىڭتۇەن مەدەنىيەت ۋە ساياھەت تارماقلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇشنى ئورتاق ياخشى ئىشلەپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي تەدبىرلەر، مول، كۆپ خىل مەدەنىيەت - ساياھەت پائالىيەتلىرى ئارقىلىق شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنى رەڭدارلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.