تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

شىنجاڭنىڭ «ئارزۇدىكىدەك جاي» يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى سىزىپ چىقايلى

□ شىنجاڭ گېزىتى ئوبزورچىسى

گۈزەل شىنجاڭنىڭ تەبىئەت ۋە ئادىمىيەت ئۇچرىشىشىغا بىرلىكتە ئاتلىنىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكىسىنى ئورتاق قوغداش. ھەممە كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتقان 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى قەرەلىدە باشلاندى، دۆلەت ئىچى - سىرتىدىن كەلگەن تەخمىنەن 500 مېھمان يىپەك يولىدىكى مۇھىم بازار تۇرپانغا جەم بولۇپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ئۇلۇغۋار پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىپ، شىنجاڭنىڭ «ئارزۇدىكىدەك جاي» يېڭى يۆگىمە رەسىمىنى بىرلىكتە سىزىپ چىقتى.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى تۇنجى قېتىم شىنجاڭ ساياھەت ئىستېمالى مەخسۇس ھەرىكەت پىلانىنى ئېلان قىلدى، ئاپتونوم رايون تۇنجى قېتىم خەلقئارا ساياھەت سودىگەرلەر يىغىنى ئۆتكۈزدى، 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار تۇنجى قېتىم «مەدەنىيەت - ساياھەتنى تەۋسىيە قىلغۇچى» سالاھىيىتى بىلەن مەركەزلىك ئوتتۇرىغا چىقتى... بۇ يىلقى ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت تەرەققىيات يىغىنى مول، رەڭدار مەزمۇن شەكلى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقىنى نامايان قىلىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، كۆرۈش نۇقتىسى بار، ئىللىقلىققا تولغان بىر مەيدان شىنجاڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كاتتا زىياپىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىندا ساياھەت خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يوليورۇق بېرىپ، «زامانىۋى ساياھەتچىلىك كەسپى سىستېمىسىنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ساياھەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. دەم ئېلىش كۈنلىرىدىكى ساياھەت «قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى»، ئىستىراھەت كوچا رايونلىرى ئادەم دېڭىزىغا ئايلاندى، «توردا ئالقىشلانغان» مەنزىرە نۇقتىلىرى ئارقا - ئارقىدىن بارلىققا كەلدى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويدى، ساياھەت قىزغىنلىقى سىجىل تۈردە مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى، ساياھەتچىلىك «كۈنسېرى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپكە ئايلاندى.» 2023 - يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە جەمئىي كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 265 مىليون ئادەم قېتىم، ساياھەت كىرىمى 296 مىليارد 700 مىليون يۈەن بولۇپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا %117، %227 ئېشىپ، تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، شىنجاڭ ساياھەت بايلىقى چوڭ رايونىدىن ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونغا ئۆزگىرىشنى تېزلەتتى.

ساياھەتچىلىك يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچەش نۇقتىسى، شۇنداقلا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، خەلقنى بېيىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، ئوبرازنى نامايان قىلىش، قەلبكە دەل جايىدا ئۇيغۇنلىشىشقا پايدىلىق بولۇپ، كۈنسېرى «روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە خەلق تۇرمۇشى كەسپى، بەخت كەسپى»گە ئايلانماقتا. خوتەندىكى يوتقان قەدىمىي شەھىرىدە، مەدەنىيەت سەنئەت نومۇرلىرى كېچىلىك ئىقتىسادنى جانلاندۇردى، يۇرتداشلار «ساياھەت تامىقى» يېدى؛ ئالتاي جياڭجۈن تېغى قار تېيىلىش مەيدانىدا، شىمالىي جۇڭگو مەنزىرىسى قار - مۇز كەسپىگە ئايلىنىپ، يۇرتداشلار «قار تاماق قاچىسى»نى قولىغا ئالدى؛ قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدە، ساياھەتچىلەر مەدەنىيىتى پارلاق ۋە چوڭقۇر، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان شىنجاڭنى ھېس قىلدى؛ تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان شىنجاڭغا ياردەم بېرىش ساياھەت مەخسۇس پويىزى شىنجاڭ خەلقى بىلەن پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنىڭ رىشتىنى زىچ باغلىدى. خەلقنى كۆزلەش، خەلقنى بېيىتىش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، خەلقنى خۇشال قىلىش جەھەتتە بۈگۈنكى كۈندە، ساياھەتچىلىك شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدىكى گۈللەنگەن كەسىپكە، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىدىكى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان كەسىپكە ۋە شىنجاڭنىڭ ئىتتىپاق، مۇقىم، ئىناق - بەختلىك، ئېكولوگىيەسى ياخشى ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىدىغان چولپان كەسىپكە ئايلاندى.

ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇش شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىدە ئالاھىدە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، يۇغۇرما تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت بىلەن بازار، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياج، قوغداش بىلەن ئېچىش، دۆلەت ئىچى بىلەن خەلقئارا، تەرەققىيات بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ساياھەت بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى يۈكسەكلىك، تېخىمۇ ئەمەلىي تەدبىرلەر ئارقىلىق شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، ساياھەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشۇش كېرەك.

ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش بىر تۈرلۈك سىستېمىلىق قۇرۇلۇش، جەزمەن شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇنلىشىپ، سىستېمىلىق پىلانلاش ۋە ئىلمىي ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەك. زامانىۋى ساياھەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ساياھەت تەمىناتىنى كۈچەيتىپ، ساياھەت كەسىپ ھالىتى ۋە خاسلىقىنى بېيىتىپ، ئۇل ئەسلىھەلەرنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، بازار تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇلازىمەت سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي قاتلىمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. ساياھەتچىلىكتە ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا قاتارلىق ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت - ساياھەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ چەت ئەللىك ساياھەتچىنى شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا جەلپ قىلىپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى جانلىق، ياخشى سۆزلەش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش ۋە كىشىلەر قەلبىنى مۇجەسسەملەشكە مۇلازىمەت قىلىپ، ساياھەت ئارقىلىق خەلقنى بېيىتىش، خەلققە نەپ يەتكۈزۈشنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ ئاممىنى ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا يېتەكلەپ، ساياھەتچىلىكنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى داۋامىدا ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملەپ، ساياھەتچىلىكنىڭ كۆۋرۈكلۈك، ۋاسىتىلىك رولىنى ھەقىقىي ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

ھازىر، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى ئارتۇقچىلىقنى تەدرىجىي جارى قىلدۇرىدىغان، كۈچ - قۇۋۋەتنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئىستىقبالى پارلاق بولغان مۇھىم ئالتۇن مەزگىلدە تۇرۇۋاتىدۇ، ساياھەت ئىقتىسادى كۈچلۈك رايونى قۇرۇشنى تېزلىتىش پەيتى يېتىپ كەلدى. مەدەنىيەت ئارقىلىق ساياھەتچىلىكنى بەرپا قىلىش، ساياھەتچىلىك ئارقىلىق مەدەنىيەتنى نامايان قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىستېمىلىق پىلانلاش ۋە مۇھىم نۇقتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى كۈچەيتىپ، ساياھەتچىلىكنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئاچقۇچلۇق قىيىن مەسىلىلەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلغاندىلا، چوقۇم ساياھەتچىلىكنى گۈزەل تۇرمۇشقا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىش، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەنىۋى ماكان بەرپا قىلىش، جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىش، مەدەنىيلىك جەھەتتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئۈزلۈكسىز پۈتكىلى بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.