جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى 10- ئاينىڭ15- كۈنىدىن باشلاپ «20 - قۇرۇلتاي مەزگىلى» سەھىپىسىنى ئاچتى، پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا، كوچا - مەھەللىلەرگە، زاۋۇت، كان - كارخانىلارغا، چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىلىرىغا، ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوم مەكتەپلەرگە، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئايرودۇرۇم، بېكەت قاتارلىقلارغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە 20 - قۇرۇلتاي دوكلاتىنى ئاڭلاپ، 20 - قۇرۇلتاي مەزگىلىنى بىللە ئۆتكۈزۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىۋاتقان جانلىق كۆرۈنۈشلەرنى زىيارەت قىلىپ، خەۋەر قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا بولغان قىزغىن ئىنكاسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەنى قوغداش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا بولغان تولۇق ئىشەنچىنى نامايان قىلىدۇ. دىققىتىڭلاردا بولغاي.

  • ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما چەكسىز ھاياجانلىق ھېسسىياتى بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا چوڭقۇر يۈرەك سۆزلىرىنى ئىزھار قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى، ۋەتەننىڭ گۈللەپ ياشنىشىغا بولغان ياخشى تىلىكى، بەختلىك، گۈزەل كەلگۈسىگە بولغان قىزغىن تەلپۈنۈشىنى ئىپادىلىدى.
  • سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز.
  • 10- ئاينىڭ 16- كۈنى سەھەردىلا، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونيار بازىرى بۇلۇكەي كەنتىدە، «1- ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكەن مۇھەممەتجان ئۆمەر تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ئېچىلىش يىغىنىنىڭ تەنتەنىلىك ئەھۋالىنى كۆردى. مەمەتجان ئۆمەر مۇنداق دېدى: «گەرچە ھازىر يېشىم چوڭىيىپ، خىزمەت ئورنۇمدىن ئايرىلغان بولساممۇ، لېكىن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسىتىم باشتىن- ئاخىر ئۆزگەرمىدى. پۇتۇم، قولۇم بېجىرىم، گەپ قىلالايدىغان بولساملا، كېيىنكى قەدەمدە 20- قۇرۇلتاي روھىنى پۇقرالارغا چوقۇم تەشۋىق قىلىمەن. پەقەت بىز پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، كۈنلىرىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».