تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ھەممىنىڭ كۆزى مۇشۇ پەيتكە تىكىلدى

ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەنتەنىلىك ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئاڭلىدى، كۆردى −

ھەممىنىڭ كۆزى مۇشۇ پەيتكە تىكىلدى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى سائەت 10دا، دۇنيانىڭ نەزەرى بېيجىڭغا مەركەزلەشتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى داغدۇغىلىق ئېچىلدى، يولداش شى جىنپىڭ 19 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتقا ۋاكالىتەن قۇرۇلتايغا دوكلات بەردى.

ئوخشاش بىر پەيتتە، شىنجاڭ تۇپرىقىدا 25 مىليوندىن كۆپرەك تىيانشان ئوغۇل - قىزلىرى چەكسىز ھاياجانلىق ھېسسىياتى بىلەن تېلېۋىزور، رادىيو، ئانار بۇلۇت تېرمىنالى قاتارلىق سۇپىلار ئارقىلىق تەنتەنىلىك ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئاڭلىدى، كۆردى.

يولداش شى جىنپىڭنىڭ سۆزلىرى جاراڭلىق، كۈچلۈك، قەتئىي ئىشەنچكە تولغان بولۇپ، دوكلاتتا سۈرەتلەنگەن ئۇلۇغۋار پىلان كىشىلەرنىڭ روھىنى ئۇرغۇتۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدۇ. ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنىڭ غەيرىتى ئۇرغۇدى، ئىپتىخارلىق تۇيغۇسى تولۇپ تاشتى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلانغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا قاراپ يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، داۋاملىق قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزىمىزگە ئىشىنىپ، ئۆزىمىزنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ قۇدرەتلىك ئۇلۇغ كۈچىنى مۇجەسسەملەيمىز.

10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭىدىكى بارلىق كادىرلار تېلېۋىزور، تور قاتارلىقلار ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەنتەنىلىك ئېچىلىش مۇراسىمىنى كۆرۈپ، 20 - قۇرۇلتاي دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى. كۆپچىلىك مۇنداق بىلدۈردى: 10 يىل جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى ياراتتۇق، بۇ، بىزنى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىق بىلەن تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىشىمىزغا تېخىمۇ رىغبەتلەندۈرىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى ئورگىنىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەنتەنىلىك ئېچىلىش مۇراسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن چوڭقۇر ئىلھاملاندى. «بىز پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى زور كۈچ بىلەن راۋاجلاندۇرۇپ، خەلقنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ئارقىلىق دۆلەت ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشىنى قوللايمىز ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىمىز» دەپ بىلدۈردى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى جەمئىيەت قۇرۇلۇشى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىر ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ئايشەم يۇنۇس قەتئىيلىك بىلەن.

ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر تېلېۋىزور، توردا بىۋاسىتە كۆرسىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق قۇرۇلتاينىڭ تەنتەنىلىك ئېچىلىش مۇراسىمىنى كۆردى، كۆپچىلىك بىردەك مۇنداق بىلدۈردى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، ئىلگىرىكى تەجرىبىلەردىن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەقىل - پاراسەتنى قوبۇل قىلىپ، ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەردىن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ تېخىمۇ يارقىن سەھىپىسىنى پۈتىمىز.

ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىدىكى بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەنتەنىلىك ئېچىلىش مۇراسىمىنى كۆردى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئورگان پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى جاڭ شۈ مۇنداق دېدى: «بىز <ئىككىنى تىكلەش>نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىي تۇتۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن سىياسىي كېڭەش كۈچىنى قوشىمىز».

«بۇ يىل 7 - ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ كەنتكە كېلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي سوراپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك، دەپ قايتا - قايتا تەكىتلىدى.» تۇرپان شەھەرلىك پەن - تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ تۇرپان شەھىرىنىڭ ئىدىقۇت رايونى يار بازىرى يېڭىشەھەر غەربىي قوۋۇق كەنتىدە تۇرۇشلۇق «ئەلرايىنى بىلىش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، ئەلنى مايىل قىلىش» خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت باشلىقى، 1 - شۇجى رۇسۇل مەمەت پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەنتەنىلىك ئېچىلىش مۇراسىمىنى كۆرگەندىن كېيىن مۇنداق بىلدۈردى: «بىز تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېزا - كەنت ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سالمىقىنى داۋاملىق زورايتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ يېڭى يولى ئۈستىدە تىرىشىپ ئىزدىنىمىز».

دېڭىز يۈزىدىن 5000 مېتىردىن كۆپرەك ئېگىزلىكتىكى شىنجاڭ خوتەن شۆبە ھەربىي رايونىنىڭ مەلۇم چېگرا مۇداپىئە تۇەنى ئاسترونومىيە نۇقتىسىدىكى چېگرا مۇداپىئە ليەنىدە ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر رادىيو ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەنتەنىلىك ئېچىلىش مۇراسىمىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چەكسىز روھلاندى، ئۇلار مۇنداق بىلدۈردى: ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى چوقۇم ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، چېگرا مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىش ۋە مۇستەھكەملەش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشىمىز.

«بۇ بىرنەچچە يىلدا ليەندۈيدە زور ئۆزگىرىش بولدى، يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش، زامانىۋىلاشتۇرۇش دەرىجىسى تېخىمۇ ئۆستى، كىرىمىمىز يىلدىن - يىلغا ياخشى بولۇۋاتىدۇ.» شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8 - شىسى 144 - تۇەن 1 - ليەنىنىڭ خىزمەتچىسى لو شيۇچىن مۇنداق دېدى: «بىز بىڭتۇەن روھىنى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىپ، گۈزەل ماكانىمىزنى ياخشى قۇرۇپ چىقىمىز».

غۇلجا ناھىيەسى ئونيار بازىرىنىڭ بۇلۇكەي كەنتىدە، قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىنىڭ بىۋاسىتە تارقىتىلىشىنى كۆرگەندىن كېيىن «1 - ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكۈچى مەمەتجان ئۆمەرنىڭ ھاياجانلانغان قەلبى ئۇزاققىچە تىنچلىنالمىدى: «مەن بىر ئۆمۈر پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمەن، بىر ئۆمۈر خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىمەن، پارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن كەنتتىكىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يۇرتۇمنى تېخىمۇ گۈزەل قىلىپ قۇرۇپ چىقىمەن».

پارتىيە ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق 100 يىللىق ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، شۇنداقلا چوقۇم يېڭى ئۇلۇغ كۈرەش ئارقىلىق يېڭى ئۇلۇغ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ. شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما يۈكسەك جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولۇپ، پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە مەردانە قەدەم تاشلاپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ!

(مۇخبىر جاڭ يەنفاڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار ۋاڭ شىڭرۇي، لياڭ لىخۇا، جاڭ يۈنمېي، مېھرىگۈل غوپۇر، پەرىزات ئابدۇل، يىن لۇ، گو چيەن، ليۇ يى، چېن چياڭۋېي، جاڭ رۇيلىن، رېن جياڭ، سۇ لۇپىڭ، گۇەن مېڭيىڭ، ياڭ شۇخەن، بارشا تېگىس، ئىختىيارىي مۇخبىرلار فېڭ خەيسېن، جاۋ جىنشى)

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.