10- ئاينىڭ 16- كۈنى سەھەردىلا، غۇلجا ناھىيەسىنىڭ ئونيار بازىرى بۇلۇكەي كەنتىدە، «1- ئىيۇل ئوردېنى»غا ئېرىشكەن مۇھەممەتجان ئۆمەر تېلېۋىزور ئالدىدا ئولتۇرۇپ، پارتىيە 20- قۇرۇلتىيى ئېچىلىش يىغىنىنىڭ تەنتەنىلىك ئەھۋالىنى كۆردى. مەمەتجان ئۆمەر مۇنداق دېدى: «گەرچە ھازىر يېشىم چوڭىيىپ، خىزمەت ئورنۇمدىن ئايرىلغان بولساممۇ، لېكىن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسىتىم باشتىن- ئاخىر ئۆزگەرمىدى. پۇتۇم، قولۇم بېجىرىم، گەپ قىلالايدىغان بولساملا، كېيىنكى قەدەمدە 20- قۇرۇلتاي روھىنى پۇقرالارغا چوقۇم تەشۋىق قىلىمەن. پەقەت بىز پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭساقلا، كۈنلىرىمىزنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن».
مۇخبىر: بارشا تېگىس
ئوپېراتور: بارشا تېگىس
كىرىشتۈرگۈچى: نىجات نىياز
نازارەتچى: ئابلېلىم ئېزىز