ئالتۇن كۈزدىكى 10- ئاي ھوسۇل ئالىدىغان پەسىل بولۇپلا قالماي، يەنە كۈزگى بۇغداي تېرىيدىغان ئالتۇن مەزگىل. مارالبېشى ناھىيەسىدە 276 مىڭ مو يەرگە ئارقا- ئارقىدىن كۈزگى بۇغداي تېرىلغاندىن بۇيان، كىلىمات يېقىشلىق، پەرۋىش قىلىش تەدبىرلىرى نەق جايىدا بولغانلىقتىن، ھازىر مارالبېشى ناھىيەسىدىكى كۈزگى بۇغداي مايسىلىرى تەكشى، بولۇق ئۆسۈۋاتىدۇ، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ.
نۆۋەتتە، مارالبېشى ناھىيەسىدە كۈزگى بۇغداي مايسىلىرى تەكشى، بولۇق ئۆسمەكتە، ئۆسۈش ئەھۋالى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. (دىلشات فوتوسى)
يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ ھەرقايسى يېزا- بازارلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش- تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىللە، ئوچۇق ھاۋا رايىدىن پايدىلىنىپ جىددىي ئاغدۇرۇپ، جىددىي تېرىپ، كۈزلۈك يىغىم، كۈزلۈك تېرىم خىزمىتىنىڭ تەرتىپلىك ئىشلىنىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. 10- ئاينىڭ 9- كۈنى، مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى قۇرۇقتېرەك كەنتىدىكى بۇغدايلىقتا ياپيېشىل كۈزگى بۇغدايلار ئىللىق قۇياش نۇرىدا «بەھۇزۇر ئۆسۈپ»، جانلىق مەنزىرە ھاسىل قىلغانىدى.
كەنت ئاھالىسى ئايتىللا ئابلىمىت ئائىلىسىنىڭ 30 مو يەردىكى كۈزگى بۇغدىيىنى تېمىتىپ سۇغىرىش تاسمىسىنى تەكشۈرمەكتە. (دىلشات فوتوسى)
مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ دۆلەتباغ يېزىسى قۇرۇقتېرەك كەنتىدىكى 700 مودىن ئارتۇق بۇغدايلىقتا، كەنت ئاھالىسى ئايتىللا ئابلىمىت ئۆز ئائىلىسىنىڭ 30 مو كۈزگى بۇغدىيىنى تېمىتىپ سۇغىرىش تاسمىسىنى تەكشۈرۈپ، تېمىتىپ سۇغىرىشقا تەييارلىق قىلدى. بۇ يىل مارالبېشى ناھىيەسى بۇغداينى كەڭ كۆلەمدە تېمىتىپ سۇغىرىپ تېرىش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، بۇغداي تېرىشتا سورتنى ئەلالاشتۇرۇش، ماشىنىلاشتۇرۇش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، سۇغىرىش بىلەن ئوغۇتلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تەنەرخنى تېجەپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش، ھوسۇلنى كۆپەيتىش نىشانىغا يەتتى. ئايتىللا ئابلىمىت مۇنداق دېدى: «بۇ يىل 30 مو يەرگە كۈزگى بۇغداي تېرىدىم، تېخنىكلار دائىم كېلىپ بىزنىڭ قانداق تېرىش، پەرۋىش قىلىشىمىزغا يېتەكچىلىك قىلدى، بۇغداينىڭ ئۆسۈشى ناھايىتى ياخشى.»
ياپيېشىل بۇغداي مايسىلىرى بولۇق ئۆسمەكتە. (دىلشات فوتوسى)
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مارالبېشى ناھىيەسى باشتىن- ئاخىر ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇپ، دېھقانچىلىق تېخنىك خادىملىرىنى ئېتىزلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، كۈزگى بۇغداي تېرىشتىن پەرۋىش قىلىشقىچە تېرىقچىلىق ئائىلىلىرىگە نەق مەيداندا پۈتۈن جەريانلىق يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللەپ، كېلەر يىلى بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا پۇختا ئاساس سالدى. مارالبېشى ناھىيەسى دۆلەتباغ يېزىسى قۇرۇقتېرەك كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن جىۋېي مۇنداق دېدى: «كۈزگى بۇغداي دەل ۋاقتىدا تېرىلغانلىقتىن، نۆۋەتتە ئۆسۈش ئەھۋالى ياخشى بولۇۋاتىدۇ. كەنتىمىز كۈزگى بۇغداي تېرىيدىغان يەرنى تۈزلەش، تېرىش، پەرۋىش قىلىشنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئىز قوغلاپ مۇلازىمەت قىلىپ، كۈزگى بۇغدايدىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقي كاپالەتلىك قىلدى.»
(ئىختىيارىي مۇخبىر: دىلشات يۈسۈپ)
پايدىلانغان مەنبە: مارالبېشى ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى