تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

باھار بىلەن بىللە لاچىننىڭ ئۆيىگە باردۇق

3-ئاينىڭ 21-كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىزناپ يېزىسى تىزناپ كەنتىنىڭ ئاھالىلىرى ئوغلاق تارتىشىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈپ، شوۋگۇن باھارنى بىرلىكتە تەبرىكلىدى.

جۇ باۋخۇا فوتوسى

     ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ھەبىبە

    3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئەتىيازلىق كۈنتەڭلىكى كۈنى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئاسمىنى كۆپكۆك بولۇپ، قەھرىماننىڭ يۇرتى ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەنىدى. ھۈپپىدە ئېچىلغان ئۆرۈك چېچەكلىرى پامىر ئېگىزلىكىدە ياشاۋاتقان كىشىلەرنىڭ بەخت ۋە شادلىق يېغىپ تۇرغان چېھرىگە خوپ ياراشقانىدى. بۇ كۈن تاجىكچە «شوۋگۇن باھار» دېيىلىدۇ («باھار بايرىمى» ياكى «يېڭى يىل» دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ئادەتتە ئۈچ كۈن داۋاملىشىدۇ)، كۆپچىلىك ئورنىدىن سەھەر تۇرۇپ، ھويلا-ئارانلىرىنى تازىلاپ، يېڭى كىيىملىرىنى كىيىپ، داستىخانلارغا نازۇ-نېمەتلەرنى تىزىپ، باھار شادلىقىدىن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ.

    شۇ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئامما سەييارە لېكسىيە ئۆمىكى بىلەن بىللە، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسى تىزناپ يېزىسىنىڭ تىزناپ كەنتىگە بېرىپ، «پامىر بۈركۈتى» دەپ نام بېرىلگەن لاچىن بايەكەنىڭ ئۆيىدە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە «باھارنى كۈتۈۋالدۇق».

   «يىراقتىن كەلگەن مېھمانلارنى قارشى ئالىمىز، تېز كىرىڭلار، تېز كىرىڭلار». دەرۋازىدىن كىرىشىمىزگىلا، لاچىننىڭ دادىسى بايەكە كەلدىبېك بىر چىنە ئۇننى كۆتۈرۈپ ئۆيدىن چىقتى، «سىلەرگە بەخت تىلەيمەن، سۆيۈملۈك بالىلىرىم». بوۋاي شۇنداق دېگەچ ئۇننى كۆپچىلىكنىڭ ئوڭ مۈرىسىگە چېچىپ، بەخت تىلىدى.

    ئىشىكنى ئېچىپ ئۆيگە كىرگەندە، ئەڭ ئاۋۋال كۆزىمىزگە چېلىققىنى لاچىننىڭ سۈرەتلىرى بولدى، ھەربىر پارچە سۈرەت پاكىز سۈرتۈلۈپ رەتلىك تىزىلغانىدى. قەھرىماننىڭ ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانى جانلىق خاتىرىلەنگەن بۇ سۈرەتلەر ئۇنىڭ ئاددىي بولمىغان ھاياتىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ تۇراتتى.

   «سىلەر باھار بىلەن بىللە كەلگەن مېھمانلىرىمىز، بىز بىلەن بىللە بايرام ئۆتكۈزگىنىڭلاردىن تولىمۇ خۇش بولدۇق» دېدى بايەكە خۇشال كۈلۈپ تۇرۇپ. شۇ كۈنى قەھرىماننىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىككى تۈركۈم مېھماننى كۈتۈۋالغان، كىشىلەرنىڭ بەس-بەستە يوقلاپ كەلگەنلىكىدىن بايەكەنىڭ قەلبى تولىمۇ سۆيۈنگەنىدى.

   كۆپچىلىك كاڭدىكى نازۇ-نېمەتلەر لىق تىزىلغان داستىخاننى چۆرىدەپ ئولتۇرۇپ، بايەكەنىڭ ئوغلى لاچىن ھەققىدە سۆزلەپ بەرگەن جاپاغا چىداپ چېگرا قوغداش ھېكايىسىنى، شۇنداقلا بۈگۈنكى كۈندە كەنتتە يۈزبەرگەن ئالەمشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر توغرىسىدىكى بايانىنى ئاڭلىدى. «لاچىن پۈتۈن جۇڭگونى تەسىرلەندۈرگەن شەخس بولۇپ قالدى، مەن بۇنىڭدىن ھەم پەخىرلىنىمەن ھەم ئىپتىخارلىنىمەن. لاچىننىڭ قىلغانلىرى توغرا، ئۇ بىر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى قىلدى، مېنىڭچە ئۇ ئۆكۈنمەيدۇ!» دېدى بوۋاي قەتئىيلىك بىلەن «لاچىن كىچىك ۋاقتىدا ھەر قېتىم سىرتقا چىقىپ ئوينىغاندا، ئۈستبېشى توپا بولۇپ كېتەتتى، ھازىر ئۇنىڭ بالىسى سىرتقا چىقىپ بىر كۈن ئوينىسىمۇ، كىيىمىگە چاڭ قونمايدۇ؛ ئىلگىرى تاش ئۆيدە ئولتۇراتتۇق، قاراڭ، ھازىر بىز ئولتۇرۇۋاتقان بۇ ئەمىن ئۆيلەر شۇنچىلىك ئازادە، يورۇق؛ ئىلگىرى ناھىيە بازىرى دوپپامچىلىكلا كېلەتتى، ھازىر يوللار تەرەپ-تەرەپكە تۇتاشتى، بىر كۈن مېڭىپمۇ ئايلىنىپ بولالمايسىز».

   بۇ چاغدا يەنە بىر تۈركۈم مېھمان، يەنى شاڭخەيدىن ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ كەلگەن ساياھەتچى جاڭ لىخۇا قاتارلىقلارمۇ ئۆيگە كىرىپ كەلدى. لاچىننىڭ ئىش ئىزلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ھازىر تاشقورغانغا كەلگەن ساياھەتچىلەر ئۆزلۈكىدىن بۇ كەنتكە كېلىپ، قەھرىماننىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى يوقلايدىغان بولۇپتۇ. «قەھرىماننىڭ يۇرتىغا زادى بىر كېلىپ كۆرۈپ باققۇم بار ئىدى، بۈگۈن بۇ ئارزۇيۇمغا يەتتىم، بۇ يەرنىڭ ئادەملىرى ئاق كۆڭۈل، مېھماندوست بولۇپلا قالماي، مەنزىرىسىمۇ ئىنتايىن گۈزەل ئىكەن. ھەمراھلىرىم بىلەن سەپەر ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، بۇ يەردە بىرنەچچە كۈن كۆپرەك تۇرۇپ، ئېگىزلىكنىڭ باھار پەسلىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلانماقچى بولدۇق» دېدى جاڭ لىخۇا.

   بۇلتۇردىن بۇيان، بايەكەنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر 68 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق زىيارەت قىلغۇچىنى كۈتۈۋالدى. «ئۆيۈمنىڭ دەرۋازىسى ئىزچىل ئوچۇق، بۇ مېنىڭ ئۆيۈملا ئەمەس، لاچىن روھىدىن تەسىرلەنگەن ھەممە كىشىنىڭ ئۆيى، مەن ئۆيۈمگە كەلگەن ھەربىر مېھماننى قارشى ئالىمەن». بوۋاي يەنە لاچىن باشلانغۇچ مەكتىپىدە دەرستىن سىرتقى يېتەكچى بولۇپتۇ، ئۇ ھەر ھەپتىدە مەكتەپكە بېرىپ بالىلارغا لاچىننىڭ ئىش ئىزلىرىنى، بۈگۈنكى بەختىيار تۇرمۇشنىڭ قانداق قولغا كەلگەنلىكىنى سۆزلەپ بېرىدىكەن.

   «ئوغلۇم لاچىن پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقىدا ئۆسۈپ يېتىلگەن، ھازىر ئۇ بىزدىن ئايرىلدى، ئۇنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئۈستۈمگە ئېلىش مەجبۇرىيىتىم بار. مەكتەپتىكى بالىلارنىڭ سۆزلىرىمنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تىرىشىپ ئۆگىنىشىنى، مەڭگۈ پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، پارتىيەگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشىنى، دۆلەتكە، خەلققە ياراملىق ئادەم بولۇپ يېتىشىپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى بايەكە.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.