تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شاد-خۇراملىق بىلەن كاتتا مەرىكىنى كۈتۈۋېلىش، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ يېڭى سەھىپە پۈتۈش

− ئاپتونوم رايونىمىزدىكى كادىرلار، ئامما پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ئېچىلىشىنى تەشنالىق بىلەن كۈتمەكتە

[ئىستون سۆزى]

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەملىكەتلىك 20 - قۇرۇلتىيى 10 - ئاينىڭ 16 - كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى بۈگۈندىن باشلاپ «20 - قۇرۇلتاي مەزگىلى» سەھىپىسىنى ئاچتى، پۈتۈن تاراتقۇ مۇخبىرلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئېتىز - ئېرىق باشلىرىغا، كوچا - مەھەللىلەرگە، زاۋۇت، كان - كارخانىلارغا، چېگرا مۇداپىئە قاراۋۇلخانىلىرىغا، ئالىي مەكتەپ ۋە تېخنىكوم مەكتەپلەرگە، پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ۋە ئايرودۇرۇم، بېكەت قاتارلىقلارغا بېرىپ، ئاساسىي قاتلامدىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئامما بىلەن بىرلىكتە 20 - قۇرۇلتاي دوكلاتىنى ئاڭلاپ، 20 - قۇرۇلتاي مەزگىلىنى بىللە ئۆتكۈزۈپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى دوكلاتىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىۋاتقان جانلىق كۆرۈنۈشلەرنى زىيارەت قىلىپ، خەۋەر قىلىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنىڭ پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا بولغان قىزغىن ئىنكاسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ پارتىيەنى سۆيۈش، پارتىيەنى قوغداش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا بولغان تولۇق ئىشەنچىنى نامايان قىلىدۇ. دىققىتىڭلاردا بولغاي.

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى

پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما تەشنالىق بىلەن كۈتتى، شاد - خۇراملىققا چۆمدى، تولۇپ تاشقان ئىشەنچ بىلەن نەتىجىلەر توغرىسىدا پاراڭلاشتى، تەرەققىيات توغرىسىدا سۆزلەشتى، كەلگۈسى توغرىسىدا توختالدى. كۆپچىلىك بەس - بەستە مۇنداق بىلدۈردى: يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى، سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، كۈرەش قىلىش قىياپىتىمىز ۋە ئەلا نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز.

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا كەلگۈسى بەش يىل، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق مەزگىلدىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ نىشان - ۋەزىپىلىرى ۋە چوڭ سىياسەت - فاڭجېنلىرى ئىلمىي پىلانلىنىدۇ. بىز كاتتا يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى تەشنالىق بىلەن كۈتۈۋاتىمىز!» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمە پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چۈ ليەندۇڭ ھاياجانلانغان ھالدا.

قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونىدا مۇنارسىمان كىرانلار قەد كۆتۈرۈپ، موتورلار گۈرۈلدەپ، ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرە بارلىققا كەلگەنىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قەشقەر ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى ماشىنا - ئېلېكتىر پەن - تېخنىكا كەسىپلەر باغچىسى، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون، پىششىقلاپ ئايلاندۇرۇش رايونى قاتارلىق تىرەك سۇپىلارغا تايىنىپ، بىر تۈركۈم يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى.

«9 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، تەرەققىيات رايونىدا جەمئىي تاماملانغان ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسى 24 مىليارد 920 مىليون يۈەن بولۇپ، كۆلىمى 965 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان زاۋۇت ئۆيى سېلىندى، داۋاملىق ساقلاپ قېلىنغان بازار سۇبيېكتى 4601گە يېتىپ، 44 مىڭ 500 كىشىنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بۇ رايون ھاياتىي كۈچكە تولغان، گۈللەپ ياشنىغان، كەسىپ بىلەن شەھەر يۇغۇرۇلغان ئۈلگىلىك يېڭى رايونغا ئايلاندى.» چۈ ليەندۇڭ مۇنداق دېدى: «بىز تۈرلۈك خىزمەتلەرنى يەنىمۇ ياخشى تۇتۇپ، بۇ يىللىق نىشان - ۋەزىپىلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن تاماملاپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز».

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر زور ئىش، مۇھىم ئىش، خۇشاللىنارلىق ئىش. كاتتا يىغىننى كۈتۈۋېلىش پەيتىدە، قەلبىم ھاياجانغا تولدى.» خوتەن ناھىيەلىك يېزا ئىگىلىكى - يېزا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى چېن گوچاڭ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خوتەن ناھىيەسى مەۋقەنى ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلىرىگە قويۇپ، توشقان بېقىش، كەپتەر بېقىش، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى ئۆستۈرۈش، ئەسلىھەلىك يېزا ئىگىلىكىنى ئاساس قىلغان خاس كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، «مەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى تەشنالىق بىلەن كۈتۈۋاتىمەن. ئىشىنىمەنكى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خوتەن ناھىيەسىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى چەكسىز گۈزەل بولىدۇ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كۈنلىرى چوقۇم تېخىمۇ شېرىن بولىدۇ».

بۇ يىل، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلايدىغان، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىدىغان، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك بولغان بىر تۈركۈم سۇچىلىق، قاتناش، ئېنېرگىيە قاتارلىق تۈرلەرنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىش ئارقىلىق ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈردى، تۈر قۇرۇلۇشى ئارقىلىق كەسىپلەرنىڭ توپلىنىشىغا تۈرتكە بولدى. ئىلى ئوبلاستلىق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىر لى خۇڭچى مۇنداق دېدى: «بىز مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى يۇقىرى ئۆلچەم، يۇقىرى ئۈنۈمدە ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا نەتىجىلىرىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىمىز».

«پارتىيەنىڭ ياخشى سىياسىتىنىڭ يۆلىشىدە، بىز بىر كىچىك ھۈنەرخانىدىن تەرەققىي قىلىپ زامانىۋى كارخانىغا ئايلاندۇق. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، قەلبىم ئۈمىدكە تولدى.» شىنجاڭ شيېلىگەي چارۋىچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى چاغانتوقاي ناھىيەسىدىكى چارۋا، ئۆي قۇشلىرى باقمىچىلىقى، سېتىۋېلىش - پىششىقلاش، تۆۋەن تېمپېراتۇرىدا يېڭى پېتى ساقلاش، بازاردا سېتىش بىر گەۋدىلەشكەن چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى باشلامچى كارخانىسى بولۇپ، شىركەت دىرېكتورى دەي زۇچۈەن چارۋىچىدىن تەدرىجىي يېتىلىپ شۇ جايدىكى داڭلىق كارخانىچىغا ئايلاندى. ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز كەسىپ زەنجىرىنى پائال ئۇزارتىپ، ماركىمىزنىڭ قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە تېخىمۇ زور رولىمىزنى جارى قىلدۇرىمىز».

مەۋقەنى ئىش ئورنىغا قويۇپ تۆھپە قوشۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ نەتىجە يارىتىش كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋېلىشتا، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ غەيرىتى تولۇپ تاشتى.

«بىز باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي تاپشۇرۇقىنى ھەر ۋاقىت ئەستە چىڭ ساقلاپ، ھەر مىللەت ئاھالىلەرنىڭ ئويلىغىنى، ئۈمىدى، تەقەززاسىنى زىچ چۆرىدەپ، كۆپچىلىككە ياخشى ئىش، ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرىپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىللىقلىقىنى ئاھالىلەرنىڭ قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغىچە يەتكۈزۈپ، گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىمىز.» قومۇل شەھىرى ئېۋىرغول رايونى شەرقىي ئۆستەڭ كوچا باشقارمىسى ئاقيار مەھەللىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ياڭ شياۋدى مۇنداق دېدى: بۇ بىرقانچە يىلدا، ھۆكۈمەت سېلىنمىنى سىجىل زورايتتى، ئاقيار مەھەللىسىدىكى ئاھالىلەر پائالىيەت سورۇنلىرى، ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرىنىڭ ئومۇمىي كۆلىمى 3600 كىۋادرات مېتىرغا يەتتى. «ئىش بېجىرىش ئورنىنى ئەڭ كىچىك، پائالىيەت بوشلۇقىنى ئەڭ چوڭ، مۇلازىمەت مەزمۇنىنى ئەڭ ئەلا قىلىش» تەلىپى بويىچە، ئاقيار مەھەللىسى %90تىن كۆپرەك بوشلۇقنى ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشقا ئىشلەتتى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ خەتتاتلىق ۋە رەسىم سىزىش ئۆيى، ساغلاملىقتىن مەسلىھەت بېرىش ئۆيى، كىتاب ئوقۇش ئۆيى، مەدەنىيەت - تەنتەربىيە پائالىيەت ئۆيى قاتارلىقلارنى قۇرۇپ، مەھەللىنى ئاھالىلەر ئورتاق قۇرۇپ ئورتاق بەھرىلىنىدىغان ئىللىق چوڭ ئائىلىگە ئايلاندۇردى، «بۇنىڭدىن كېيىن، بىز مەۋقەنى ئىش ئورنىمىزغا قويۇپ، ۋەزىپە - مەسئۇلىيىتىمىزنى تولۇق ئادا قىلىپ، ئاھالىلەرگە مۇلازىمەت قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەپ، ئاممىنىڭ ياخشى سىردىشى بولىمىز».

«پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ئېچىلىش ئالدىدا تۇرماقتا، مەن بەك ھاياجانلىنىۋاتىمەن، كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان ئىشەنچىم تولۇپ تاشتى» دېدى بۇرۇلتوقاي ناھىيەسىنىڭ قاراماغاي بازىرى دىيى كەنتىدىكى چارۋىچى مانات نۇردانبېك.

2013 - يىلى ئەتىيازدا، مانات بەش ئائىلىلىك چارۋىچى بىلەن بىرلىشىپ قوي - كالا بورداش دېھقانلار كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىنى قۇردى، ھازىر ھەمكارلىق كوپىراتىپى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، 35 ئائىلىلىك چارۋىچىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا تۈرتكە بولدى. مانات مۇنداق دېدى: بۇ بىرقانچە يىلدا، بۇرۇلتوقاي ناھىيەسى ھەمكارلىق كوپىراتىپى مەسئۇللىرىنى شىنجاڭنىڭ ئىچى - سىرتىغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىش، ئۆگىنىشكە كۆپ قېتىم تەشكىللىدى، كۆپچىلىك بىلىم ۋە ماھارەت ئۆگىنىپلا قالماي، نەزەر دائىرىسى تېخىمۇ كېڭەيدى، «ھازىرقى كۈنلىرىمىزنى ئىلگىرى ئويلاپمۇ باقمىغانىدۇق. بىز قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە تېخىمۇ گۈزەل، بەختلىك تۇرمۇش يارىتىمىز».

(مۇخبىر ۋېي يۇڭگۇي، قاتناشقان مۇخبىرلار خەن چىنيەن، پەرىزات ئابدۇل، ۋاڭ شىنخۇڭ، رايىدە، جاڭ تىڭ)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.