تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا بۈگۈن قاتناش باشلىنىدۇ، بۇ تاشيولغا ئائىت ئۇچۇرلار بۇ يەردە!

 شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل تاشيولنىڭ بىرى بولغان مايتاغ-كۇچا تاشيولى ئۆزى ماشىنا ھەيدىگۈچىلەر ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ساياھەت لىنىيەلىرىنىڭ بىرى، ھەر يىلى ياز پەسلىدە، بۇ تاشيول لىنىيەسى ئاۋات، قىزىق نۇقتىلىق تېمىلارنىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. تاشيولنىڭ ئىككى يېقىدىكى گۈزەل مەنزىرىلەر بۇ يەردىن ئۆتكەن ھەر بىر ساياھەتچىنى ئۆز گۈزەللىكىدىن مەستخۇش قىلماي قالمايدۇ. 

   راستىنلا بۈگۈن قاتناش باشلىنامدۇ؟ خەۋەر مەنبەسى ئىشەنچلىكمۇ؟

   ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر بارشا . تېگىس خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە: G217- لىنىيەسىنىڭ مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا 6-ئاينىڭ 10-كۈنى قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن. شۇ كۈنى، نىلقا ناھىيەسى چورما تەكشۈرۈش پونكىتىدا «قەھرىمان مايتاغ - كۇچا تاشيولى. جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنى سەيلە قىلىش» مايتاغ - كۇچا تاشيولىدا 2022 - يىللىق قاتناش باشلاش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئىشەنچلىك خەۋەر بۇ يەردە!>>>

   قاتناش باشلاشتىن ئاۋۋال قانداق تەييارلىق خىزمەتلەر ئىشلەندى؟

   بۇ يىل مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلىنىشتىن بۇرۇن، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئىلى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى نارات شۆبە ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قار تازىلاش، شېغىل تازىلاش ۋە يول يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. ھازىرغىچە، G217 لىنىيەسىنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستى تەۋەلىكىدە يوللاردىكى قارلارنى تازىلاش، يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتى تاماملاندى، قاتناش ساقچىلىرى، تاشيول تارماقلىرى يولدىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرگە قارىتا تۈزەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېلىپ باردى. قانداق كونكېرت ئىشلار بولدى؟>>>

   مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قانداق ئاپتوموبىللار ماڭسا بولىدۇ؟ سۈرئەتكە چەك قويۇلامدۇ؟ ياتاق-تاماق قانداق؟

   پەقەت يەتتە كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشىگە يول قويۇلىدۇ. ھەق ئېلىش پونكىتى بار بولۇپ، 20 يۈەن ئەتراپىدا ھەق ئېلىنىدۇ، سۈرئەتكە چەك قويۇلىدۇ، پۈتۈن مۇساپىدە ھەرىكەتچان سۈرئەت ئۆلچەش سائەتلىك سۈرئىتى 40 كىلومېتىردىن 60 كىلومېتىرغىچە بولىدۇ. ياتاق-تاماق جەھەتتە بۇ تەپسىلىي خەۋەرنى ئوقۇسىڭىز نۇرغۇن ئۇچۇرغا ئېرىشىسىز>>>

   كۇچادىكى «ئون» بىلەن تونۇشۇپ باقامسىز؟

   كۇچا، قەدىمدە «كۈسەن» دەپ ئاتالغان. قەدىمكى دەۋرلەردە، كۇچا جەنۇبتىن كېلىپ شىمالغا بېرىشتىكى، شەرقتىن كىرىپ غەربكە چىقىشتىكى تۆت كوچا ئېغىزى ئىدى. «ئون» خېتى كۇچانىڭ بەلگە خاراكتېرلىك ئىزى.

   خاس كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، ساياھەت بايلىقىنى ئېچىش، شەھەرنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ  «ئون» خېتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن سانلىق مەلۇمات كۇچا شەھىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىسپاتلىدى. دىققىتىڭىز «ئون»دا بولسۇن>>>

   مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى كۇچاغا كەلگىنىڭىزىدە كۇچا كوناشەھىرىنى كۆرۈپ كېتىڭ

   كۇچا كونا شەھىرىگە يېڭى كەلگەندە، سىزنى بۇ يەردىكى رەڭگارەڭ ئىشىك-دېرىزىلەر ئەڭ بۇرۇن جەلپ قىلسىمۇ، ئەمما سىزنى ھەقىقىي ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدىغىنى يەنىلا بۇ يەرنىڭ قەدىمىيلىكى، ئازادىلىككە، ئىللىقلىققا تولغان تۇرمۇش شەكلىدۇر. كۇچا كونا شەھىرىنىڭ بەلگىسى بولغان «ئىتتىپاق كۆۋرۈكى»، ئاۋات رەستە كوچىسى، داڭلىق كۇچا ۋاڭ ئوردىسى، كۈسەن مۇزېيى، كۇچا چوڭ نان شەھىرى، ئۇچا كەچلىك بازىرى سىزنىڭ بىر كۈنىڭىزنى ئاجايىپ مەنالارغا تولدۇرىدۇ. ئۇنداقتا، ئالدىن بىر كۆرۈپ باقامسىز؟>>>

6-ئاينىڭ 4-كۈنى كەچتە، شەھەر ئاھالىلىرى كۇچا شەھىرىنىڭ دۇڭخۇ باغچىسىدا سەيلە قىلىپ، ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش ۋاقىتلىرىدىن خۇشال-خۇرام بەھرىلەنمەكتە. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.