تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

مايتاغ-كۇچا تاشيولى پات ئارىدا «ئۇيقۇدىن ئويغىنىدۇ»

تېمپېراتۇرىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا پات ئارىدا قاتناش باشلىنىدۇ

ئاپتوموبىل ئىگىلىرى بەك تەقەززا بولۇپ كەتتىڭلارغۇ دەيمەن؟

مانا ئەڭ يېڭى ئەھۋالدىن خەۋەردار بولۇڭلار!

يېقىندا

بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى خېجىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى

ئىلى تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى نارات شۆبە ئىدارىسى بىلەن بىرلىشىپ

مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قار تازىلاش، شېغىل تازىلاش ۋە يول يوشۇرۇن خەۋپىنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى

ھازىرغىچە

G217 لىنىيەسىنىڭ بايىنغولىن ئوبلاستى تەۋەلىكىدە يوللاردىكى قارلارنى تازىلاش، يوشۇرۇن خەۋپنى رەتكە تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈش خىزمىتى تاماملاندى

قاتناش ساقچىلىرى، تاشيول تارماقلىرى يولدىكى يوشۇرۇن خەۋپلەرگە قارىتا تۈزەش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئېلىپ بېرىپ،

ئاخىرىدا لىنىيە بويىدىكى تاغ گەۋدىسىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ قاتناشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋاقتىنى بېكىتىدۇ

مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىنىڭ گۈزەل مەنزىرىسى

 ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى  لەي يۈنىڭ فوتوسى

    ئىگىلىنىشىچە، مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا ھەر يىلى 11-ئاينىڭ بېشىدىن كېيىنكى يىلى 5-، 6-ئايغىچە قېلىن قار سەۋەبلىك قاتناشقا چەك قويۇلىدىكەن، كېلەر يىلى تېمپېراتۇرا ئۆرلىگەندىن كېيىن، ئاندىن قاتناش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدىكەن. بۇ يىل مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلىنىشتىن بۇرۇن، خېجىڭ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترىتى ئالدىن مۇلازىمەت قىلىپ، كەڭ ساياھەتچىلەرگە بىخەتەر، تەرتىپلىك، مەدەنىي، ئىناق بولغان ساياھەت قاتناش مۇھىتى ياراتتى. بىر تەرەپتىن، تەۋەلىكىدىكى G217 لىنىيەسى، G218 لىنىيەسى ۋە S321 لىنىيەسى قاتارلىق نۇقتىلىق يول بۆلەكلىرىدە باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، 24 سائەت كېچە-كۈندۈز ئۈزۈلدۈرمەي يول يۈزىنى چارلاپ تەكشۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى، يەنە بىر تەرەپتىن، قوشنا جايدىكى قاتناش ساقچى چوڭ ئەترەتلىرى بىلەن ھەمكارلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، ھاۋارايى ئەھۋالىدىن ئۆزئارا خەۋەرلەندۈرۈپ ۋە قاتناشقا چەك قويۇش تەدبىرى قوللىنىپ، قاتناشنى راۋانلاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىدى.

مايتاغ-كۇچا تاشيولىغا جەزمەن بېرىش ئارزۇسى بار دوستلار

بىزگە داۋاملىق دىققەت قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭلار

بىز قاتناش باشلانغانلىق ئۇچۇرىنى بىرىنچى ۋاقىتتا ئېلان قىلىمىز!

«شىنجاڭ ياخشى جاي» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.