مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلىنىدۇ
سىز ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەرنى
رەتلەپ چىقتۇق
كۆرۈپ بېقىڭ...
1. مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا قاتناش باشلىنىدىغان ۋاقىت؟
ئىلگىرىكى يىللاردىكى قاتناش باشلانغان ۋاقىت:
2016-يىلى: 6-ئاينىڭ 14-كۈنى، 2017-يىلى: 5-ئاينىڭ 30-كۈنى
2018-يىلى: 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، 2019-يىلى: 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
2020-يىلى: 6-ئاينىڭ 13-كۈنى، 2021-يىلى: 7-ئاينىڭ 4-كۈنى
2022- يىلى: (بۈگۈن)6-ئاينىڭ 10-كۈنى قاتناش باشلىنىدۇ
مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا ھەر يىلى پەقەت تۆت ئايدىن كۆپرەك ۋاقىتلا ئاپتوموبىل قاتنايدۇ، تەخمىنەن 10-ئاي ئەتراپىدا قاتناش توختىتىلىدۇ، قار-مۇزلارنىڭ ئەھۋالىغا قارايمىز.
2. مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا راستتىنلا «بىر كۈندە تۆت پەسىل»نى ھېس قىلغىلى بولامدۇ؟
جاۋاب: شۇنداق، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 561 كىلومېتىر، يېرىم يول بۆلىكىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2000 مېتىردىن ئاشىدۇ، يول بويىدا نۇرغۇن ئېگىز تاغ جىلغا ئېغىزلىرى بار بولۇپ، بىر كۈندە تۆت پەسىلنى كۆرۈپلا قالماي، يەنە ئون چاقىرىم ئارىلىقتا ئوخشاش بولمىغان كۈنلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ.
3. مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ قايسى يېرىدە قارنى كۆرگىلى بولىدۇ؟
جاۋاب: قاشلىغىن داۋىنىدا كۆرگىلى بولىدۇ، دېڭىز يۈزىدىن 3400 مېتىر ئېگىز بولۇپ، تاغ چوققىسىدىكى قار-مۇزلار يىل بويى ئېرىمەيدۇ، يازدىمۇ قار ئېتىشىپ ئوينىيالايسىز.
4. مايتاغ-كۇچا تاشيولى قانداق بۆلەكلەرگە بۆلۈنىدۇ؟ كىلومېتىر سانى قانچىلىك؟
شىمالىي بۆلىكى: مايتاغ __ نارات نۆل كىلومېتىردىن 230 كىلومېتىرغىچە، ئاپتوموبىللىق مۇساپە بەش سائەت.
ئوتتۇرا بۆلىكى: نارات نۆل كىلومېتىر __ بايىنبۇلاق بازىرى 61 كىلومېتىرغىچە، ئاپتوموبىللىق مۇساپە 1.5 سائەت
جەنۇبىي بۆلىكى: بايىنبۇلاق بازىرى __كۇچا 270 كىلومېتىر، ئاپتوموبىللىق مۇساپە بەش سائەت.
5. مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا سۈرئەتكە چەك قويۇلامدۇ؟
جاۋاب: سۈرئەتكە چەك قويۇلىدۇ! پۈتۈن مۇساپىدە ھەرىكەتچان سۈرئەت ئۆلچەش سائەتلىك سۈرئىتى 40 كىلومېتىردىن 60 كىلومېتىرغىچە بولىدۇ، شۇڭا ئالدىراپ ماڭماڭ.
6. مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ ئاپتوموبىل تىپى چەكلىمىسى بارمۇ؟
جاۋاب: بار! پەقەت يەتتە كىشىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن تىپتىكى ئاپتوموبىللارنىڭ يۈرۈشىگە يول قويۇلىدۇ.
7. مايتاغ-كۇچا تاشيولىدىن ھەق ئېلىنامدۇ؟
جاۋاب: ئېلىنىدۇ! كۇچا شەھىرىگە 10 كىلومېتىر قالغاندا ھەق ئېلىش پونكىتى بار بولۇپ، 20 يۈەن ئەتراپىدا ھەق ئېلىنىدۇ.
8. مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا كېتىۋاتقاندا يول بويىدا توختاپ تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئۇچۇرسا ياكى سۈرەتكە تارتسا بولامدۇ؟
جاۋاب: بولىدۇ، پۈتۈن مۇساپىدىكى يول بويىدا 33 ئاپتوموبىل توختاش ئورنى بار، ئارام ئېلىشقا، سۈرەتكە تارتىشقا، تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئۇچۇرۇشقا ئاساسىي جەھەتتىن يول قويۇلىدۇ.
9. يول بويىدىكى تازىلىق ئۆيى قولايلىقمۇ؟
جاۋاب: شىمالىي بۆلەكتە تازىلىق ئۆيى بىرقەدەر كۆپ، ئوتتۇرا بۆلەك ۋە جەنۇبىي بۆلەكتە بىرقەدەر ئازراق، ئومۇمىي جەھەتتىن بىرقەدەر قولايلىق.
10. مايتاغ-كۇچا تاشيولىدا ئېگىزلىك رېئاكسىيەسى بارمۇ؟ دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز يېرى قانچىلىك؟
جاۋاب: دېڭىز يۈزىدىن ئەڭ ئېگىز يېرى 3400 مېتىر ئەتراپىدا بولۇپ، ئاساسلىقى قاشلىغىن داۋىنىدا، پەقەت قىسقا ۋاقىتتىلا ئۆتۈپ كەتكىلى بولىدۇ، ئاساسىي جەھەتتىن ئېگىزلىك رېئاكسىيەسى يوق.
11. يول بويىدىكى ماي قاچىلاش پونكىتلىرى قەيەردە؟
بىرىنچى: مايتاغ
ئىككىنچىسى: چورما
ئۈچىنچى: نارات يايلىقى
تۆتىنچى: بايىنبۇلاق يايلىقى
بەشىنچى: تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسىدىن ئانچە يىراق ئەمەس، كۆكئېرىق كەنتىدە.
ئەڭ ئاخىرقىسى: كۇچا شەھىرى
12. مايتاغ-كۇچا تاشيولى بويىدا قايسى مەنزىرە نۇقتىلىرى بار؟
جاۋاب: مايتاغ چوڭ جىلغىسى، تاڭبالى يايلىقى، نارات يايلىقى، بايىنبۇلاق يايلىقى، چوڭ-كىچىك ئەجدىھا كۆلى، تىيانشان سىرلىق چوڭ جىلغىسى، بۈركۈت جىلغىسى بار.
13. قاتناشقا چەك قويۇشقا دۇچ كەلگەندە قانداق ئايلىنىپ ئۆتۈش كېرەك؟
بىرىنچى: كىرىش ئېغىزىدىكى قاتناشقا چەك قويۇش: بىۋاسىتە سايرام كۆلى تەرەپكە مېڭىپ غۇلجىغا كىرىش
ئىككىنچى: چورما ئەتراپىدىكى قاتناشقا چەك قويۇش: تاڭبالى يۈز چاقىرىملىق رەسىم كارىدورىدىن مېڭىپ غۇلجىغا كىرىش
ئۈچىنچى: ناراتتا قاتناشقا چەك قويۇش: نارات يۆنىلىشىدە مېڭىپ غۇلجىغا كىرىش ياكى
كۈنەس تەرەپكە مېڭىپ تۇرپان ياكى جەنۇبىي شىنجاڭغا بېرىش.
تۆتىنچى: كۇچا قارشى يۆنىلىشتە قاتناشقا چەك قويۇش: بىۋاسىتە كورلا يۆنىلىشتە مېڭىپ ئۈرۈمچىگە قايتىش ياكى جەنۇبقا مېڭىپ قەشقەر ۋىلايىتىگە بېرىش.
14. مايتاغ ____ كۇچا تاشيولى بويىدا قەيەردە ياتاق بار؟ شارائىتى قانداقراق؟
①مايتاغ \كۈيتۈن: مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ باشلىنىش نۇقتىسىدا بولۇپ، ياتاق شارائىتى بىرقەدەر ياخشى، تاماق يەيدىغان يەر كۆپ.
②تاڭبالى يايلىقى: مېھمانساراي كۆپ ئەمەس، چارۋىچىلارنىڭ كىگىز ئۆيىدە قونۇشنى تاللىسىمۇ بولىدۇ، تاماق يەيدىغان يەر كۆپ ئەمەس.
③نارات بازىرى: مېھمانساراي، پۇقراۋى قونالغۇلار بىرقەدەر كۆپ، تاللاشقا بولىدىغان ئۆيلەر بىرقەدەر كۆپ، تاماق يېيىشمۇ قولايلىق.
④بايىنبۇلاق بازىرى: مېھمانساراي، پۇقراۋى قونالغۇلار بىرقەدەر كۆپ، تاللاشقا بولىدىغان ئۆيلەر بىرقەدەر كۆپ، لېكىن چوقۇم ئالدىن زاكاز قىلىش كېرەك.
⑤كۇچا شەھىرى: مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسى، ياتاق شارائىتى بىرقەدەر ياخشى، تاماق يەيدىغان يەرلەرمۇ كۆپ.
15. غۇلجا + مايتاغ _ كۇچا تاشيولىدا ئىچكىرىلەپ ساياھەت قىلىش ئۈچۈن قانداق ماڭىدۇ؟
تەۋسىيە قىلىش سەۋەبى:
1. بىر قېتىمدىلا شىنجاڭدىكى ئۈچ چوڭ تاشيولنى كۆرگىلى بولىدۇ. S101، غۇلجا-موڭغۇلكۈرە، مايتاغ-كۇچا تاشيولى.
2. غۇلجىنى ئىچكىرىلەپ ساياھەت قىلغىلى بولىدۇ، داڭلىق مەنزىرە رايونى ۋە توردا ئالقىشلانغان مەنزىرە نۇقتىلىرىنىڭ ھەممىسى بار.
3. لىنىيەدە يولغا ئالدىراپ تېز مېڭىشقا بولمايدۇ، كۈندىلىك ئاپتوموبىل مۇساپىسىنى تۆت سائەتتىن ئاشۇرماي، ئازادە، كەڭ-كۇشادە ساياھەت قىلىشقا ماس كېلىدۇ.