تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەدەنىيەت - ساياھەت

كۇچا كونا شەھىرى، سىزنى ئۇچراتقىنىمدىن خۇشالمەن

    بىر شەھەر قانچىلىك ۋاقىتنى باشتىن كەچۈرسە ئاندىن ئۇنى قەدىمىي دېيىشكە بولىدۇ؟ بىر ئادەم قانچىلىك ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتسە ئاندىن قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا يېتىپ بارالايدۇ؟

    قارلىق تاغلاردىن ھالقىپ، جىلغىلاردىن ئۆتۈپ، بايىنبۇلاق يايلىقى بىلەن خوشلىشىپ، قىزىل رەڭلىك تاغ جىنسلىرىنى كۆرگىنىڭىزدە، مايتاغ-كۇچا تاشيولىنىڭ ئاخىرقى بېكىتى كۇچاغا ئاز قالغان بولىسىز.

图片

    كۇچاغا كەلسىڭىز چوقۇم كۇچا كونا شەھىرىنى كۆرۈپ كېتىڭ.

    كۇچا كونا شەھىرىگە يېڭى كەلگەندە، سىزنى بۇ يەردىكى رەڭگارەڭ ئىشىك-دېرىزىلەر ئەڭ بۇرۇن جەلپ قىلسىمۇ، ئەمما سىزنى ھەقىقىي ئۆزىگە مەپتۇن قىلىدىغىنى يەنىلا بۇ يەرنىڭ قەدىمىيلىكى، ئازادىلىككە، ئىللىقلىققا تولغان تۇرمۇش شەكلىدۇر.

图片

سۈرەت مەنبەسى: SkylarTAM@شياۋخۇڭشۇ (小红书)

  تار كوچىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى ياغاچ دەرۋازىلار ئۆزگىچە خاسلىققا ئىگە بولۇپ، بەزىلىرىگە گۈل-گىياھلار نەقىشلەنگەن، بەزىلىرى قاڭالتىر بىلەن ئورالغان، ئۇلاردا ئاددىي گۈزەللىك ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ، گۈللەر نەقىشلەنگەن ھەربىر ياغاچ دەرۋازىدىن ھويلىغا كىرىپ كەلسىڭىز، تىزىلغان تەشتەك-تەشتەك گۈللەرنىڭ ھويلىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىگەنلىكىنى كۆرىسىز.

图片

سۈرەت مەنبەسى: سىسى چىچى (肆肆柒柒)@شياۋخۇڭشۇ (小红书)

    «ئىتتىپاق كۆۋرۈكى» كۇچا كونا شەھىرىنىڭ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ. ھەر يىلى يازدىكى كەلكۈن مەزگىلىدە، بۇ يەردە ئەكسىچە دەريا قېنى قۇرۇپ چارۋا-مال سودىسى قىلىدىغان ياخشى جايغا ئايلىنىدۇ، ھەر جۈمە كۈنى كۇچانىڭ بازار كۈنى بولۇپ، قاينام-تاشقىنلىققا چۆمىدۇ.

سۈرەت مەنبەسى: شياۋيۈەنزى چۈەنچۈەن (小圆子圈圈)@شياۋخۇڭشۇ (小红书)

    كۇچادا ھەممە كىشى ياقتۇرىدىغان بىر ئاۋات كوچا بار، ئۇ بولسىمۇ رەستە كوچىسى، بۇ كۇچا كونا شەھىرىگە كەلگەنلەر چوقۇم بارىدىغان جاي. كوچا ئاۋات بولسىمۇ، ئەمما شاۋقۇن-سۈرەندىن خالىي.

图片

سۈرەت مەنبەسى: Boom مىخۇا (Boom米花)@شياۋخۇڭشۇ (小红书)

    رەستە كونا كوچىسىنى بويلاپ ئاخىرىغىچە ماڭغاندا، داڭلىق كۇچا ۋاڭ ئوردىسىغا بارىمىز. بۇ يەردە ئايلىنىپ ماڭسىڭىز قارا رەڭلىك ۋىۋىسكىغا كۈسەن مۇزېيى دەپ يېزىلغانلىقىنى كۆرىسىز، دەرۋازىنىڭ ئىككى تەرىپىدە قىزىل رەڭلىك ئاليۇمىن تۈۋرۈك بولۇپ، كۈسەننىڭ ئۇزاق مەزگىللىك تارىخىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ.

图片

توردىن ئېلىنغان سۈرەت

    كۇچا چوڭ نان شەھىرى نان ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش مەركەزلەشكەن جاي بولۇپلا قالماي، يەنە خەلق ئۆرپ-ئادىتى ساياھەت رايونى بولۇپ، ئومۇمىي كۆلىمى 20 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدىكى سودا رايونىدا نان مەدەنىيىتى كۆرگەزمىخانىسى، مىللەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە يېمەك-ئىچمەك رايونى، چوڭ نان ئىشلەپچىقىرىش سېخى، چوڭ نان كۆرگەزمە، سېتىش زالى قاتارلىقلار بار، ھەر يىلى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلىدۇ.

图片

توردىن ئېلىنغان سۈرەت

图片

توردىن ئېلىنغان سۈرەت

    كۇچادا، قورساق غېمىنى قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. كۇچا نېنى باشقا جايلارنىڭكىدىن خېلىلا چوڭ، كاۋىپىمۇ بىر ھەسسە چوڭ، ئۇزۇن ئۆتكۈزۈلگەن قوي گۆشى كاۋىپىنى پۇخادىن چىققۇچە يېيەلەيسىز.

    كىشىلەر بىر شەھەرنىڭ يەرلىك ئېسىل تائاملىرىنى كەچلىك بازاردىن تاپقىلى بولىدۇ دېيىشىدۇ.

    كۇچادىمۇ دەل شۇنداق، ئۇچا كەچلىك بازىرى كەچ كىرىشى بىلەنلا قاينام-تاشقىنلىققا چۆمىدۇ.

图片

سۈرەت مەنبەسى: لاۋشاپىنىڭ باھارى (老沙皮的春天)@شياۋخۇڭشۇ (小红书)

    چىراغلار چاقناپ تۇرىدىغان كەچلىك بازارنى ئىس-تۈتەك قاپلاپ، تائاملارنىڭ مەززىلىك ھىدى ئەتراپنى بىر ئالىدۇ، تونۇر كاۋاپ، جياۋماجى، پىشقان قوي كاللىسى، ئەنجۈر، ئانار، قوغۇن قاتارلىق ھەممە نازۇ-نېمەت كىشىنىڭ ئىشتىھاسىنى ئاچىدۇ.

图片

سۈرەت مەنبەسى: SkylarTAM@شياۋخۇڭشۇ (小红书)

    ئەگەر كۇچاغا كەلمەكچى بولسىڭىز، كۇچا كونا شەھەر رايونى ئۈچۈن بىر كۈن ۋاقىت ئاجرىتىڭ، بۇ يەردە كۇچانىڭ ئۆزگىچە سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلالايسىز!

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.