تەڭرىتاغ تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

‹‹لۇ ئانام بەك كۆيۈمچان››

  ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز قەھرىمان روزى

  باي ناھىيەسى ناھىيە بازىرىنىڭ مەيىن شامال مەھەللىسىدە ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئون ئۇيغۇر بالىنىڭ تەربىيەلىنىشى، ئۆسۈپ يېتىلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان لۇ تيەنشىن ئىسىملىك بىر خەنزۇ ‹‹ئانا›› بار. بالىلار ئۇنى ‹‹ئانا! مۇئەللىم!›› دەپ چاقىرىشىدۇ.

  لۇ تيەنشىن بۇ يىل 49 ياشقا كىرگەن خۇشخۇي مىجەزلىك، چىقىشقاق ئايال. ئۇ كىمنىڭ ئۆيىدە قىيىنچىلىق بولسا، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم قىلىدۇ. ئۇ بىر كۈنى كەچتە ئۆيىگە كېلىپ، خېلى كەچ بولۇپ قالغان بولسىمۇ قوشنىسىنىڭ بالىسىنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئاتا – ئانىسىنىڭ ئىشتىن كېلىشىنى ساقلاپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇ بالىنى ئۆيىگە ئەكىرىپ، تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەتكۈزدى. كېيىن ئۇ ئەھۋال ئىگىلەش ئارقىلىق بۇ ئولتۇراق رايوندا كۆپ ساندىكى ئاتا – ئانىلارنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، بالىلىرىنىڭ تەربىيەلىنىشىگە ئەھمىيەت بېرەلمەيۋاتقانلىقىنى بايقىدى. شۇنىڭ بىلەن، ئۇ مەھەللىدىكى ئون نەچچە بالىنى يىغىپ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا، تەربىيەلەشكە كىرىشتى. ئۈچ يىل شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ كەتتى.

  يەتتە ياشلىق ئېرپان ئېزىزنىڭ ھەر كۈنى مەكتەپتىن قايتقاندىكى كۆپ ۋاقتى لۇ تيەنشىننىڭ ئۆيىدە ئۆتىدۇ. لۇ تيەنشىن خۇددى ئۆز بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالغاندەك ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، دەرسلىرىنى تەكرارلاپ بەردى، دۆلەت تىلى ئۆگەتتى، ئۇ ھازىر ناھىيەلىك قار لەيلىسى باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئوقۇۋاتقان بولسىمۇ، مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپلا ئادىتى بويىچە ئۇدۇل لۇ تيەنشىننىڭ ئۆيىگە كىرىپ، دەرس تەكرارلايدۇ. ئۇ مۇنداق دېدى: لۇ ئانام بەك كۆيۈمچان، ماڭا ئۆز ئانامدەك ياخشى قارايدۇ، ھەر كۈنى ئۆيىگە كىرسەم مېنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، ماڭا نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگىتىپ قويدى.

  لۇ تيەنشىن ئەسلىي ئىش ئورنىدىن قالغانىدى. ھازىر ئۇنىڭ تەربىيەسى ۋە يېتەكلىشى بىلەن، بالىلارنىڭ دۆلەت تىلى سەۋىيەسى ۋە باشقا دەرسلەردىكى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى.

  مەھەللىدىكى پاتىگۈل مەمەتنىڭ خىزمىتى ئالدىراش بولغاچقا، بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىشقا ۋاقتى يەتمەيتتى، لۇ تيەنشىن ئۇنىڭ قىيىنچىلىقىنى بىلگەندىن كېيىن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭغا بالىسىنى ئۆز ئۆيىگە ئەكىلىپ قويۇشنى ئېيتتى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۇلار يېقىن دوستلاردىن بولۇپ قالدى. پاتىگۈل مۇنداق دېدى: لۇ ئاچامنىڭ ياردىمىدە بالام دۆلەت تىلى دەرسىدە 100 نومۇر ئالدى، مۇئەللىملەرمۇ ئىنتايىن خۇشال بولدى، لۇ ئاچامغا كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. بىز تونۇشقان بىر نەچچە يىلدىن بۇيان بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك ئۆتۈپ كېلىۋاتىمىز.

  لۇ تيەنشىن ئۆيىدە بالىلارغا دەرس تەكرارلاپ بەرگەندىن باشقا، رەسىم سىزىش، قەغەز قىيما قىيىش قاتارلىق ھۈنەرلەرنى ئۆگەتتى. ئۇنىڭ ناھىيەلىك 2 – باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ 6 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان 12 ياشلىق قىزى ئەن شۆلەنمۇ بالىلار بىلەن ياخشى دوستلاردىن بولۇپ قالدى. ئەن شۆلەن مۇنداق دېدى: مېنىڭ دوستلىرىم كۆپ، مەن ئۇلاردىن چوڭ، ئۇلار مېنى كۆرسىلا ‹‹ئاچا›› دەپ يېقىملىق چاقىرىشىدۇ، ۋاقتىمىز بولسىلا بىر يەرگە جەم بولۇپ بىللە ئوينايمىز.

  لۇ تيەنشىن مۇنداق دېدى: مەن بالىلارغا دەرس تەكرار قىلىپ بەرگەندىن بۇيان، بالىلارمۇ بەك تىرىشتى، بەزى بالىلار مۇكاپاتلاندى ھەم تەقدىرلەندى، تارتقان جاپايىمنىڭ بىكارغا كەتمىگەنلىكىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم كۆتۈرۈلۈپ قالدى، ئاتا – ئانىلارنىڭمۇ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتىم، ھازىر ئۆيۈمدە تەربىيەلىنىۋاتقان بالىلار ئون نەچچىگە يېتىدۇ، ئۇلار مېنى ‹‹ئانا›› دەپ چاقىرغىنىدا كۆڭلۈم يايراپ كېتىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ يېڭى تاراتقۇلار مەركىزىگە تەۋە، ھەرقايسى تاراتقۇلار كۆچۈرۈپ تارقاتقاندا « تەڭرىتاغ تورى » دەپ مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىشى كېرەك، بولمىسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

  • بوشلۇقتىن سۈرەتكە تارتىلغان شىنجاڭ丨چۆل-باياۋان بوستانلىق باغقا ئايلاندى ئاقسۇ ۋىلايىتى خاس باغۋەنچىلىك كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇردى
  • شىنجاڭدىكى ئالقىشقا ئېرىشكەن كىتابخانىلارنى داكا قىلىش④ | 30 يىلدىن بۇيان ئىزچىل ئېچىلىپ كەلگەن «شەھەر كىتابخانىسى»
  • بازاردىكى يېڭى ئىشلار ①丨قومۇلدىكى بۇ بازارغا داۋالاش مۇتەخەسسىسلىرى كەلدى؟ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ھەممىسى تونۇيدۇ