شىنجاڭ شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاشنى ماسلاشتۇرۇش لايىھەسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى «ئەڭ ياخشى يېشىم» بىلەن تەمىنلەش
شىنجاڭ بويىچە يەككە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى − قومۇل شىسەنجيەنفاڭ 1 مىليون كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىنى جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى شامال ئېلېكتىر تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جۇڭگو كېمىسازلىق شامال ئېلېكتىر شىركىتى» دېيىلدى) قومۇل شەھىرىدە مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بولۇپ، 100 چاقىرىملىق شامال رايونى − قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونىدىكى شىسەنجيەنفاڭ رايونىغا جايلاشقان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 231 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى رايون ھالقىپ ئۇلانغان يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، تۈردىكى تۇنجى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقاتتى، 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى پۈتۈن سىغىم مىقدارى بويىچە تورلاشتۇرۇپ توك تارقىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھازىرغىچە جەمئىي 750 مىليون كىلوۋات سائەت توك تارقىتىلدى.