شىنجاڭ گېزىتى، قومۇل، 3 - ئاينىڭ 30 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، شىنجاڭ بويىچە يەككە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن زاپاس ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى − قومۇل شىسەن جيەنفاڭ مىليون كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن زاپاس ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىنىڭ تۇنجى شامال گېنېراتورى مۇۋەپپەقىيەتلىك تورلاشتۇرۇلۇپ توك چىقاردى.
بۇ تۈرنى جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى شامال ئېلېكتىر تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى قومۇل شەھىرىدە مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى رايون ھالقىپ ئۇلانغان يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى ھېسابلىنىدۇ. بۇ تۈرنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 231 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھىنىڭ 150 دانە خەيجۇاڭ 6.7 — H176 مېگاۋاتلىق تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئورنىتىلغان، جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى قارىمىقىدىكى فېڭفەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئىشلەپچىقارغان 300 مىڭ كىلوۋات\ 1 مىليون 200 مىڭ كىلوۋات سائەتلىك ئېنېرگىيەنى زاپاس ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى يۈرۈشلەشتۈرۈپ قۇرۇلغان، شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن زاپاس ساقلاشنى ماسلاشتۇرۇپ كونترول قىلىش تېخنىكىسى قوللىنىلغان، شامال بايلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئۆز جايىدا ئىشلىتىش، پايدىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئېنېرگىيە زاپاس ساقلاش سىستېمىسى ئېلېكتىر تورىنىڭ تەڭشىشىنى قوبۇل قىلالايدىغان بولۇپ، ئېلېكتىر تورىنىڭ قوشۇمچە مۇلازىمىتىگە قاتنىشىپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى تورغا چىقىرىشنىڭ تەۋرىنىشچانلىقىنى ياخشىلاپ، توك بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئىشەنچلىكلىكىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرگەن.
بۇ تۈرنىڭ دىرېكتورى پەن جىندۇڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: 6.7 − H176 مېگاۋاتلىق شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ياپراقچە يېنىك بولۇش، ئاساس قاتلىمى بىر گەۋدىلىشىش، يۈرۈشۈشى ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش قاتارلىق ئەۋزەللىك، ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئادەتتىن تاشقىرى تۆۋەن تېمپېراتۇرا، يۇقىرى تېمپېراتۇرا قاتارلىق ناچار كىلىمات مۇھىتىغا ماسلىشالايدۇ، نۆل توك بېسىمى، تۆۋەن توك بېسىمى ۋە يۇقىرى توك بېسىمىدىن ھالقىپ ئۆتىدىغان ئېلېكتىر تورىغا ماسلىشىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان، شامال ئېلېكتىر ئىستانسىسى تەكسە باھالىق چوڭ بازىسىنىڭ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى جەھەتتىكى مۇھىت سۆيەر بولۇش، ئېلېكتىر تورىغا دوستانە بولۇش، ئاسراشتا دوستانە بولۇش، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى يەتكۈزۈش، يۈرۈشلەشتۈرۈشتە دوستانە بولۇش ئېھتىياجىنى تولۇق قاندۇرالايدۇ. ئېنېرگىيە زاپاس ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى قۇرۇلمىسىنىڭ ئىقتىدارى ئالدىنقى قاتاردا، بىخەتەر، مۇقىم بولۇپ، يىراق مۇساپىلىك ئاسراش بىخەتەرلىك مۇلازىمەت سىستېمىسى سەپلەنگەن، پۈتۈن ئىستانسىنىڭ يىل بويى يىراق مۇساپىلىك بىخەتەرلىك مۇلازىمىتىنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ، كەسىپتە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىمقى تورلاشتۇرۇش لىنىيەسى لايىھەسىدە، دىققەت شىنجاڭنىڭ 750 كىلوۋولتلۇق تارىم ئويمانلىقىنى چۆرىدىگەن ئايلانما تورلۇق ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتىگە زىچ مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، يېقىن ئەتراپقا ئۇلاش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇلۇپ، رايون چەكلىمىسى بۇزۇپ تاشلىنىپ، قومۇل، تۇرپان ئىككى جاينى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتىدىغان يېشىل توكنى تورغا چىقىرىش تاماملىنىپ، ئېلېكتىر تورىنى ئۇلاش ئەندىزىسىدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈچۈن پايدىلىق ئۈلگە كۆرسىتىلگەن.
بۇ تۈر رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، ھەر يىلى تەخمىنەن 3 مىليارد كىلوۋات سائەت پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدۇ، بۇ، ھەر يىلى تەخمىنەن 900 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجەپ، تەخمىنەن 2 مىليون 800 مىڭ توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدىنى قويۇپ بېرىش مىقدارىنى ئازايتقانغا باراۋەر.