تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

​شىنجاڭ شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاشنى ماسلاشتۇرۇش لايىھەسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى «ئەڭ ياخشى يېشىم» بىلەن تەمىنلەش

كۆپ خىل ئەۋزەللىكنى گىرەلەشتۈرۈپ​

شىنجاڭ شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاشنى ماسلاشتۇرۇش لايىھەسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى «ئەڭ ياخشى يېشىم» بىلەن تەمىنلەش

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

ئەڭ كۈچلۈك شامال، ئەڭ ياخشى ئېچىش لايىھەسى تۈزۈش، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ھەم يۈرۈشلۈك ئېنېرگىيە زاپاس ساقلاش جابدۇقلىرىنى دەل جايىدا سەپلەش ئارقىلىق تۈرلۈك ئەۋزەللىكلەر گىرەلىشىپ، شىنجاڭ شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاشنى ماسلاشتۇرۇش لايىھەسىنىڭ بەرپا قىلىنىشىنى «ئەڭ ياخشى يېشىم» بىلەن تەمىنلىدى.

8 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، «شامال ۋە قۇياش نۇرىنى قوغلىشىپ، شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى قومۇل شەھىرىگە كېلىپ، شىنجاڭ بويىچە يەككە كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى − قومۇل شىسەنجيەنفاڭ 1 مىليون كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىنى زىيارەت قىلىپ، نەق مەيداندا بۇ تۈرنىڭ قانداق قىلىپ شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاشنى ماسلاشتۇرۇش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ شامال بايلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشلىتىش، پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى ئىگىلىدى.

بۇ تۈرنى جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى شامال ئېلېكتىر تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «جۇڭگو كېمىسازلىق شامال ئېلېكتىر شىركىتى» دېيىلدى) قومۇل شەھىرىدە مەبلەغ سېلىپ قۇرغان بولۇپ، 100 چاقىرىملىق شامال رايونى − قومۇل شەھىرى ئىۋىرغول رايونىدىكى شىسەنجيەنفاڭ رايونىغا جايلاشقان، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى تەخمىنەن 231 كىۋادرات كىلومېتىر بولۇپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى رايون ھالقىپ ئۇلانغان يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. بۇ يىل 3 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، تۈردىكى تۇنجى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى تورلاشتۇرۇلۇپ توك تارقاتتى، 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى پۈتۈن سىغىم مىقدارى بويىچە تورلاشتۇرۇپ توك تارقىتىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھازىرغىچە جەمئىي 750 مىليون كىلوۋات سائەت توك تارقىتىلدى.

«شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ ئېچىش لايىھەسى تۈزۈپ، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇش كېرەك، بۇ تۈر دەل بۇ ئېچىش ئىدىيەسىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىسى.» جۇڭگو كېمىسازلىق شامال ئېلېكتىر شىركىتى شامال ئېلېكتىر مەيدانى تىجارەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شۇەي مۇنداق تونۇشتۇردى: تۈر تۇرۇشلۇق جايدا بىر يىلدا 200 نەچچە كۈن 8 بالدىن يۇقىرى بوران چىقىدۇ، ئەڭ چوڭ شامال سۈرئىتى سېكۇنتىغا 50.28 مېتىرغا يېتىدۇ. جۇڭگو كېمىسازلىق شامال ئېلېكتىر شىركىتى شۇ جاينىڭ بايلىق ئۈستۈنلۈكى ۋە تەبىئىي شارائىتىغا ئاساسەن ئېچىش لايىھەسى تۈزۈپ، تۈرگە جۇڭگو كېمىسازلىق گۇرۇھى خەيجۇاڭ 6.7 مېگاۋاتلىق تۆۋەن تېمپېراتۇرىلىق شامال ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ۋە 300 مىڭ كىلوۋات \ 1 مىليون 200 مىڭ كىلوۋات سائەتلىك ئېلېكتىرو خىمىيەلىك ئېنېرگىيە ساقلاش قۇرۇلمىسىدىن 150نى ئورناتتى ھەم جۇڭگو كېمىسازلىق شامال ئېلېكتىر شىركىتى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسىغان شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاشنى ماسلاشتۇرۇش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى ئورنىتىپ، شامال بايلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە ئىشلىتىش، پايدىلىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى تورغا چىقىرىشنىڭ تۇراقسىز بولۇش ئەھۋالىنى ياخشىلىدى.

ئىگىلىنىشىچە، شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاشنى ماسلاشتۇرۇش - تىزگىنلەش سىستېمىسىدىن ئىبارەت بۇ ئاچقۇچلۇق تېخنىكا تۈرى ئىلگىرى 2022 - يىللىق بېيجىڭ شەھىرىنىڭ مەركەزنىڭ يەرلىكنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىش مەخسۇس تۈرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش پىلانىغا كىرگۈزۈلگەن، ھالبۇكى، قومۇل شىسەنجيەنفاڭ 1 مىليون كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى دەل بۇ پەن - تېخنىكا نەتىجىسىنى ئايلاندۇرۇش ۋە ئۈلگە كۆرسىتىپ قوللىنىشتىكى ئاچقۇچلۇق ۋاسىتە بولغان. ئاقىل باشقۇرۇش - تىزگىنلەش سىستېمىسىنى يۈرۈشتۈرۈش ئارقىلىق، ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى توك قاچىلاش - توك تارقىتىشنى ئاپتوماتىك تىزگىنلەپ، توك ئىشلىتىشنىڭ تۆۋەن پەللىسىدە ئاپتوماتىك توك قاچىلايدۇ، توك ئىشلىتىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە ئاپتوماتىك توك تارقىتىدۇ، بىر قېتىملىق توك قاچىلاش - توك تارقىتىش مىقدارى 1 مىليون 200 مىڭ كىلوۋات سائەتكە يېتىدۇ، بۇ، ئۈچ جان بار 800 مىڭ ئائىلىنىڭ بىر كۈنلۈك توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى قامدىغانغا باراۋەر. بۇ تۈر پۈتۈن سىغىم مىقدارى بويىچە تورلاشتۇرۇلغاندىن بۇيان، شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاشنى ماسلاشتۇرۇش - تىزگىنلەش سىستېمىسى ئارقىلىق يۇقىرى پەللىدە بېسىمنى پەسەيتىش، تۆۋەن پەللىدە تولۇقلاشتەك تەڭشەش رولىنى كۈچلۈك جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنىڭ كۆلەملەشكەن تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىلمىي يول ئېچىپ بەردى.

قومۇل شىسەنجيەنفاڭ 1 مىليون كىلوۋاتلىق شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرى يەككە كۆلىمى ئەڭ چوڭ، گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ سانى كۆپ، شامال ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى زاپاس ساقلاشنى ماسلاشتۇرۇش - تىزگىنلەش شارائىتىدىكى يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش ھالىتى نىسبەتەن مۇرەككەپ بولۇش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، پىلانلاش، قۇرۇشنىڭ دەسلىپىدىلا «سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار + پاكىز ئېنېرگىيە» ئەندىزىسىنى يۇغۇرۇش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىدىغان شامال ئېلېكتىر مەيدانىغا ئايلانغان.

لى شۇەي مۇنداق تونۇشتۇردى: شامال ئېلېكتىر مەيدانى تىجارەت مەركىزى كەسىپلەشكەن قابىل يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش كوللېكتىپىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، شامال ئېلېكتىر مەيدانى سانلىق مەلۇماتىنى بېيجىڭ باش ئىشتابىنىڭ ئاقىل يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش سىستېمىسىغا كىرگۈزۈپ، مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپىدىن پايدىلىنىپ، شامال ئېلېكتىر مەيدانىنى يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش ئەھۋالىغا ئەمەلىي ۋاقىتتا ئاقىل دىياگنوز قويۇپ ۋە ئۇنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەھلىل قىلىپ، يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش جەريانىدىكى تاسادىپىي ئەھۋاللار ۋە قىيىن مەسىلىلەرگە قارىتا مۇتەخەسسىسلەر بىلەن بىرىنچى سەپتىكى كوللېكتىپ رايون ھالقىپ ھەمتۈرتكىلىك بىر تەرەپ قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتكۈل تۈردە تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ ئارقىلىق چارلاپ تەكشۈرۈش ئەندىزىسى قوللىنىلىپ، ئادەم كۈچى تەننەرخى زور دەرىجىدە تېجەلدى، يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى.

نۆۋەتتە، 1 مىليون كىلوۋاتلىق گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمىدىكى بۇ شامال ئېلېكتىر مەيدانىغا 20 كىشىلىك يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش كوللېكتىپى سەپلەنگەن بولۇپ، بىر ۋات ھەجىمدىكى يۈرۈشتۈرۈش - ئاسراش تەننەرخى ئاران بىر پۇڭ كېلىدۇ، ھازىرقى ساھە ئادەتتىكى ئۆلچىمىگە سېلىشتۇرغاندا، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش سەۋىيەسى ۋە قىممەت يارىتىش ئىقتىدارى رايون ئىچىدە خېلىلا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ.

ئىگىلىنىشىچە، تۈر يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ھەر يىلى تەخمىنەن 3 مىليارد كىلوۋات سائەت پاكىز ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدىكەن، بۇ، ھەر يىلى تەخمىنەن 900 مىڭ توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجەپ، تەخمىنەن 2 مىليون 800 مىڭ توننا كاربون (Ⅳ) ئوكسىدى قويۇپ بېرىش مىقدارى، 11 مىڭ توننا ئازوت - ئوكسىگېن بىرىكمىسى، 12 مىڭ 900 توننا ئىس - تۈتەك قاتارلىق زىيانلىق ماددىلارنى ئازايتقانغا باراۋەر ئىكەن، كۆرۈنەرلىك ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمگە ئىگە بولۇپ، شۇ جاينىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.