□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن
سەنيى ئېغىر سانائىتى ھاسىلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى (باركۆل) چوڭ مېگاۋاتلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق شامال ئېلېكتىر جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسىپلەر باغچىسىنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن قانات ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭدا ئىشلىتىلىۋاتقان ئەڭ ئۇزۇن قۇرۇقلۇق شامال ئېلېكتىر گېنېراتورى قانىتىنى ئۆز جايىدا ئىشلەپچىقىرىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن قانات ئىشلەپچىقىرىش بازىسى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر باغچە رايونىغا جايلاشقان. 8 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، بۇ بازىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدىكى ئىككى ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن بولۇپ، ئىشچىلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، غەيرىتى تولۇپ تاشقانىدى.
سەنيى ئېغىر سانائىتى ھاسىلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى (باركۆل) چوڭ مېگاۋاتلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق شامال ئېلېكتىر جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسىپلەر باغچىسى تۈرىنىڭ ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 675 مو بولۇپ، ئومۇمىي سېلىنمىسى 1 مىليارد يۈەن، ئاساسلىقى دۆلەت ئىچىدە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قۇرۇقلۇق شامال ئېلېكتىر پۈتۈن گېنېراتورى ۋە ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن قۇرۇقلۇق شامال ئېلېكتىر گېنېراتورى قانىتى ئىشلەپچىقىرىدۇ، ئۇ، سەنيى ئېغىر سانائىتى ھاسىلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ شىنجاڭدىكى مۇھىم چوڭ مېگاۋاتلىق شامال ئېلېكتىر ئاساسىي گېنېراتورى ھەم ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن قانات ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. بۇنىڭ ئىچىدە، شامال ئېلېكتىر پۈتۈن گېنېراتورى بازىسى 2023 - يىلى 11 - ئايدا پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، شۇ يىلى ئىشقا ئاشۇرغان مەھسۇلات قىممىتى 600 مىليون يۈەن بولدى. ئادەتتىن تاشقىرى ئۇزۇن قانات ئىشلەپچىقىرىش بازىسىنىڭ لايىھەدىكى يىللىق مەھسۇلات مىقدارى 1200 دانە بولۇپ، بۇ يىل 7 - ئايدا ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن بۇيان، شامال ئېلېكتىر گېنېراتورى قانىتىدىن 28نى ئىشلەپچىقاردى. شىركەتنىڭ مەھسۇلاتلىرى ئاساسلىقى شىنجاڭنىڭ شامال ئېلېكتىر تۈرىگە ئىشلىتىلىدۇ.
سەنيى ئېغىر سانائىتى ھاسىلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى (باركۆل) چوڭ مېگاۋاتلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق شامال ئېلېكتىر جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسىپلەر باغچىسى تۈرىنىڭ باش نازارەتچىسى چۇ شۇجې مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ كەسىپلەر باغچىسى بەش مېگاۋاتتىن 15 مېگاۋاتقىچە بولغان تىپتىكى گېنېراتورلارنى ئىشلەپچىقىرالايدۇ، ھازىرقى ئاساسلىق مەھسۇلاتى 6.75 مېگاۋاتلىق شامال ئېلېكتىر ئاساسىي گېنېراتورى بولۇپ، 94.5 مېتىردىن 136 مېتىرغىچە بولغان شامال ئېلېكتىر گېنېراتورى قانىتى ئىشلەپچىقىرالايدۇ. 136 مېتىر نۆۋەتتىكى ئەڭ ئۇزۇن قۇرۇقلۇق شامال ئېلېكتىر گېنېراتورى قانىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ھېسابلىنىدۇ.
«زاكازغا ئاساسەن، نۆۋەتتە ئاساسلىقى 95 مېتىر ۋە 112 مېتىردىن ئىبارەت ئىككى خىل شامال ئېلېكتىر گېنېراتورى قانىتى ئىشلەپچىقىرىۋاتىمىز.» سەنيى ئېغىر سانائىتى ھاسىلىي ئېنېرگىيە پاي چەكلىك شىركىتى (باركۆل) شامال ئېلېكتىر جابدۇق چەكلىك شىركىتىنىڭ ياسىمىچىلىق، باشقۇرۇش مەخسۇس خادىمى جاڭ تېڭفېي مۇنداق تونۇشتۇردى: شامال ئېلېكتىر گېنېراتورى قانىتىنىڭ چوڭ تىپلاشتۇرۇلۇپ ھەم قانات تىپىنىڭ كۆپ خىللاشتۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇلۇشىغا ئەگىشىپ، شىركىتىمىز دىققەتنى ھۈنەر - سەنئەتنى ئۆزگەرتىشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ماتېرىيالنى ئالدىن شەكىلگە كەلتۈرۈش، زاپچاسلارنى ئالدىن ياساش، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ تۈركۈملەپ ئالدىن ياساش قاتارلىق يادرولۇق تېخنىكىلارغا كۈچىدى ھەم قورساق تاختىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ بېسىش قاتارلىق ئىلغار جابدۇق تېخنىكىلىرىنى كىرگۈزۈپ، قانات ياساش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، مەھسۇلات سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلدى.
شىنجاڭ دۆلەت پىلانلاپ قۇرغان «ئۈچ بازا، بىر يول» ۋە چوڭ تىپتىكى پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭ ئىچىدە، مەملىكەت بويىچە شامال، يورۇقلۇق بايلىقى ئەڭ ياخشى رايونلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قومۇل يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتى شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ «شەرقىي دەرۋازىسى» دەپ ئاتالغان قومۇل شەھىرىنىڭ شامال ئېلېكتىر جابدۇق ياسىمىچىلىقى كەسپى تېز تەرەققىي قىلدى. نۆۋەتتە، قومۇل شەھىرىدە كۆلەمدىن يۇقىرى جابدۇق ياسىمىچىلىقى كارخانىسىدىن 14ى بولۇپ، شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرىنىڭ تۈرلۈك زاپچاسلىرىنى ئۆز جايىدا ياساش نىسبىتى %70تىن ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە 6 - چوڭ ۋە غەربىي شىمالدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، كەسىپ زەنجىرى ئەڭ تولۇق بولغان شامال ئېلېكتىر جابدۇق ياسىمىچىلىقى بازىسى بولۇپ قالدى.
قومۇل شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى دوۋ رېنسەي مۇنداق تونۇشتۇردى: قومۇل شەھىرى «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 - يولى قۇرۇلۇشى قاتارلىق مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ زەنجىر بەرپا قىلىش، زەنجىرنى ئۇزارتىش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى زورايتىشقا كۈچ سەرپ قىلدى. ھازىر بار بولغان ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭ، ھەتتا دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسمىدا ئېنېرگىيە جابدۇقلىرىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىش مەركىزى، ياسىمىچىلىق مەركىزى ۋە يىغىش - تارقىتىش مەركىزىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلىپ، دۆلەت دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە ياسىمىچىلىقىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش سۇپىسى بەرپا قىلىدۇ.