تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى چەكسىز بولۇپ، ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى جۇش ئۇردى

− شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىغا نەزەر

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى مول بولۇپ، يېشىل توك ھاسىل قىلىنىپ يىراققا يەتكۈزۈلدى.

شىنجاڭدا شامال ئېنېرگىيەسى، قۇياش ئېنېرگىيەسى بايلىقى مول بولۇپ، دۆلەتنىڭ «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىدا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى ھېسابلىنىدۇ. دۆلەتنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشى ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى پەللىدىن تۈرتكە بولۇشىدا، شىنجاڭدا «شامال ۋە قۇياش نۇرىنى قوغلىشىش» يېڭىچە ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئەندىزىسى بارلىققا كېلىپ، كۆپ مەنبە تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان، ماس تەرەققىي قىلىدىغان ئېنېرگىيە ئەندىزىسى تەدرىجىي شەكىللەنمەكتە.

بۇ يىل دەل «تۆت ئىنقىلاب، بىر ھەمكارلىق» ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى يېڭى ئىستراتېگىيەسى ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنىڭ 10 يىللىقى. 8 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن 30 ـ كۈنىگىچە، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات بۆلۈمى «شامال ۋە قۇياش نۇرىنى قوغلىشىپ، شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى، مەركەز تاراتقۇلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر تاراتقۇلىرى ۋە ئاپتونوم رايوندىكى تاراتقۇ مۇخبىرلىرىدىن تەشكىللەنگەن پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلىرىگە بېرىپ، شىنجاڭنىڭ شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى كەسپىنىڭ كۈچلۈك ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى نەق مەيداندا زىيارەت قىلدى ۋە ھېس قىلدى.

شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ۋەزىيىتى باشلاندى، يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى قوزغىتىلدى

بىپايان قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىدە، پارچە ـ پارچە يورۇقلۇق ۋولت تاختىلىرى ئورنىتىلىپ، قاتار تىزىلىپ، كەڭ تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، قۇياش نۇرىدا جىمىرلاپ، بىپايان قۇملۇقتا خۇددى كۆپكۆك دېڭىزدەك يېيىلىپ تۇراتتى. بىپايان چۆللۈكتە، رەت ـ رەت شامال كۈچى ئارقىلىق توك چىقىرىش گېنېراتورلىرى ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى، 100 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى قانات غۇيۇلداپ پىرقىراپ، چۆللۈكتە ئەڭ ھەيۋەتلىك مەنزىرىنى ھاسىل قىلغانىدى.

شىنجاڭ تۇپرىقىدا ئالدىراش يۈرۈپ زىيارەت قىلىۋاتقان پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش كوللېكتىپىدىكىلەر دائىم مۇشۇنداق شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ھەيۋەتلىك كۆرۈنۈشىدىن ھەيرانلىققا چۆمىدۇ.

«قوش كاربون» نىشانى بويىچە، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە بازىسى بولغان شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيەنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنىڭ ئالدىنقى سەپ بازىسىغا ئايلاندى.

مەملىكەت بويىچە تۇنجى «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» چوڭ بازىسىنىڭ سىرتقا يەتكۈزۈش يولى يېڭى ئېنېرگىيە تۈرى، دۆلەتنىڭ 1 ـ تۈركۈمدىكى «قۇملۇق، چۆللۈك، قاقاسلىق» چوڭ تىپتىكى شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت بازىسى تۈرى، جۇڭگودىكى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك يورۇقلۇق ۋولت يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى، غەربىي شىمالدىكى تۇنجى مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك چوڭ تىپتىكى سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى... ھازىر، شىنجاڭ يېڭى ئېنېرگىيە ئېچىش كۆلىمى جەھەتتىكى رېكورتنى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىماقتا.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %103 ئېشىپ، مەملىكەت بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى. شىنجاڭ دۆلەتنىڭ ھاسىلىي ئېنېرگىيە «14 ـ بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىدىكى «شىنجاڭدا چوڭ تىپتىكى پاكىز ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇش»قا ئالاقىدار ۋەزىپىلەرنى مۇددەتتىن بۇرۇن تاماملىدى.

يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ گۈللىنىشىگە ئەگىشىپ، سەگەك، سەزگۈر باش كارخانىلار بەس ـ بەستە شىنجاڭغا كىردى، ئىلگىرىكى قاقاس چۆل ـ جەزىرە يېڭى ئېنېرگىيە ئېچىشتىكى ناھايىتى بازارلىق گۆھەر تۇپراققا ئايلانماقتا.

بۇنىڭ ئىچىدە، ئومۇمىي سېلىنمىسى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان «شىنجاڭنىڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ئۈچىنچى لىنىيەسىنى تىلغا ئالماي بولمايدۇ. بۇ تۈر دۆلەتنىڭ «14 ـ بەش يىل»لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانىدا بېكىتىلگەن مۇھىم قۇرۇلۇش بولۇپ، قومۇل شەھىرىنىڭ باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىدىن باشلىنىپ، چۇڭچىڭ شەھىرىنىڭ يۈبېي رايونىدا ئاخىرلىشىدۇ، لىنىيەنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 2290 كىلومېتىر.

«تۈر پۈتكەندىن كېيىن شىنجاڭنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى سىرتقا يەتكۈزۈش ئىقتىدارى يەنىمۇ ئاشىدۇ.» قومۇل شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، مۇدىر جاڭ شياۋيى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ، ئېنېرگىيە بايلىقى ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشنى تېزلىتىش، قومۇلنىڭ ھەتتا شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، چېڭدۇ ـ چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، شىنجاڭنىڭ شامال كۈچى، يورۇقلۇق ۋولتتىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش قۇرۇلۇش تۈرىدە تاماملانغان سېلىنما بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %36.9 ئېشىپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %15.7 بولۇپ، تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسىنىڭ 4.5 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولغان. بۇنىڭ ئىچىدە، يورۇقلۇق ۋولتتىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش تۈرى سېلىنمىسىنىڭ پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە سېلىنمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %70تىن ئېشىپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپى ئورۇنلاشتۇرۇشىدىكى ئاساسىي گەۋدىگە ئايلانغان.

«ھازىر، شىنجاڭدا قومۇل، شەرقىي جۇڭغار، جەنۇبىي شىنجاڭ تارىم ئەتراپىدىن ئىبارەت 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلدى، قۇرۇلۇۋاتقان يېڭى ئېنېرگىيە كۆلىمى 80 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدۇ.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېڭى ئېنېرگىيە ۋە ھاسىلىي ئېنېرگىيە باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى جېڭ زىۋېن مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭ قومۇلنىڭ شىمالى، چاقىلىق قاتارلىق 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنى سىجىل تېزلىتىۋاتىدۇ.

ئېنېرگىيە ساقلاش كۆپ مەنبەلەشتۈرۈلدى، «كۆلچەك» تولدۇرۇلدى

ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرى يېڭى ئېنېرگىيەدە كەم بولسا بولمايدىغان «كۆلچەك»، شۇنداقلا يېڭى ئېنېرگىيەنى كەڭ كۆلەمدە تەرەققىي قىلدۇرۇش يۈزلىنىشىدە ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ تەڭشەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم يول. يېڭى ئېنېرگىيەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ تېزلىتىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تەرەققىياتىدا «تېزلىتىش كۇنۇپكىسى» سىجىل بېسىلدى.

8 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، «شامال ۋە قۇياش نۇرىنى قوغلىشىپ، شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى بۇرچىن ناھىيەسىنىڭ قوستىق بازىرىدىكى شىمالىي تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە كىردى، بۇ جايدا، 1000دىن ئارتۇق قۇرۇلۇش خادىمى، 240تىن ئارتۇق ماشىنا ـ ئۈسكۈنە كېچىنى كۈندۈزگە ئۇلاپ غايەت زور «ئاككۇمۇلياتور»نى − شىنجاڭ بۇرچىن سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنى قۇرۇۋاتاتتى.

«2023 ـ يىلى 7 ـ ئايدا قۇرۇلۇش باشلانغاندىن بۇيان، تۈر سىجىل تۈردە يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئالغا سىلجىتىلدى.» شىنخۇا (بۇرچىن) سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاپ توك چىقىرىش چەكلىك شىركىتى قۇرۇلۇش باشقۇرۇش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى زو شىڭچېڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ تۈر «14 ـ بەش يىل»دىن بۇيان شىنجاڭدا تەكشۈرۈپ تەستىقلىنىپ قۇرۇلۇش باشلانغان تۇنجى سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى بولۇپ، ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى 1 مىليون 400 مىڭ كىلوۋات، ئومۇمىي سېلىنما 10 مىليارد 307 مىليون 800 مىڭ يۈەن، 2030 ـ يىلى تۇنجى گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈپ توك چىقىرىشنى مۆلچەرلىدۇق.

تىيانشان تېغىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنيۈەن شىنجاڭ فۇكاڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى 7 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ توك چىقاردى. بۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ يۇقىرى پەللىسىنى تەڭشەش، چاستوتىسىنى تەڭشەش، فازىسىنى تەڭشەش، ئېنېرگىيە ساقلاش، ئايلانما زاپاس تەييارلاش ۋە «قارا قوزغىتىش» قاتارلىق ئىقتىدارلىرىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېلېكتىر تورى يۇقىرى پەللىسىدە تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش بېسىمىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتىپ، غەربىي شىمال رايونىنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە كەسىپ تەرەققىياتى ۋە شىنجاڭنىڭ «توققۇز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

«شىنجاڭنىڭ سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش تۈر قۇرۇلۇشى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى.» ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى جاڭ يۇڭلياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاشنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى يولغا قويۇش ئارقىلىق، ئېنېرگىيە ساھەسىدىكى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تۈرلەرنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ ۋە ئاددىيلاشتۇرۇپ، سۇ تارتىپ ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرلىرىنىڭ تېز ئالغا سىلجىتىلىشىغا كاپالەتلىك قىلدۇق.

شىنجاڭدا لىتىيلىق باتارېيە ئارقىلىق ئېنېرگىيە ساقلاشتىمۇ نۆل ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

قەشقەر شەھىرىنىڭ شېنجېن كەسىپلەر باغچىسىغا جايلاشقان شىنجاڭ گاۋشى يېڭى ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتى بۇ يىل 6 ـ ئاينىڭ ئاخىرى سىناق تەرىقىسىدە ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ، پۈتۈن بىر كۈندە ئەڭ كۆپ بولغاندا 1 مىليون دانە لىتىيلىق باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ھازىرلىدى.

شىنجاڭدا بۇ شىركەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلگەن لىتىيلىق باتارېيە كارخانىسى 17 بولۇپ، 10 توننا (پۈتۈن مەملىكەتنىڭكىنىڭ %9ىنى ئىگىلەيدۇ) لىتىي كاربونات ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، 3.46 گىگاۋات سائەت لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى شەكىللەندۈردى.

ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭدا لىتىيلىق باتارېيە ئارقىلىق ئېنېرگىيە ساقلاش 2021 ـ يىلى باشلانغان، ئاساسلىقى قەشقەر، خوتەن، ئالتاي قاتارلىق جايلارغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، لىتىي رۇدىسىنى قېزىش ـ تاللاش، لىتىيلىق باتارېيە مۇسبەت ـ مەنپىي قۇتۇپ ماتېرىيالى، لىتىيلىق باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق لىتىي كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى، ئوتتۇرا، تۆۋەن ئېقىنىدىكى ھەرقايسى ھالقىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. نۆۋەتتە، لىتىيلىق باتارېيە كەسپىگە دائىر 40 تۈردە قۇرۇلۇش پىلانلىنىۋېتىپتۇ، قۇرۇلۇش قىلىنىۋېتىپتۇ.

شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى «بازارنى يېتەكچى قىلىپ، تەرتىپلىك تەرەققىي قىلدۇرۇش»تا چىڭ تۇرۇپ، ئالاقىدار سىياسەتلەرنى بېسىپ تارقىتىپ، شىنجاڭنىڭ ئۆز ئالدىغا، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرلىرىنىڭ پايدا ئېلىش يوللىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى. بۇنىڭدىن باشقا، شىنجاڭ يەنە ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئالاقىدار ھۆججەتلەرنى بېسىپ تارقىتىپ، شىنجاڭ ئېلېكتىر تورىنىڭ ئېنېرگىيە ساقلاپ يۈرۈشۈشىنى تەھلىل قىلىش سۇپىسى قۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ـ ئۇلاش ۋە ئېلېكتىر تورىغا ئۇلاش تەرتىپى قاتارلىقلارنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆز ئالدىغا، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاشنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى تېخنىكا كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

«ھىدروگېن» شامىلى تەدرىجىي كۈچەيدى، يېڭى مۇسابىقە يولى ئورۇنلاشتۇرۇلدى

شامال، يورۇقلۇق، سۇ ئېنېرگىيەسىدىن باشقا، شىنجاڭدا يەنە بىر يېپيېڭى مۇسابىقە يولى بارلىققا كەلدى.

200 مىڭ توننىلىق ئېغىر مايغا ھىدروگېن قوشۇش تۈرى ماكانلاشتى، ھاسىلىي ئېنېرگىيەدىن يېشىل ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش نېفىت كارخانىلىرىنىڭ بۇنى كۈل رەڭ ھىدروگېننىڭ ئورنىغا دەسسىتىشىنى ئالغا سىلجىتتى، ھىدروگېن قاچىلاش پونكىتى قۇرۇلۇپ، ئاممىۋى ئاپتوبۇسلارغا ھىدروگېن يېقىلغۇلۇق باتارېيە ئالماشتۇرۇپ سەپلەندى... «ھىدروگېن» شامىلى قاراماي شەھىرىنى سىيپاپ ئۆتتى، نېفىت بىلەن گۈللەنگەن بۇ شەھەر پۈتۈن كۈچ بىلەن «جۇڭگونىڭ غەربىي قىسمىدىكى ھىدروگېن شەھىرى» يېڭى نام كارتىسىنى يارىتىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسى ۋە ئېنېرگىيە قۇرۇلمىسىنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولماقتا.

ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، قومۇل شەھىرى ئۆز جايىنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەل بايلىقى ۋە تۆۋەن تەننەرخلىق ھىدروگېن مەنبەسىگە تايىنىپ، ئەمەلىي قوللىنىش بازىرىنى پائال كېڭەيتىپ، نوم − ئىۋىرغول رايونى، سەنتاڭخۇ − ئىۋىرغول رايونىدىن ئىبارەت شەھەر دائىرىسىدىكى ئىككى «ھىدروگېن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، ھىدروگېن كارىدورى»نى پۈتۈن كۈچ بىلەن شەكىللەندۈرۈپ، ئۆلكە (ئاپتونوم رايون)، شەھەر ھالقىغان ئوتتۇرا، ئۇزۇن يوللۇق «ھىدروگېن يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، ھىدروگېن كارىدورى»نى بەرپا قىلماقتا.

ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى 21 ـ ئەسىردىكى ئەڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا ئىگە ئىككىلەمچى ئېنېرگىيە. مول شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى بايلىقىغا ئىگە شىنجاڭ ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپىنىڭ تەرەققىيات يېڭى پۇرسىتىنى پائال چىڭ تۇتۇپ، شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش ئارقىلىق ئېلېكتىرولىزلانغان سۇدىن ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىپ، ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىستراتېگىيەلىك يېڭى مۇسابىقە يولىنى ئىگىلىدى. 2023 ـ يىلى، «ئاپتونوم رايوننىڭ ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچ يىللىق ھەرىكەت لايىھەسى (2023 ـ يىلىدىن 2025 ـ يىلىغىچە)» ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، «ھىدروگېن ئون ماددىسى» ئېلان قىلىنىپ، قاراماي، ئىلى، ئۈرۈمچى، قومۇل تۇنجى تۈركۈمدىكى ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قىلىپ بېكىتىلدى.

شىنجاڭ پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇش ئارقىلىق تەرەققىيات نەتىجىلىرىگە ئېرىشتى −

2023 ـ يىلى 8 ـ ئايدا، دۆلىتىمىزدىكى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان يورۇقلۇق ۋولت يېشىل ھىدروگېن ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى كۇچا شەھىرىدە ئومۇميۈزلۈك پۈتۈپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى.

2023 ـ يىلى 9 ـ ئايدا، شىنجاڭ نېفىتلىك شىركىتىنىڭ شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ۋولت، تەبىئىي گاز، ھىدروگېن ساقلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تۈرى، يۈەنۋاڭ خېچۇ يېڭى ئېنېرگىيە پەن ـ تېخنىكا (شاڭخەي) چەكلىك شىركىتى ھىدروگېن ئېنېرگىيە زاپىسى يۇقىرى پەللىسىنى تەڭشەش ئېلېكتىر ئىستانسىسىنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى تۈرى قاراماي شەھىرىدە قوزغىتىلدى.

شېنجېن شەھىرى چىڭلەن شىدەي دۇڭلى پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، بېيجىڭ يىخۇاتۇڭ پەن ـ تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى قاتارلىقلار ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ شىنجاڭدا ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرىنى ماكانلاشتۇردى، جۇڭگو نېفىت ـ تەبىئىي گاز گۇرۇھى شىركىتى، دۆلەت ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سېلىنما گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قاتارلىق مەركەز كارخانىلىرىمۇ شىنجاڭدا ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىنى تېز ئورۇنلاشتۇرماقتا.

...

شىنجاڭنىڭ مول يېڭى ئېنېرگىيە بايلىقى يېشىل ھىدروگېن كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى يېتەرلىك، تۆۋەن باھالىق يېشىل توك تەمىنات كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى، شىنجاڭنىڭ كەڭ بوشلۇق مۇھىتى يېشىل ھىدروگېن پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تېخنىكىسى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىشنى سىناق سۇپىسى بىلەن تەمىنلىدى. خىمىيە سانائىتى، مېتاللورگىيە، ئېغىر يۈك ئاپتوموبىلى قاتارلىق سانائەت، قاتناش ساھەلىرى «يېشىل ھىدروگېن» ئورنىنى ئېلىش، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق ئىسسىقلىق، توك بىلەن بىرلەشمە تەمىنلەش، ھىدروگېن يېقىلغۇلۇق باتارېيەلىك ئاپتوموبىللارنى ئەمەلىي ئىشلىتىشنى قانات يايدۇرۇشنى رېئال ئېھتىياج بىلەن تەمىنلىدى، يېشىل ھىدروگېن پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالى پارلاق.

«شىنجاڭدا چوڭ كۆلەملىك ھىدروگېن ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى قۇرۇشقا تەييارلىق قىلىپ، يېشىل توك ئارقىلىق ھىدروگېن ئېلىش بويىچە كۆلەملەشتۈرۈپ ئىشلەپچىقىرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنىڭ شامال ئېلېكتىر ۋە يورۇقلۇق ۋولت بايلىقىنى ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىنى ئەمەلىي قوللىنىش ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرىمىز» دەپ تونۇشتۇردى ئۈرۈمچى شەھىرى لۇڭشېڭدا مۇھىت قوغداش پەن ـ تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋېي مىڭ. نۆۋەتتە، بۇ شىركەت سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ۋە ئۈرۈمچى شەھىرىدە يىلىغا 10 مىڭ توننا سۇنى ئېلېكتىرولىزلاپ ھىدروگېن ئېلىش تۈرىدىن ئۈچنى، ھىدروگېن، نېفىت، تەبىئىي گاز، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە پونكىتىدىن سەككىزنى قۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇردى.

شىنجاڭ كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ تېخىمۇ كۆپ تەسەۋۋۇر بوشلۇقىنى ھىدروگېن ئېنېرگىيەسىگە قالدۇرۇشنى تاللاپ، يېشىل ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى كەسىپ زەنجىرىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ، غەربنىڭ ھىدروگېنىنى شەرققە يەتكۈزۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ چوڭ تىپتىكى يېشىل ھىدروگېن بىلەن تەمىنلەش ۋە ئېكسپورت قىلىش بازىسى بەرپا قىلىشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

«قوش كاربون» نىشانى بويىچە، چەكسىز شامال ئېنېرگىيەسى، يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسىگە ئىگە شىنجاڭ كۈچلۈك تەرەققىيات ۋەزىيىتى ۋە پارلاق ئىستىقبالنى نامايان قىلماقتا.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.