شىنجاڭ پۈتۈن يەر شارى ئېتىراپ قىلغان ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش ئالتۇن بەلبېغىغا جايلاشقان بولۇپ، ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورۇن شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقىنى قويۇق، كۈچلۈك تەمگە ۋە پۇراققا، شۇنداقلا تاننىن يۇمشاق بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە قىلغان. كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، شىنجاڭ دۆلىتىمىزدىكى ئۈزۈم ھارىقى كۆپ ئىشلەپچىقىرىدىغان ئۆلكىگە ئايلاندى، ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمى مەملىكەت بويىچە 2 - ئورۇندا، ھوسۇلى مەملىكەت بويىچە 1 - ئورۇندا تۇرىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ ئۈزۈم ھارىقى كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۈچەيتىپ، ھاراق ئېچىتىدىغان ئۈزۈم بازىسىنى ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈردى، مۇكەممەللەشتۈردى، ئۈزۈم ھارىقى كارخانىلىرى جاي - جايلاردا قۇرۇلۇپ، ئۈزۈم ھارىقى كەسپى بىلەن مەدەنىيەت، ساياھەت كەسپى چوڭقۇر يۇغۇرۇلماقتا. سۈپەتلىك ماركىنىڭ تەسىر كۈچىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئۈزۈم ھارىقىنىڭ خۇش ھىدى ئەتراپقا تارىلىپ، پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلدى.

«يەنجى ئويمانلىقى ئۈزۈم ھارىقى» دۆلەت جۇغراپىيەلىك بەلگە ئىسپاتى تاۋار ماركىسى رەسمىي تىزىمغا ئالدۇرۇلدى

يەنجى ئويمانلىقى ئۈزۈم ھارىقى كەسپى سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، 26 يىللىق سىجىل تەرەققىيات ئارقىلىق ئۈزلۈكسىز زورايدى

ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈمدىن مول ھوسۇل ئېلىندى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش، پىششىقلاشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، نۆۋەتتە ئوبلاست بويىچە ئۈزۈم ھارىقى كارخانىسى 40قا يېتىپ، يىللىق ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 100 مىڭ توننىغا يېقىنلاشتى

خوشۇت: ئۈزۈمنىڭ خۇش ھىدى تارالدى  تۇرمۇش تېخىمۇ گۈزەللىككە تولدى

خوشۇت ناھىيەسىنىڭ ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمى 40 مىڭ مودىن ئاشتى، يىلمۇيىل تەرەققىي قىلىش ئارقىلىق، ئۆستۈرۈش، ئېچىتىش، سېتىش بىر گەۋدە قىلىنغان ئۈزۈم ھارىقى پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەدرىجىي شەكىللەندى.