تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

بايىنغولىن ئوبلاستىدىكى 120 مىڭ مو ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈمدىن خۇشاللىنارلىق مول ھوسۇل ئېلىندى

   تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر ۋاڭ لىخۇا فوتوسى، خەۋىرى) 8-ئاينىڭ 26-كۈنى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى خورا تېغى باغرىدىكى شىنجاڭ تيەنسەي ھاراقچىلىق قورۇقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا ئۈزۈم ئۈزۈش ئىشچىلىرى ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ، ھاراق ئېچىتىش سېخىغا توشۇماقتا.

يەنجى ئويمانلىقى خورا تېغى باغرىدىكى ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسى (8-ئاينىڭ 26-كۈنى تارتىلغان).

8-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ تيەنسەي ھاراقچىلىق قورۇقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا، ئۈزۈم ئۈزۈش ئىشچىلىرى ئۈزۈۋېلىنغان ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈملەرنى تىراكتورغا توشۇماقتا.

8-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ تيەنسەي ھاراقچىلىق قورۇقى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ خىزمەتچىسى ھاراق ئېچىتىش سېخىدا ئۈسكۈنىلەرنى تەكشۈرۈپ رېمونت قىلماقتا.

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى ئۆز جايىنىڭ ئۆزگىچە كىلىمات شارائىتىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، يەنجى ئويمانلىقىنى مەركەز قىلىپ، ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش، پىششىقلاشنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇردى، نۆۋەتتە يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى، خوشۇت ناھىيەسى، باغراش ناھىيەسى قاتارلىق جايلاردىكى 120 مىڭ مو يەردە ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈلدى. ھازىر، ھەرقايسى ناھىيە (شەھەر)لەردىكى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىلىرى خادىملارنى تەشكىللەپ ئۈزۈملەرنى ۋاقتىدا ئۈزمەكتە. بايىنغولىن ئوبلاستىدا ھازىر ئۈزۈم ئۆستۈرىدىغان ۋە ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىدىغان كارخانىدىن 40ى بار بولۇپ، يىللىق ئۈزۈم ھارىقى ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 100 مىڭ توننىغا يېقىنلىشىپ، غەربىي رايون ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇھىم ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم ئۆستۈرۈش، پىششىقلاش بازىسىغا ئايلاندى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.