تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   جايلاردا

مول ھوسۇل بايرىمى | ئۈزۈم پىشتى پارقىراق ھەم سۈزۈك ئۈزۈملەر باراڭغا لىق تولدى

   مۇھەرىردىن: كۈز كىرىشى بىلەن، بارچە ھوسۇل مەزگىلىگە كىردى، يەنە بىر يىل مول ھوسۇل پەسلى يېتىپ كەلدى. 9-ئاينىڭ 22-كۈنى، 7-قېتىملىق جۇڭگو دېھقانلار مول ھوسۇل بايرىمى. ئوتقاشتەك قىپقىزىل لازا، ئالتۇن رەڭلىك كۆممىقوناق، سۆسۈن رەڭلىك ئۈزۈم، سېرىق، يېشىل نەشپۈت ...... مول ھوسۇل ئالتۇن كۈزدىكى ئەڭ گۈزەل ئاساسىي رەڭ. مۇشۇ پەيتتە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدىكى ئېتىز-ئېرىق باشلىرىدا مول ھوسۇل مەنزىرىسى نامايان بولۇپ، دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ رەڭدار تۈسى كۈز پەسلىدىكى ئەڭ گۈزەل يۆگىمە رەسىمنى سىزىپ چىقتى. بىز بىرلىكتە مول ھوسۇل شادلىقىنى ھېس قىلىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ مول ھوسۇل مەنزىرىسىدىن قانغۇچە ھۇزۇرلىنايلى.

9-ئاي كىرىشى بىلەن، كورلىدىكى ئۈزۈمزارلىقلار مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى. 9-ئاينىڭ 9-كۈنى، كورلا شەھىرى يېڭىشەھەر يېزىسى جىنلى مەھەللىسىدىكى ئۈزۈمزارلىققا كىرگىنىمىزدە، ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەر باراڭغا لىق تولغان بولۇپ، كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرگۈدەك خۇش پۇراق چېچىپ تۇراتتى، باغۋەنلەر باراڭ ئاستىدا موكىدەك ئۆتۈشۈپ، پىشقان ئۈزۈملەرنى ئاۋايلاپ ئۈزۈش بىلەن ئالدىراش ئىدى. ما لىجۈەن فوتوسى

كورلا شەھىرىنىڭ يېڭىشەھەر يېزىسى جىنلى مەھەللىسىدىكى ئۈزۈمزارلىق، ئۈزۈم بارىڭىدىكى ساپاق-ساپاق پارقىراق ھەم سۈزۈك ئۈزۈملەر كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرەتتى. ما لىجۈەن فوتوسى

ھازىر، خوشۇت ناھىيەسى 40 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم يىغىش پەسلىنى كۈتۈۋالدى، ئۈزۈم ئۆستۈرۈش باغچىسىدا ئۈزۈم ئۈزۈش، ھوسۇل ئېلىشتەك بىر قاتار ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولدى. خوشۇت گۇەنلۇڭ ئۈزۈم ھارىقى ئېچىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا، ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈملەر كۆز يەتكۈسىز بولۇپ، دانىسى توق، رەڭگى چىرايلىق سوۋىلۇن قاتارلىق ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈملەر شاخلىرىدا لىققىدە ساڭگىلاپ تۇراتتى، ئىشچىلار ئىنچىكىلىك بىلەن ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەرنى ئۈزۈپ، ساندۇققا قاچىلىغاندىن كېيىن سېخقا ئاپىرىپ پىششىقلايدۇ. مەردان غېنى فوتوسى

خوشۇت گۇەنلۇڭ ئۈزۈم ھارىقى ئېچىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا پىشقان ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈمنىڭ دانىسى تولۇق، رەڭگى چىرايلىق ئىدى. مەردان غېنى فوتوسى

ھازىر، سانجى شەھىرىدىكى 29 مىڭ مو يەردىكى ھۆل ئۈزۈم مول ھوسۇل پەسلىنى كۈتۈۋالدى، پارقىراق ھەم سۈزۈك ئۈزۈملەر شاخلىرىدا ساڭگىلاپ تۇراتتى، ئېتىز -ئېرىقلارنىڭ ھەممىلا يېرىدە ھۆل ئۈزۈم ئۈزۈش، سېتىشتەك ئالدىراشلىققا تولغان مەنزىرە نامايان بولدى. سۈرەتتە: 9-ئاينىڭ 19-كۈنى، سانجى شەھىرى داشىچۈ بازىرى يۈتاڭ كەنتىدىكى ئۈزۈمزارلىقتا كەنت ئاھالىلىرى ئۈزۈم ئۈزمەكتە. خې لۇڭ فوتوسى

9-ئاينىڭ 16-كۈنى، چەرچەن ناھىيەسىنىڭ توغراقلىق يېزىسىدىكى ئۈزۈمزارلىقتا ئۈزۈملەر مەي باغلاپ پىشتى، ئۈزۈم ئۆستۈرگۈچى دېھقانلار كەنت ئاھالىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈزۈم ئۈزدى، ئۇلارنىڭ چېھرىدە مول ھوسۇل شادلىقى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى. تاھىرجان قۇربان فوتوسى

9-ئاينىڭ 19-كۈنى، سانجى شەھىرى داشىچۈ بازىرى يۈتاڭ كەنتىدىكى ئۈزۈمزارلىقتا، كەنت ئاھالىلىرى ئۈزۈۋېلىنغان ئۈزۈملەرنى ئاپتوموبىلغا يۆتكەپ توشۇماقتا. خې لۇڭ فوتوسى

يېقىندا، شىخو شەھىرى شاجوۋ ھاراقچىلىق قورۇقى ھاراقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 1200 مو يەردە ئۆستۈرگەن ئورگانىك ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم سوۋىلۇندىن مول ھوسۇل ئالدى، ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا، ئىشچىلار ئۈزۈم ئۈزۈش، ئايرىش، ئاندىن ھاراق ئېچىتىش سېخىغا توشۇپ پىششىقلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى. جاڭ جۈن فوتوسى

  رەتلىگۈچى: سۈي داۋشېڭ

  ماتېرىيال مەنبەسى: سانجى شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، چەرچەن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، خوشۇت ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، كورلا شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى، شىخو شەھەرلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئەخەت مىجىت

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.