ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى
7-ئاينىڭ 24-كۈنى، كۇچا شەھىرىنىڭ ئىشخلا بازىرى شامالباغ كەنتىدىكى ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا، دانىسى توق، رەڭگى كىشىنى جەلپ قىلىدىغان ساپاق-ساپاق ئۈزۈملەر شاخلارغا لىق تولغانىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شامالباغ كەنتى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، 20 نەچچە خىل ئەلا سۈپەتلىك يېڭى ئۈزۈم سورتىنى تەرەققىي قىلدۇردى، نۆۋەتتە، ئۈزۈم ئۆستۈرۈش كۆلىمى 80 نەچچە مو بولۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇش يوللىرىنى ئۈنۈملۈك كېڭەيتتى. (ئىختىيارىي مۇخبىر ۋۇ لې)
بۇ كەنتنىڭ ئۈزۈم ئۆستۈرۈش بازىسىدا، باغۋەن ئالدىراش ھالدا ئۈزۈم ئۈزمەكتە.
كۇچا شەھەرلىك ئىجتىمائىي سۇغۇرتا مەركىزىنىڭ ئىشخلا بازىرى شامالباغ كەنتىدە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزاسى (سولدا) كەنت ئاھالىسىگە ياردەملىشىپ ئۈزۈم ئۈزمەكتە.
بالىلار ئۈزۈمزارلىقتا خۇشال ئوينىماقتا.