شىنجاڭدا زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى يۈرۈشۈش سىستېمىسى شەكىللەندى
نۆۋەتتە، شىنجاڭدا «يول + تۈگۈن + تور» زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى يۈرۈشۈش سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن. 2019 ـ يىلى دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنىدىن توققۇزى قۇرۇلغان. «دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى تورى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2021 ـ يىلىدىن 2025 ـ يىلىغىچە)»گە ئاساسەن، «14 ـ بەش يىل»دا دۆلىتىمىز «يول + تۈگۈن + تور» زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى يۈرۈشۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.