تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بىر ئاي ئىچىدە شىنجاڭ سىرتىدىكى 12 كارخانا شەرقىي جۇڭغارغا ماكانلاشتى

يېشىل يول ئېچىلىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش جەريانى ئەلالاشتۇرۇلدى

بىر ئاي ئىچىدە شىنجاڭ سىرتىدىكى 12 كارخانا شەرقىي جۇڭغارغا ماكانلاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، سانجى، 10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن، ئىختىيارىي مۇخبىر جوۋ لى خەۋەر قىلىدۇ: قىسقىغىنا بىر ئاي ۋاقىتتا، خېنەن جېڭجوۋ، جياڭسۇ شۈجوۋ قاتارلىق جايلاردىكى شىنجاڭ سىرتىدىكى 12 كارخانا ئارقا ـ ئارقىدىن شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى» دېيىلدى)دا ئەنگە ئالدۇرۇپ تىزىملىتىپ، تىجارەت كىنىشكىسى بېجىردى، بۇ، بۇ كارخانىلارنىڭ شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىغا رەسمىي ماكانلاشقانلىقىدىن دېرەك بەردى.

«مۇشۇنداق قىسقا ۋاقىت ئىچىدە باشقا جايدىكى 12 كارخانا شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىغا كوللېكتىپ كۆچۈپ كەلدى، بۇنداق ئەھۋال ناھايىتى ئاز ئۇچرايدۇ» دېدى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭ شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى شۆبە ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى شىن خەينەن.

كارخانىلارنىڭ ئۆلكە ئاتلاپ كۆچۈشى نۇرغۇن تەستىقلاش ھالقىلىرىغا چېتىلىدۇ، تەرتىپى مۇرەككەپ ھەم تەلىپى قاتتىق.

كارخانىلارنى ماكانلاشتۇرۇپ قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش شۆبە ئىدارىسى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلدى. تەكشۈرۈپ تەستىقلاش جەريانىدا، «يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، قولايلىق بولۇش، مۇلازىمەت قىلىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، كارخانىلارغا يېشىل يول ئېچىپ بېرىپ، كارخانىلارنىڭ تۈرلۈك ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تەييارلىشىغا مەخسۇس ئادەم ئورۇنلاشتۇرۇپ يېتەكچىلىك قىلدى؛ تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تەرتىپىنى ئەلالاشتۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ۋاقتىنى قىسقارتىپ، تەكشۈرۈپ تەستىقلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

«بىر تەرەپتىن، شەرقىي جۇڭغار رايونىنىڭ مول كۆمۈر بايلىقى ۋە سىياسەت مەدىتىگە ئۈمىدۋار قارىدۇق، يەنە بىر تەرەپتىن، شەرقىي جۇڭغارنىڭ غايەت زور تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچى ۋە بازار ئېھتىياجى جەلپ قىلدى» دېدى يېقىندا شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىدا يېڭى تىجارەت كىنىشكىسى ئالغان ما ئەپەندى.

تىزىمغا ئالدۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشتا تەمىنلىنىدىغان ماتېرىياللاردىن قارىغاندا، شىنجاڭ سىرتىدىكى بۇ كارخانىلارنىڭ ئۇچۇر تېخنىكىسى ساھەسىدە مول تەجرىبىسى ۋە كەسپىي كوللېكتىپى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كەسىپلىرى يۇمشاق ماتېرىيال ئېچىش، چوڭ سانلىق مەلۇمات تەھلىلى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدارنى قوللىنىش قاتارلىق نۇرغۇن ئالدىنقى قاتاردىكى ساھەلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئۇلار نۇرغۇن مەبلەغ، ئىلغار تېخنىكا ۋە باشقۇرۇش تەجرىبىلىرىنى ئېلىپ كېلىپ، شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىنىڭ كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىجادىي تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشىدۇ.

شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونى گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان دۆلەت دەرىجىلىك ئىقتىساد ـ تېخنىكا تەرەققىيات رايونى. شەرقىي جۇڭغار كۆمۈرلۈكى دۆلەتنىڭ 14 چوڭ تىپتىكى كۆمۈر بازىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، دۆلىتىمىزدە ھازىر بايقالغان ئەڭ چوڭ تەييار كۆمۈرلۈك. شەرقىي جۇڭغار تەرەققىيات رايونىدا ھازىر تۈرلۈك تىجارەت سۇبيېكتىدىن 3956سى بار، بۇنىڭ ئىچىدە كارخانا 1658، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىسىدىن 63ى بار.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.