شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇ خەۋەر قىلىدۇ: 10 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنى، دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسى «جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تەپسىلىي قائىدە» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقاتتى. شۇ كۈنى، جۇڭگو بانكىسى ئۈرۈمچى شەھىرى گاۋتيې يېڭى رايونى تيەنئېخۇ يولى ئەركىن سودا سىناق رايونى تارماق بانكىسى شىنجاڭ تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش يېڭى سىياسىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنكى تۇنجى كەسىپنى بېجىردى.
تاشقى پېرېۋوت NRA ھېساباتىنىڭ تولۇق نامى چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلارنىڭ چېگرا ئىچىدىكى تاشقى پېرېۋوت ھېساباتى بولۇپ، چېگرا سىرتى (شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دا قانۇنلۇق تىزىمغا ئالدۇرغان ئاپپاراتلار بەلگىلىمە بويىچە چېگرا ئىچىدىكى بانكىدا ئاچقان تاشقى پېرېۋوت ھېساباتى (چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلارنىڭ چېگرا ئىچىدىكى قىرغاقتىن ئايرىلغان ھېساباتىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نى كۆرسىتىدۇ. «تەپسىلىي قائىدە»دە: تىزىمغا ئالدۇرغان ھەم تىجارەت سورۇنى بىردەك جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىدا بولغان بانكىلارنىڭ تاشقى پېرېۋوت NRA ھېساباتى ئۈچۈن ئاددىيلاشتۇرۇپ پېرېۋوت راسچوتى قىلىش كەسپىنى بېجىرىشىگە رۇخسەت قىلىنىدۇ، دەپ بەلگىلەندى.
«تەپسىلىي قائىدە» ئېلان قىلىنغان كۈنى، جۇڭگو بانكىسى ئۈرۈمچى شەھىرى گاۋتيې يېڭى رايونى تيەنئېخۇ يولى ئەركىن سودا تارماق بانكىسى ئامېرىكا ئاكسىيە بازىرىدا پېيى بازارغا سېلىنغان چېگرا سىرتىدىكى كارخانا «شياڭسۇڭ گوجى» ئۈچۈن تاشقى پېرېۋوت NRA ھېساباتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ پېرېۋوت راسچوتى قىلىپ چېگرا ئىچىدە چىقىم قىلىش كەسپىنى بېجىردى، ئۇنىڭ تاشقى پېرېۋوت NRA ھېساباتىدىكى 285 مىڭ دوللارنى خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرغاندىن كېيىن، كارخانىنىڭ تىجارەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا ئىشلىتىشى ئۈچۈن چېگرا ئىچىدە شىنجاڭدىكى بولكا، تورت زەنجىرسىمان داڭلىق ماركا تىجارىتى سودىگىرى، چەت ئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا شىنجاڭ خېمۇجيا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىگە چىقىم قىلىدۇ. بۇ كەسىپنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيلىشىشى جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە يەنە ماھىيەتلىك بىر قەدەم تاشلىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى سودىلىشىش بانكا بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى لى جىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى پۇل مۇئامىلىدە يېڭىلىق يارىتىش سىياسىتىنىڭ مەدىتى بىلەن، تاشقى پېرېۋوت NRA ھېساباتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ پېرېۋوت راسچوت قىلىش كەسپى چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلار پەقەت تاشقى پېرېۋوت ئارقىلىقلا چېگرا ئىچىدىكى كارخانىلارغا چىقىم قىلىش چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، تاشقى پېرېۋوت NRA ھېساباتىنى بىۋاسىتە خەلق پۇلى بىلەن راسچوت قىلىش ھەم چېگرا ئىچىدە چىقىم قىلىشقا ئىشلىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلارنىڭ مەبلەغ ئىشلىتىش قولايلىقىنى ئاشۇردى، بۇ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ چېگرا سىرتىدىكى ئاپپاراتلارنى توپلىشىشقا جەلپ قىلىشى، تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«بىز ھازىر يېڭى دۇكان ئېچىشقا تەييارلىق قىلىۋاتقان بولغاچقا، مەبلەغگە جىددىي ئېھتىياجلىق، جۇڭگو بانكىسىنىڭ ئاددىيلاشتۇرۇپ پېرېۋوت راسچوت قىلىش مۇلازىمىتى كارخانىمىزنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشىگە زور دەرىجىدە قولايلىق يارىتىپ بەردى.» شىنجاڭ خېمۇجيا سودا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى گاڭ مۇنداق دېدى: كەسىپ ئىلتىماسىنى تاپشۇرۇش، مەبلەغنى پېرېۋوت قىلىپ چىقىرىشتىن تارتىپ پېرېۋوت راسچوتىنى ھېساباتقا كىرگۈزۈشكىچە بولغان پۈتۈن جەريانغا پەقەت يېرىم كۈنلا كەتتى، بۇ، كارخانىمىزنىڭ پۇل ئېلىش ۋاقىت چېكىگە بولغان تەلىپىنى تولۇق قاندۇردى.
«بۇ قېتىمقى كەسىپنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بېجىرىلىشى دۆلەت تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى شىنجاڭ شۆبە ئىدارىسىنىڭ تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتىنىڭ قوللىشى، يېتەكچىلىك قىلىشى ۋە جۇڭگو بانكىسىنىڭ پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى ئەركىن سودا سىناق رايونى قۇرۇلۇشى جەھەتتىكى پائال ئىزدىنىشى ۋە ئەمەلىيىتىنىڭ پايدىسىدىن بولدى» دېدى لى جىڭ.
تاشقى پېرېۋوت پۇل مۇئامىلىسىدىكى «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى باشلامچىلارنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جۇڭگو بانكىسى شىنجاڭ شۆبە بانكىسى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئەندىزىسىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىپ، جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى بازار ئاساسىي گەۋدىسىنىڭ چېگرا ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش، مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش پائالىيىتىنىڭ قولايلىقلىقىنى ئۆستۈرۈپ، تىجارەت ـ سودا مۇھىتى ياخشى، مەبلەغ سېلىش، سودىغا قولايلىق بولغان يۇقىرى ئۆلچەملىك ئەركىن سودا سىناق رايونى بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشتى. لى جىڭ مۇنداق بىلدۈردى: كەلگۈسىدە بانكىمىز دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، سىجىل تۈردە چەت ئەلگە ئالاقىدار ئاساسىي گەۋدىلەرنى قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك چېگرا ھالقىغان پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.