شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ جېمىنەي تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 10 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، شىمالىي مۇز ئوكياندىن كەلتۈرۈلگەن 20 توننا تىرىك دىۋاڭ قىسقۇچپاقىسى جېمىنەي پورتى ئارقىلىق چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ تۇنجى قېتىم قۇرۇقلۇق يولى تىرانسپورت شەكلى ئارقىلىق شىمالىي مۇز ئوكيان تىرىك سۇ ھايۋانلىرىنى ئىمپورت قىلىشى بولۇپ، شىمالىي مۇز ئوكياندىن دۆلىتىمىزگە بىۋاسىتە تۇتىشىدىغان قۇرۇقلۇق يولى ئارقىلىق ئىمپورت قىلىش يولى ماس قەدەمدە ئېچىلغان.
«شىمالىي مۇز ئوكياندىكى ئىشلەپچىقىرىلغان جايدىن جېمىنەي پورتىغىچە بولغان پۈتۈن مۇساپىگە پەقەت ئالتە كۈنلا ۋاقىت كەتتى.» بۇ بىر تۈركۈم دىۋاڭ قىسقۇچپاقىسىنى ئىمپورت قىلغان كارخانىنىڭ مەسئۇلى جاڭ جۈنچۇەن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ بەش ئاپتوموبىلدىكى تىرىك دىۋاڭ قىسقۇچپاقىسىنىڭ سۈپىتى ياخشى، يولدا خورىشى بىرقەدەر ئاز بولۇپ، ئاۋىياتسىيە تىرانسپورتىغا سېلىشتۇرغاندا تىرىك پېتى تۇرۇش نىسبىتى يۇقىرى.
تىرىك دىۋاڭ قىسقۇچپاقىسىنىڭ تېز سۈرئەتتە ئىمپورت قىلىنىشى جېمىنەي چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن ئىستېمال قىلىنىدىغان سۇ ھايۋانلىرى بويىچە بەلگىلەنگەن نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەنلىكىنىڭ پايدىسىدىن بولدى. 10 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، جېمىنەي چېگرادىن كىرگۈزۈلگەن ئىستېمال قىلىنىدىغان سۇ ھايۋانلىرى بويىچە بەلگىلەنگەن نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئورنى تاموژنا باش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقىگە ئېرىشىپ، ئىشلىتىلىشكە باشلىدى. قىسقىغىنا 20 كۈندە، شىمالىي مۇز ئوكياندىن كەلتۈرۈلگەن تىرىك دىۋاڭ قىسقۇچپاقىسىنى ئىمپورت قىلىش تاماملاندى.
ئىمپورت قىلىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى، خوراش، تەننەرخنى سېلىشتۇرغاندىن كېيىن، جاڭ جۈنچۇەن شىمالىي مۇز ئوكياندىن جۇڭگوغا بىۋاسىتە تۇتىشىدىغان بۇ قۇرۇقلۇق ئىمپورت يولىنىڭ ئىستىقبالى پارلاق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى. «ئىككى، ئۈچ كۈندىن كېيىن، بۇ تۈركۈم تىرىك دىۋاڭ قىسقۇچپاقىسى تاشيول ئارقىلىق توشۇش شەكلىدە بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا توشۇلىدۇ. 11 ـ ئايدا يەنە 15 ئاپتوموبىل تىرىك دىۋاڭ قىسقۇچپاقىسىنى ئىمپورت قىلىش پىلانلاندى» دېدى جاڭ جۈنچۇەن.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز تېزلىتىپ، ئىمپورت ـ ئېكسپورت تاۋارلىرىنىڭ تۈرىنى سىجىل كۆپەيتىپ، خەلقئارا ھەمكارلىق دوستلار چەمبىرىكىنى كېڭەيتىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا دۆلىتىمىزنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىلىق رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ قېتىم شىمالىي مۇز ئوكياندىن تىرىك دىۋاڭ قىسقۇچپاقىسىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىمپورت قىلىنىشى شىنجاڭ پائال ئاچقان خەلقئارا يېڭى ھەمكارلىق ئەمەلىيىتىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ تۈركۈم ماللارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ۋاقتىنى قىسقارتىش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى تاموژنىسى خىزمەت مەخسۇس بەنى تەسىس قىلىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى قولايلاشتۇرۇش تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، دۆلەت دەرۋازىسى جانلىقلار بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، خام، يېڭى مەھسۇلاتلارنى تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلدى.
جېمىنەي تاموژنىسىنىڭ مۇئاۋىن تاموژنا باشلىقى يۈ يۇڭجيې مۇنداق بىلدۈردى: بۇ تۈركۈم تىرىك دىۋاڭ قىسقۇچپاقىسىنىڭ تاموژنىدىن بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئۆتۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، تاموژنا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تەرتىپىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش لايىھەسىنى مەخسۇس ئالدىن تۈزۈپ، دىۋاڭ قىسقۇچپاقىسىنى «كەلگەن ھامان تەكشۈرۈش، ئالدىن تەكشۈرۈش، ئالدىن ئۆتكۈزۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
جېمىنەي چېگرا ئىقتىسادىي ھەمكارلىق رايونى (جېمىنەي يېزا ئىگىلىكىنى سىرتقا ئېچىۋېتىش ھەمكارلىق سىناق رايونى) ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى ليۇ شۆ مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى مەزگىلدە چېگرادىن كىرگۈزۈلىدىغان ئىستېمال قىلىنىدىغان سۇ ھايۋانلىرى بويىچە بەلگىلەنگەن نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش ئورنى سىياسىتىدىن سىجىل ياخشى پايدىلىنىپ، سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۇزارتىپ، پورتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا يېڭى قۇۋۋەت قوشىدۇ.
بۇ يىلدىن بۇيان، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلتۈرۈلگەن موكىسىمان ئوكۇن بېلىقى، ياپىلاق بېلىق، ئىت بېلىق قاتارلىق توڭلىتىلغان سۇ مەھسۇلاتلىرى جېمىنەي پورتى ئارقىلىق جۇڭگو بازىرىغا كىردى. ئالدىنقى ئۈچ پەسىلدە، جېمىنەي پورتى ئارقىلىق 710 توننا توڭلىتىلغان سۇ مەھسۇلاتى ئىمپورت قىلىندى.