«يول + تۈگۈن + تور»
شىنجاڭدا زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى يۈرۈشۈش سىستېمىسى شەكىللەندى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 11 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، شىنجاڭدا «يول + تۈگۈن + تور» زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى يۈرۈشۈش سىستېمىسى ئاساسىي جەھەتتىن شەكىللەنگەن. 2019 ـ يىلى دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشى باشلانغاندىن بۇيان، شىنجاڭدا دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنىدىن توققۇزى قۇرۇلغان.
«دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى تورى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش لايىھەسى (2021 ـ يىلىدىن 2025 ـ يىلىغىچە)»گە ئاساسەن، «14 ـ بەش يىل»دا دۆلىتىمىز «يول + تۈگۈن + تور» زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى يۈرۈشۈش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىقتىساد ـ سودا باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشقارما باشلىقى چياۋ كەي مۇنداق تونۇشتۇردى: دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يادرولۇق ئۇل ئەسلىھەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، پۈتۈن شىنجاڭدا ئەشيا ئوبوروتى تورى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇھىم ۋاسىتە ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى ئورۇنلاشتۇرمىسى بويىچە، شىنجاڭدىكى ئالتە شەھەرگە جەمئىي تۆت خىل تىپتىكى 11 دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى ئورۇنلاشتۇرۇلدى. بەش يىل تىرىشىش ئارقىلىق، شىنجاڭ (بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن توققۇز جاي دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.
شىنجاڭ خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنىلىك ئەۋزەل ئورنىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەپ، ئۈرۈمچى قۇرۇقلۇق پورتى تىپىدىكى، قورغاس ۋە ئالاتاۋ پورتى تىپىدىكى، قەشقەر سودا مۇلازىمىتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنىنى تىرەك قىلىپ، «بىر تۈگۈن، ئۈچ تايانچ نۇقتا، كۆپ تۈگۈن نۇقتا» جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش ـ تارقاقلاشتۇرۇش ـ توشۇش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلەتتى، قورغاس، ئالاتاۋ تۈگۈنىدىكى جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتناش كۆلىمى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %70ىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلىدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئىچكى قۇرۇقلۇق تۈگۈنى قۇرۇلۇشىنى پىلانلاشقا تۈرتكە بولۇنۇپ، قومۇل، كورلا ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى بىلەن نېفىت خىمىيە، كۆمۈر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال كەسىپلىرى توپىنىڭ ماس تەرەققىياتى تېزلىتىلىپ، ئۈرۈمچى تۆمۈريول پورتى تېز يوللانما مەركىزى، قورغاس ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئەشيا ئوبوروتى پورتى، ئالاتاۋ كۆپ خىل شەكىلدىكى بىرلەشمە تىرانسپورت نازارەت قىلىش ـ باشقۇرۇش مەركىزى قاتارلىق ئۈلگە كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمىگە ئىگە بىر تۈركۈم نۇقتىلىق تۈرلەر قۇرۇپ چىقىلدى، قومۇل، قورغاس، ئالاتاۋ قاتارلىق تۈگۈنلەرنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 20 مىليون توننىلىق دەرىجىدىن ئاشتى.
بۇنىڭدىن باشقا، ئاساسلىق يول ۋە شىنجاڭ ئىچىدىكى تور قۇرۇلۇشى كۈچەيتىلىپ، ئۈرۈمچى، قەشقەر، قومۇل قاتارلىق دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنلىرى بىلەن شىنجاڭ سىرتىدىكى تۈگۈنلەرنىڭ ھەمكارلىقىغا مەدەت بېرىلىپ، رايون ھالقىغان ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنلىرىنى تەشكىللەش، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى شىنجاڭ سىرتىغا توشۇش، جۇڭگو − ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى يولى قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىق كۈچەيتىلدى.
«دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى ئاچقۇچلۇق ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈن نۇقتىسى قۇرۇلۇشى، ئىچكى ـ تاشقى يول قۇرۇلۇشى، شىنجاڭ ئىچى ئەشيا ئوبوروتى تورى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە بارغانسېرى مۇھىم رول ئوينىماقتا.» چياۋ كەي مۇنداق دېدى: ھازىر، شىنجاڭ سودا ئەشيا ئوبوروتى تورىنى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئاچقۇچلۇق تۈگۈن نۇقتىدىكى ئەسلىھەلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاۋاتىدۇ.
يېقىندا، شىنجاڭ ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنىنى ئورۇنلاشتۇرما قىلىش ۋە قۇرۇش لايىھەسىنى بېسىپ تارقىتىپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئاقسۇ ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنىگە ئوخشاش 16 رايون ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلدى، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى تىپىدىكى دۆلەت ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى ۋە ئىلى، تۇرپان دۆلەت تايانچ سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى بازىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى، ئۈرۈمچى ئاۋىياتسىيە پورتى تېز يەتكۈزۈش ئەشيا ئوبوروتى مەركىزى، غۇلجا سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى تەقسىملەش، يەتكۈزۈش مەركىزى ھەم ئۈرۈمچى دۆلەت تايانچ سوغۇق زەنجىرلىك ئەشيا ئوبوروتى بازىسىنىڭ سوغۇق زەنجىرلىك ئامبىرىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، بىخەتەر سودا ئەشيا ئوبوروتى تورى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى.