يېقىنقى يىللاردا، شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تېببىي دورا ساھەسىدە ئەتراپقا داڭقى چىقىپ، كەسىپ تەرەققىياتى كۈنسېرى زورايدى. بازار كېڭەيتىش جەريانىدا، شىنجاڭنىڭ خاس جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىغا بولغان ئېھتىياج شىددەت بىلەن ئاشتى. ئاپتونوم رايوندىكى دورا كارخانىلىرى بەس - بەستە كۈچەپ، دورا ماتېرىياللىرىنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئۆستۈرۈشكە يېتەكچىلىك قىلدى ۋە ئۈلگە كۆرسەتتى. بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى ئۆستۈرۈش بازىلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا كەڭ تارقىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى كەسپى تەدرىجىي كۆلەملەشتى. دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى سىياسىتىنىڭ يېتەكلىشى ۋە قوللىشىدا، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى كەسىپ زەنجىرى ئۈزلۈكسىز ئۇزىراپ، كەسىپ ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون شىنجاڭدىكى ھەرقايسى رايونلارنىڭ جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى كەسىپ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇپ، «10 مىليون مو يەردە جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، 100 مىليارد يۈەنلىك كەسىپ توپى بەرپا قىلىش»نىشانىنى بېكىتتى. «ئاپتونوم رايوننىڭ ئەۋزەل يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ رايونلارغا جايلىشىش يىرىك پىلانى (2020 - يىلىدىن 2025 - يىلىغىچە)»غا ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى كەسپى ئىلى دەرياسى ۋادىسى، چۆچەك - دۆربىلجىن ئويمانلىقى، جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ جەنۇبىي - شىمالىي چېتى، تۇرپان ئويمانلىقى، تارىم ئويمانلىقىدىكى سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەردىكى 30 ناھىيە، شەھەر، رايونغا نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

​شىنجاڭ جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرى كەسپىنىڭ ئاساسىنى سىجىل پۇختىلىدى

بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭدا جۇڭيى دورا ماتېرىياللىرىنى ئۆستۈرۈش بازىلىرى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا كەڭ تارقىلىپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى كەسپى تەدرىجىي كۆلەملەشتى.

ئاپتونوم رايوننىڭ جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىنى يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنى ئېچىلدى

يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى داۋالاش مۇلازىمىتى مەركىزى قۇرۇشنى چۆرىدەپ، جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى مەدەنىيىتىنى تارقىتىش ۋە ئوچۇق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شىنجاڭ چىخۇاڭ قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، جۇڭيى تېبابىتى-دورىگەرلىكى خاس ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرىدۇ

ئۇستازلار شاگىرت تەربىيەلەش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جۇڭيى تېبابىتى-دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلىرىنى ئۆمۈرلۈك تەربىيەلەش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى.

جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكىدىن ئىبارەت بۇ قىممەتلىك گۆھەر ئارقىلىق ھەر مىللەت ئاممىغا تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتايلى

جۇڭيى تېبابىتى - دورىگەرلىكى ئىلمى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ساغلاملىق، كۈتۈنۈش ئىدىيەسى ھەم ئۇنىڭ ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدىكى بىر قىممەتلىك گۆھەر.