تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىت

قۇملۇق گۈلى __ توشقانزەدىكى: قۇمدىن مۇداپىئەلىنىشتە تۆھپە كۆرسىتىپ، خەلقنى بېيىتىشقا يول ئاچتى

  تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (ئىختىيارىي مۇخبىر سۇ شىن خەۋىرى، فوتوسى) يېقىندا، چەرچەن ناھىيەسىدە 83 مىڭ موغا يېقىن يەردىكى قۇملۇق توشقانزەدىكى چېچەكلەش پەسلىگە كىرىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىغا ھاياتىي كۈچ قوشتى. 

  ئىگىلىنىشىچە، 2003-يىلىدىن باشلاپ، چەرچەن ناھىيەسى قۇملۇق ئىقتىسادىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، مول قۇملۇق بايلىقىدىن پايدىلىنىپ توشقانزەدىكى تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قۇملۇق خاسلىقىغا ئىگە كەسىپلەر تەرەققىيات يولىدا ماڭغان. ھازىرغىچە، بۇ ناھىيەدىكى 15 كارخانا توشقانزەدىكى تېرىقچىلىقى بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمدە قوش پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. 

   【تەھرىرنىڭ باھاسى قۇملۇقتا ئۆسىدىغان خاس ئىقتىسادىي ئۆسۈملۈكلەر تېرىقچىلىقىنى سىجىل تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى بارغانسېرى ياخشىلايلى 

   قۇملۇق خاس ئىقتىسادىي ئۆسۈملۈكلىرى شىنجاڭلىقلارغا ناتونۇش ئەمەس، نۆۋەتتە، شىنجاڭنىڭ قۇملۇق خاس ئىقتىسادىي ئۆسۈملۈكلىرىنى ئۆستۈرۈش ۋە پىششىقلاشنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە ئۈنۈمى كۆرۈلۈپ، توشقانزەدىكى، ھاراق ئېچىتىلىدىغان ئۈزۈم، جىغان، ئالقات، قىزىلگۈل، چۈچۈكبۇيا، قارىقات قاتارلىقلار مۇھىم نۇقتا قىلىنغان قۇملۇق خاس كەسپى شەكىللەندى. خاس قۇملۇق ئۆسۈملۈكلىرى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بىر تۈرلۈك مۇھىم ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى تەدبىرىدۇر. 

   شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە تەبىئىي شارائىتى ۋە بايلىقى توشقانزەدىكىنى كەڭ كۆلەمدە ئۆستۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى بەلگىلىگەن، بۇ، توشقانزەدىكىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورا بايلىقىدىكى مەسىلىسىنى ئۈنۈملۈك ھەل قىلىپ، كىلىنىكىدا دورا ئىشلىتىش ۋە جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى كەسپىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى قاندۇرۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى قۇمدىن مۇداپىئەلىنىپ، قۇمنى تۇراقلاشتۇرۇپ، غەربىي قىسىمدىكى قۇملۇق، چۆللۈك رايونلارنىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى، يەرلىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتى ۋە دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، ئېكولوگىيە ئۈنۈمى، ئىقتىسادىي ئۈنۈم ۋە جەمئىيەت ئۈنۈمى بىر گەۋدە قىلىنغان ئېكولوگىيە كەسپى ھېسابلىنىدۇ. 

   بىز ئېكولوگىيەنى قوغداش قىزىل سىزىقى، مۇھىت سۈپىتى تۆۋەن چېكى ۋە بايلىقتىن پايدىلىنىش يۇقىرى چېكىنى چىڭ ساقلاپ، بوراندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇمنى تىزگىنلەش قۇرۇلۇشىنى سىجىل قانات يايدۇرۇشىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىللە، پەن ـ تېخنىكىدا ئۈلگە كۆرسىتىش بازىسى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پەن ـ تېخنىكا مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق يۈزلىنىشنى ئىگىلەپ، قۇملۇق ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچلۈك پەن ـ تېخنىكا تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، قۇملۇق كەسپىنى كۈچەيتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ۋە ئولتۇراقلىشىش مۇھىتىنى بارغانسېرى ياخشىلىشىمىز كېرەك.

(ۋاڭ رۇڭ) 

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.

  • تاڭ نۇرىدىكى كۈرەش قىلغۇچىلار
  • قەغەز قىيما سەنئىتى مەكتەپلەرگە كىردى ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئۇرۇقى قەلبلەرگە تېرىلدى
  • شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرى خۇددى سۈرەتتەك| مۇزلار ئېرىپ دەريا يولى ئېچىلدى قايدۇ دەرياسىدىن باھار ھىدى تارقالدى