ھازىر، دەل سوغىگۈلدىن ھوسۇل ئالىدىغان مەزگىل، توققۇزتارا ناھىيەسى جىرغىلاڭ يېزىسى قاراتۇمشۇق كەنتىنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنى ئۆستۈرۈش ئېتىزىدا، كەنت ئاھالىلىرى سوغىگۈل يىغماقتا. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توققۇزتارا ناھىيەسى شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى ئۆستۈرۈشنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرى ئۆستۈرۈشنى ئاممىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان «ياخشى تەدبىر»گە ئايلاندۇرۇپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشكە پۇختا ئاساس سالدى. (ئىختىيارىي مۇخبىر چېن خاۋرەن)
كەنت ئاھالىسى ئەمدىلا يىغىۋالغان سوغىگۈلنى كۆرسەتمەكتە.
سوغىگۈلنىڭ ئىسسىقنى ياندۇرۇپ ئۆپكىنى سىلىقلاش، يۆتەلنى توختىتىپ بەلغەمنى بوشىتىش رولى بار بولۇپ، نەپەس يولى كېسەللىكلىرىنى داۋالاشتا دائىم ئىشلىتىلىدىغان جۇڭيى تېبابىتى دورا ماتېرىياللىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، توققۇزتارا ناھىيەسىدە ئۆستۈرۈلگەن سوغىگۈلنىڭ سۈپىتى ياخشى بولغاچقا، بازاردا ئىنتايىن ئالقىشقا ئېرىشتى.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى