تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئىقتىساد خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ جۇڭيى تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنىڭ سېتىلىش سوممىسى زور دەرىجىدە ئاشتى

11- ئاينىڭ 2- كۈنى، خىزمەتچى شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق چەككىلەش سېخىدا ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

    يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى سەرخىللاشقان باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. بۇ يىل 1- ئايدىن 9- ئايغىچە شىركەتنىڭ سېتىش سوممىسى 820 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %37.5 ئاشتى. جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى، مىللىي تېبابەت دورىلىرىنى كۆلەملەشتۈرۈپ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ساتىدىغان تۇنجى جۇڭگو دورىگەرلىك كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ شىركەت مەھسۇلات سېتىپ ئوتتۇرا ئاسىيانى قاپلاش ئاساسىدا، بۇ يىل يەنە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا قاتارلىق بازارلارنى ئېچىپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى داۋالاش مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلۇشىغا كۈچ قوشىدۇ.

11- ئاينىڭ 2- كۈنى، خىزمەتچى ئەقلىي ئىقتىدارلىق چەككىلەش سېخىدا ئۈسكۈنىلەرنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

11- ئاينىڭ 2- كۈنى، خىزمەتچى ئۇنىۋېرسال دورا ياساش سېخىنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە مەشغۇلات قىلماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

11- ئاينىڭ 2- كۈنى، خىزمەتچى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىگە ئېكسپورت قىلىنىدىغان دورىلارنى رەتلىمەكتە. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

11- ئاينىڭ 2- كۈنى، خىزمەتچى  شىنجاڭ ئۇيغۇر دورىگەرلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىدە دورا توشۇماقتا. ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى زوۋ يى فوتوسى

مەسئۇل مۇھەررىر : ياقۇپجان تۇرسۇن

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.