بۈيۈك ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ «مەركەزداش چەمبەر»نى ئورتاق سىزىپ چىقىش
باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىرلىك سەپ پارتىيەنىڭ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى پۈتكۈل جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك.
پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ بىرلىك سېپى مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، خەلق رايىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، دىنلار مۇناسىۋىتى، قاتلاملار مۇناسىۋىتى، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى قېرىنداشلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.