تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئامبارلار ئاشلىققا لىق تولدى، ئاساس پۇختىلاندى

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يى

بىپايان شىنجاڭ زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا ئەلا سۈپەتلىك بايلىق ئەۋزەللىكىگە ئىگە، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ياخشى تەرەققىي قىلدۇرغاندا، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى مۇقىم ئاساسقا ئىگە بولىدۇ.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشنى باش تۇتقا قىلىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە جايلىشىشىنى ئۈزلۈكسىز تەڭشەپ ۋە ئەلالاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 2012 - يىلىدىكى 235 مىليارد 535 مىليون يۈەندىن كۆپىيىپ 2021 - يىلىدىكى 514 مىليارد 312 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %6.1 ئاشتى. دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى مەملىكەت بويىچە 2012 - يىلىدىكى 18 - ئورۇندىن 2021 - يىلى 14 - ئورۇنغا ئۆتتى.

بۇ يىل، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن يەنە خۇش خەۋەر تارقالدى، يازلىق ئاشلىق تېرىلغۇ كۆلىمى 17 مىليون 371 مىڭ 500 مو، ئومۇمىي ھوسۇلى 6 مىليون 552 مىڭ توننا، ھەر مو يەرنىڭ بىرلىك ھوسۇلى 377.16 كىلوگىرام بولۇپ، كۆلەم ئېشىش، ئومۇمىي ھوسۇل ئېشىش، بىرلىك ھوسۇل ئېشىشتىن ئىبارەت «ئۈچ ئېشىش» ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئۇدا كۆپ يىل يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشتەك چوڭ ياخشى ۋەزىيەت مۇستەھكەملىنىپ، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا مىنىستىرلىقىنىڭ ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەقدىرلىشىگە ئېرىشتى. ھازىر، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا «كۈزنىڭ ئۈچ ئىشى» خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ، كۈزلۈك ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ۋەزىيىتى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، ھەرقايسى جايلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى قولدىن بەرمەي، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىپ، پۈتۈن يىلدا يېزا ئىگىلىكىدە يەنە مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى سىجىل ئۆستۈرۈلدى

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېزا ئىگىلىكىدە تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات چوڭقۇر يولغا قويۇلۇپ، ئاشلىقنى مۇقىملاشتۇرۇش، كېۋەز سورتىنى ئەلالاشتۇرۇش، باغۋەنچىلىكنى كۈچەيتىش، چارۋىچىلىقنى گۈللەندۈرۈش، خاس كەسىپلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش ئالغا سىلجىتىلىپ، ئاممىنىڭ كۆكتات ۋە ئاشلىق مەھسۇلاتلىرى تېخىمۇ بېيىتىلدى، تەمىنلەش تېخىمۇ مۇقىم بولدى.

تەمىنلەش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىدىن ئايرىلالمايدۇ. «بۇ يىل مەن تېرىغان 250 مو بۇغداينىڭ ئوتتۇرىچە بىرلىك ھوسۇلى 550 كىلوگىرامدىن ئېشىپ، بۇلتۇرقىدىن تەخمىنەن 100 كىلوگىرام ئاشتى.» كۇچا شەھىرى چىمەن بازىرى غالىبىيەت كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى روزى شەمشى مۇنداق دېدى: ئىلگىرى تەبىئەتكە تايىنىپ جان باقاتتۇق، ھازىر پەن - تېخنىكىغا تايىنىدىغان بولدۇق. بۇ يىل، ئۇ بۇغداي ئىشلەپچىقىرىشىدا سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلارنى قوللىنىپ، بۇغداينىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى قوش ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بۇغداينىڭ مو بېشى ئوتتۇرىچە ساپ كىرىمىنى 100 يۈەندىن كۆپرەك ئاشۇرۇپ، ھوسۇلنىمۇ، كىرىمنىمۇ كۆپەيتتى.

ئاشلىق بىخەتەرلىكى تۆۋەن چېكىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەش بىلەن بىللە، ئاپتونوم رايون بويىچە ئىشلەپچىقىرىشقا يېتەكچىلىك قىلىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش - سېتىشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يەنىمۇ كۈچەيتىلىپ، بازار تەمىناتىنىڭ يېتەرلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىنىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمى ئۆستۈرۈلدى. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ مېۋە - كۆكتات كەسپىدە تەرەققىي قىلىپ زورىيىش ئىشقا ئاشۇرۇلدى، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرىنىڭ مىقدارى سىجىل ئاشتى، شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق پاختا ئىشلەپچىقىرىش رايونى بولۇشتەك ئەۋزەللىكى يەنىمۇ كۈچەيتىلدى.

2021 - يىلى، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەھسۇلات مىقدارىدا يەنە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى، ئاشلىق ھوسۇلى (ياڭيۇ تۈرىدىكىلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) 17 مىليون 357 مىڭ 800 توننىغا يېتىپ، 2012 - يىلىدىكىدىن %14.4 كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %1.5 ئاشتى؛ پاختا مەھسۇلات مىقدارىنىڭ مەملىكەت بويىچە پاختا ئومۇمىي مىقدارىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى 2012 - يىلىدىكى %58.8تىن ئېشىپ، 2021 - يىلىدىكى %89.5كە يەتتى؛ كۆكتات مەھسۇلات مىقدارى 16 مىليون 204 مىڭ 400 توننىغا يېتىپ، 2012 - يىلىدىكىدىن %40.4 كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %3.8 ئاشتى؛ بېقىلىۋاتقان چارۋىلارنىڭ سانى 57 مىليون 771 مىڭ 800 تۇياققا يېتىپ، 2012 - يىلىدىكىدىن %33.4 كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %3.3 ئاشتى، گۆش تۈرىدىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئومۇمىي ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 1 مىليون 987 مىڭ 300 توننىغا يېتىپ، 2012 - يىلىدىكىدىن %46.1 كۆپىيىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %4.3 ئاشتى.

يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ كۈچلۈك ۋەزىيىتى پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا غەيرەت ۋە ئىشەنچ قوشتى. بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، دېھقانچىلىق ۋاقتىنى قولدىن بەرمەي تۈرلۈك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتى، بولۇپمۇ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش تەدبىرلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنىڭ مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلىنىشتەك ياخشى ۋەزىيىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرىنچى كەسىپنىڭ قوشۇلما قىممىتى 55 مىليارد 474 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشتى؛ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق كەسىپلىرىنىڭ ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 119 مىليارد 942 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.4 ئاشتى.

مول ھوسۇل ئاساسى تېخىمۇ پۇختىلاندى

تېرىلغۇ يەر ئاشلىقنىڭ جېنى، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ باشتىن - ئاخىر ئەڭ قاتتىق بولغان تېرىلغۇ يەرنى قوغداش تۈزۈمى ۋە ئەڭ قاتتىق بولغان يەرنى تېجەپ ئىشلىتىش تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدە ھوسۇلنى، كىرىمنى ئاشۇرۇشتىكى يوشۇرۇن بوشلۇقنى كېڭەيتتى.

يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز ئۈستىدە توختالغاندا، دۆربىلجىن ناھىيەسى شەھەر ئەتراپى يېزىسى بالىيىڭ كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى يەن كەيشىن ئاغزى - ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى. «يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز رەتلىك، تەكشى، سۇچىلىق ئەسلىھەلىرى مۇكەممەل بولۇپ، چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ مەشغۇلات قىلىشىغا قولايلىق، شۇنداقلا زامانىۋى ئۆسۈملۈك ئاسراش تېخنىكىسىنى قوللىنىشقا تېخىمۇ باب كېلىدۇ.» يەن كەيشىن مۇنداق دېدى: يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز پۈتكەندىن كېيىن، ئائىلىمىز تېرىغان قوناقنىڭ مو بېشى ھوسۇلى 800 كىلوگىرام ئەتراپىدىن 1200 كىلوگىرامغا ئۆستى، ھەر مو يەردىن قىلىدىغان كىرىم 800 يۈەندىن ئارتۇق كۆپەيدى، كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىق ھەر مو يەرنىڭ باشقۇرۇش تەننەرخىنى 350 يۈەن ئەتراپىدا تۆۋەنلەتتى، تەننەرخنى تېجەش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇش كۆرۈنەرلىك بولدى.

ئادەتتىكى ئېتىزلارغا سېلىشتۇرغاندا، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز سۇغىرىشقا قولايلىق بولۇش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن تېرىقچىلىق مەشغۇلاتى قىلىشقا پايدىلىق بولۇش، يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش، مۇقىم ھوسۇل ئېلىش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولۇپ، زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش تەلىپىگە چوڭقۇر ماسلىشالايدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار تۈر قۇرۇلۇشى ۋە سۈپەت باشقۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، يەر تۈزلەش، ئېتىزلارنى بىرلەشتۈرۈش، يۇقىرى ئۈنۈملۈك سۇ تېجەپ سۇغىرىش قۇرۇلۇشى قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى تۈرى رايونىدىكى تېرىلغۇ يەرلەرنى تەدرىجىي مەركەزلىك تۇتاشتۇرۇپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، كۆلەملەشتۈرۈش ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش سەۋىيەسى كۆرۈنەرلىك ئۆستى.

2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايون(جايلار)دا 31 مىليون 260 مىڭ مو يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز بەرپا قىلىنىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىكىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش ۋە تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇردى. بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە مەبلەغنى قولغا كەلتۈرۈش، كۆپ مەنبەلىك مەبلەغ سېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر ئارقىلىق، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى. ھازىرغىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايون بويىچە 2 مىليون 352 مىڭ مو يەردە يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشى تاماملانغان بولۇپ، قۇرۇلۇش تاماملىنىش نىسبىتى %46.51كە يەتتى، يىل ئاخىرىدا يىللىق قۇرۇلۇش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاش مۆلچەرلەندى.

2012 - يىلىدىن 2020 - يىلىغىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى سۇ ئامبارلىرىنىڭ سانى 457دىن كۆپىيىپ 502گە يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %1.2 ئاشتى. سۇ تېجەپ سۇغىرىش كۆلىمى 2 مىليون 539 مىڭ 300 گېكتاردىن ئېشىپ 2 مىليون 965 مىڭ 460 گېكتارغا يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %2.0 ئاشتى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ياسالغان ئارتاش، داشىمېن، يۇرۇڭقاش قاتارلىق بىر تۈركۈم مۇھىم، زور سۇچىلىق تۈگۈنى قۇرۇلۇشلىرى يېزا ئىگىلىكىنىڭ كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش، قۇرغاقچىلىققا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى.

ئىشلەپچىقىرىش شەكلى ئىلغار، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى

ھازىر، ئاپتونوم رايون بويىچە «كۈزنىڭ ئۈچ ئىشى» ئىشلەپچىقىرىشى تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىدا تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتىلماقتا، تىراكتور، پاختا يىغىش ماشىنىسى، قوناق كومبايىنى، بۇغداي تېرىش ماشىنىسى قاتارلىق ئاپتوماتلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى بولغان يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرى زامانىۋىلاشقان مول ھوسۇل ئېلىش مەنزىرىسىنى نامايان قىلدى.

«بۇ يىل ئائىلىمىزنىڭ 100 مودىن ئارتۇق يېرىگە ماشىنا ئارقىلىق يىغىۋېلىنىدىغان كېۋەز تېرىدۇق، پاختا يىغىش ماشىنىسى ئارقىلىق يىغىۋېلىپ، ۋاقىت ۋە تەننەرخنى تېجەپ قالدۇق، ناھايىتى پاكىز ئۈزدۇق، مو بېشى مەھسۇلاتىنىڭ 450 كىلوگىرام ئەتراپىغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە.» ساۋەن شەھىرىنىڭ ئۇلان ئۇس بازىرى نيېجياچۈ كەنتىدىكى پاختىكار ۋاڭ زاۋيۈن مۇنداق دېدى: ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش شەكلى پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپلا قالماي، يەنە پاختىكارلارنىڭ كېۋەز تېرىشىنى ئاسانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا ياردەم بەردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پۈتۈن ئاپتونوم رايون يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋېلىش ياردەم تولۇقلىمىسى سىياسىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى يۈرۈشلەشتۈرۈش قاتارلىق تەدبىرلەرنى مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق، بىر تۈركۈم ئاپتوماتلاشقان، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرىنى كېڭەيتتى. كومبايىن، ئۆسۈملۈك ئاسراش تىزگىنەكلىك ئۇچقۇسى، سۇغىرىش، ئوغۇتلاش بىرگەۋدىلەشكەن ئۈسكۈنە قاتارلىق ئاپتوماتلىشىش دەرىجىسى يۇقىرى، دەل جايىدا مەشغۇلات قىلىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا - جابدۇقلىرى بەس - بەستە «جەڭگە ئاتلىنىپ»، كۆلەملەشكەن، تۈجۈپىلەشكەن، ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان ئىشلەپچىقىرىش شەكلى تېز ئومۇملاشتى.

بۇ يىل، ئاپتونوم رايون بويىچە پاختا ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پۈتۈن جەريانلىق ماشىنىلىشىش نىسبىتىنىڭ %94تىن ئېشىشى، پاختىنى ماشىنىدا يىغىۋېلىش نىسبىتىنىڭ %80كە يېتىشى مۆلچەرلەندى، يەرلىك ۋە بىڭتۇەندە جەمئىي 7000دىن ئارتۇق پاختا يىغىش ماشىنىسى پاختا يىغىۋېلىش مەشغۇلاتىغا قاتناشتى، بۇنىڭ ئىچىدە، يەرلىك، بىڭتۇەن پاختا رايونىدىن ھالقىپ پاختا يىغىۋېلىشقا قاتناشقان پاختا يىغىش ماشىنىسى 1300دىن ئاشتى. ئۆلچەپ ھېسابلاشقا ئاساسلانغاندا، ھازىر ماشىنا ئارقىلىق يىغىۋېلىنىدىغان كېۋەزنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان پەرۋىش كۆلىمى 200 مودىن ئاشىدىغان بولۇپ، پەرۋىش ئۈنۈمى قولدا پاختا يىغىۋېلىشنىڭ ئۈچ ھەسسىسىدىن بەش ھەسسىسىگىچە توغرا كېلىدىكەن.

يېزا ئىگىلىكىنى ماشىنىلاشتۇرۇش ئاپتونوم رايونىمىز يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم بەلگىسى بولۇپ قالدى. 2021 - يىلى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى %85.5كە، دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىقنىڭ ئۇنىۋېرسال ماشىنىلىشىش سەۋىيەسى %70.6كە يەتتى. ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئومۇمىي قۇۋۋىتى 2012 - يىلىدىكى 19 مىليون 682 مىڭ 700 كىلوۋاتتىن ئېشىپ 2021 - يىلىدىكى 29 مىليون 958 مىڭ 800 كىلوۋاتقا يېتىپ، يىلىغا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %4.8 ئاشتى. يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلىشىش سەۋىيەسىنىڭ ئۆسۈشى ئادەم كۈچىنى تېجەپلا قالماي، يەنە ئەمگەك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى، شۇنداقلا «تۈجۈپىلەپ تېرىش» «يوپۇق ئاستىدىن سۇ تېجەپ تېمىتىپ سۇغىرىش» قاتارلىق ئىلغار ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىلىرىنىڭ ئومۇملىشىش، كېڭەيتىلىشنى ئاساسقا ئىگە قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بويىچە مەھسۇلاتنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىناتنى كاپالەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنىڭ سىجىل ئېشىشىنى مۇھىم تىرەك بىلەن تەمىنلىدى، يېزا ئىگىلىكىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ» تېخىمۇ مۇقىم، كۈچلۈك بولدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.