تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك بولۇپ يېڭى سەھىپە پۈتۈپ چىقايلى

□شىنخۇا ئاگېنتلىقى ئوبزورچىسى

يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى سايلاش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. پۈتۈن مەملىكەتتىكى 38 سايلام ئورنى ئايرىم - ئايرىم ھالدا پارتىيە قۇرۇلتىيى ياكى پارتىيە ۋەكىللىرى يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىغا قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنى سايلام ئارقىلىق بارلىققا كەلتۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ باشقا 51 نەپەر پارتىيەلىك رەھبىرىي يولداشلىرى بىلەن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى كۆرسەتكەن ۋەكىل نامزاتى سۈپىتىدە، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىكىگە تولۇق سايلاندى. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ سايلام ئارقىلىق بارلىققا كېلىشى پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن كەڭ كۆلەمدە ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىدى، پۇختا ئاساس سالدى، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزىدىغان جۇشقۇنلۇق ۋە ھاياتىي كۈچنى ئاشۇردى، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئاكتىپ كۈچ قوشتى.

پات ئارىدا ئېچىلىدىغان پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلىدىغان بىر قېتىملىق ئىنتايىن مۇھىم قۇرۇلتاي بولۇپ، ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، تەسىرى چوڭقۇر، پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنى ياخشى سايلاپ، قۇرۇلتاينىڭ تۈرلۈك ۋەزىپىلىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاش پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك يادروسىلىق رولىنىڭ تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ گۈللەپ ياشنىشى ۋە روناق تېپىشىغا، ئەبەدىي ئەمىنلىككە مۇناسىۋەتلىك.

پارتىيە رايىنىڭ يۈزلىنىشى خەلق قەلبىنىڭ ئىنتىلىشى، كۆپچىلىكنىڭ ئارزۇسى. گۇاڭشىدا، يولداش شى جىنپىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى. يىغىن مەيدانىدا، بارلىق ۋەكىللەر ئورنىدىن تۇرۇپ چاۋاك چالدى، قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئۇزاققىچە ياڭرىدى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ پارتىيەلىك باشقا رەھبىرىي يولداشلىرىمۇ ئارقا - ئارقىدىن ئالاقىدار سايلام ئورۇنلىرىدا پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلاندى. پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ رەھبىرىي يولداشلىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشىش، سايلىنىش جەريانى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭقۇر سىياسىي ئويلىنىشى ۋە كۈچلۈك تارىخىي مەسئۇلىيەتچانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئېسىل ئىستىلى ۋە ئوبرازىنى نامايان قىلدى، روشەن سىياسىي يۆنىلىش ۋە ئەمەلىيەت يۆنىلىشىنى گەۋدىلەندۈردى، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئىشەنچى ۋە ئىرادىسىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتۇپ، كۆتۈرەڭگۈ روھلۇق، جاسارەتلىك، باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملىدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت ئىستراتېگىيەلىك پۈتۈن ۋەزىيەت ۋە دۇنيادا 100 يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، پارتىيەنىڭ ئاساسىي نەزەرىيەسى، ئاساسىي لۇشيەنى، ئاساسىي تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىرتۇتاش ئىگىلەپ، بىر قاتار ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، بىر قاتار ئۆزگىرىش خاراكتېرلىك ئەمەلىيەتنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىر قاتار بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنماي كەلگەن نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلدى، يىراق كەلگۈسىگە ئالاقىدار نۇرغۇن زور ئىش، مۇھىم ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقاردى، سىياسىي، ئىقتىساد، ئىدېئولوگىيە، تەبىئەت دۇنياسى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خەۋپ - خەتەر ۋە خىرىسلارنىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلدى. يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش تارىخى، سوتسىيالىزمنىڭ تەرەققىيات تارىخى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات تارىخىدا ئابىدىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە.

يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ ئەمەلىيەت داۋامىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزمچى سىياسىيون، مۇتەپەككۇر، ئىستراتېگىيەچىگە خاس يۈكسەك جاسارىتى، يىراقنى كۆرەرلىكى، قالتىس ئىقتىدارى ۋە دانا تەدبىرى بىلەن پۈتۈن ۋەزىيەتنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئىستراتېگىيەلىك پىلان تۈزۈپ، قالتىس رەھبەرلىك ئىقتىدارى، ئالىيجاناب كىشىلىك پەزىلىتى، خەلق ئۈچۈن ساداقەتمەن بولۇش ھېسسىياتىنى نامايان قىلدى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرىگە ئىلمىي جاۋاب بەردى، ئۇ، ھازىرقى زاماندىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋرىمىزدىكى جەۋھىرى بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشتا يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇردى، ئۇنىڭ ھەقىقەت كۈچى، مەنىۋى كۈچى، ئەمەلىيەت كۈچى تولۇق نامايان بولدى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى، پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تىكلىشى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچى ئورنىنى تىكلىشى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈردى، بۇ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىلى بولۇپ سايلانغانلىقى پۈتۈن پارتىيە ئىرادىسىنىڭ يۈكسەك مۇجەسسەملىنىشى، پارتىيە رايى، خەلق رايىنىڭ مەركەزلىك ئىپادىلىنىشى بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنى چىن قەلبىدىن ھۆرمەتلەيدىغانلىقىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى قەتئىي قوغدايدىغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈردى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى، تارىخىي ئۆزگىرىش ھاسىل قىلغانلىقىنى تولۇق ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى گەۋدىلەندۈردى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان قەتئىي ئىشەنچىنى نامايان قىلدى.

پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە قەدەم قويغان، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىۋاتقان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭ ۋە مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىدىكى باشقا يولداشلار باشلامچىلىق بىلەن چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونلىرى، كونا ئىنقىلابىي رايونلار ھەم يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش قاتارلىق دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى يولغا قويۇلغان نۇقتىلىق ئۆلكىلەرگە بېرىپ سايلامغا قاتناشتى ھەم ئۆمەك مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، رەھبىرىي كادىرلارغا باشلامچى بولۇپ، ئۈلگە كۆرسىتىش، يېتەكلەش ئۈنۈمىنى شەكىللەندۈرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونىغا بېرىپ سايلامغا قاتناشقانلىقى پارتىيە ئىچىدىكى دېموكراتىيەنى ئەۋج ئالدۇرۇش، يېڭى ۋەزىيەتتىكى پارتىيە ئىچىدىكى سىياسىي تۇرمۇشنى كۈچەيتىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇشنىڭ شانلىق ئۈلگىسى بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چېگرا رايوندىكى مىللەتلەر رايونىغا بولغان غەمخورلۇقىنى نامايان قىلدى، بۇ، دۆلەتنىڭ مۇھىم، زور تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا مۇھىم، زور يېتەكچى ئەھمىيەتكە ئىگە. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىنىڭ سايلامغا قاتنىشىشى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا پايدىلىق، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە پايدىلىق، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق، پارتىيە ئەزالىرى، ئامما بىلەن قويۇق ئالاقە باغلاپ، كەڭ دائىرىدە پىكىر ئېلىشقا پايدىلىق بولۇپ، ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىدىغان، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىدىغان كۈچلۈك ئاكتىپ كۈچنى ئۇرغۇتىدۇ.

بايراق يۆنىلىشكە يېتەكچىلىك قىلىدۇ، بۇرچ كۈچنى مۇجەسسەملەيدۇ. 52 نەپەر پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدا پارتىيە ۋە خەلقنىڭ ئۈمىدىنى زىممىسىگە ئېلىپ، تەنتەنىلىك، مۇقەددەس مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، تارىخىي خاراكتېرلىك كاتتا يىغىننى ياخشى ئېچىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا ئىتتىپاقلاشتۇرىدۇ ۋە رىغبەتلەندۈرىدۇ. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىپ، جاسارەت بىلەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشنىڭ يېپيېڭى سەھىپىسىنى پۈتۈپ چىقايلى.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 27 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.