تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ھەسسىلەپ ئاشتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن خۇا

تىجارەت - سودا مۇھىتى ئىشلەپچىقىرىش كۈچىدۇر، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرغانلىق ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئازاد قىلغانلىق، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرغانلىق. پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدا «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» قاتارلىق نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھات سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت - سودا مۇھىتى كۈچەپ بەرپا قىلىنىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى قوزغىتىلىپ، شىنجاڭ ئىقتىسادىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇلدى. بۇ يىل 8 - ئايغىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە تىزىملاپ ئەنگە ئېلىنغان بازار سۇبيېكتى 2 مىليون 218 مىڭغا يېتىپ، 2012 - يىلىدىكىگە سېلىشتۇرغاندا ئىككى ھەسسە ئاشتى.

مۇلازىمەت ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئىش بېجىرىش تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولدى، قولايلاشتى

«ئالدىنقى كۈنى چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمەت تورىغا چىقىپ ئالاقىدار ماتېرىياللارنى تاپشۇرغانىدىم، 2 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تەكشۈرۈشتىن ئۆتتى.» يېقىندا، جۇڭنۇڭ لياڭپىن شىنجاڭ كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇدىرى لى يۈشۇ كارخانىنى ئەنگە ئالدۇرۇش، تىزىملىتىش كەسپىنى بېجىرىپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەم قولاي بولغان مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتىنى توختىماي ماختىدى.

كارخانا قۇرۇش ئۈچۈن بېجىرىلىدىغان تۈگىمەس تەرتىپ، ئۇرغۇزۇلىدىغان تۈگىمەس تامغىدىن بۈگۈنكى كۈندە تىجارەت كىنىشكىسىنى پۈتۈن جەريانلىق توردا بېجىرىش، «بىر قېتىممۇ قاترىماي» بېجىرىشكىچە، 10 يىلدىن بۇيان شىنجاڭدا بازار سۇبيېكتلىرىنى تىزىملاپ ئەنگە ئېلىشتا غايەت زور ئۆزگىرىش بولدى.

2013 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ پۈتۈن مەملىكەت بىلەن ماس قەدەمدە «بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش» ئىسلاھاتىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ ۋە سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ تىزىملاپ ئەنگە ئېلىش ھەققى، ئەنگە ئېلىنغان كاپىتالنى تەكشۈرۈش ھەققى، يىللىق تەكشۈرۈشتىكى ئىقتىسادىي تەپتىش دوكلاتى ھەققى قاتارلىقلارنى كەچۈرۈم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، كارخانا قۇرۇش ۋاقتىنى ئۈزلۈكسىز قىسقارتىپ، كارخانىلارنىڭ ئىش بېجىرىش ۋاقىت تەننەرخى ۋە ئىقتىسادىي تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، قولايلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ئېنىق بولغان بازار ئىجازىتى مۇھىتى ياراتتى.

نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا كارخانىلارنىڭ تىجارەت ئىجازىتىگە ئالاقىدار 496 ئىش تۈرىدە «ئىجازەتنامە بىلەن كىنىشكىنى ئايرىۋېتىش» ئىسلاھاتى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلۇپ، «26 كىنىشكىنى بىرلەشتۈرۈش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى، 50 تۈردىكى سانائەت مەھسۇلاتىنى ئىشلەپچىقىرىش ئىجازەتنامىسى ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئۆلكە دەرىجىلىك ئىجازەتنامە بېرىلىدىغان تۆت تۈردىكى كارخانىغا قارىتا «ئاۋۋال ئىجازەتنامە بېجىرىش، ئارقىدىن تەكشۈرۈپ تەستىقلاش» يولغا قويۇلدى، رايون ئىچىدە ئادەتتىكى كارخانا قۇرۇش رەسمىيىتىنى بېجىرىش ۋاقتى «12 - بەش يىل»نىڭ ئاخىرىدىكى 30 نەچچە خىزمەت كۈنىدىن ھازىرقى تۆت خىزمەت كۈنىگە قىسقارتىلدى.

2018 - يىلى، ئاپتونوم رايون پۈتۈن مۇساپىلىك ئېلېكتىرونلاشقان تىزىملاش سىستېمىسىنى ئاچتى ھەم ئۇنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ ۋە ياخشىلاپ، «بىر نۇقتا ئارقىلىق كۆپ سىستېمىغا چىقىش، بىر قېتىمدا ئىسپات بېرىش، بىر جەدۋەل بىلەن ئىلتىماس قىلىش، ماس قەدەمدە بېجىرىش، سۈرۈك بېكىتىپ بېجىرىش»تىن ئىبارەت بىر توردا بىرتۇتاش بېجىرىش، پۈتۈن مۇساپىلىك توردا بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى. ھازىرغىچە، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بازار سۇبيېكتلىرىنى پۈتۈن جەريانلىق ئېلېكتىرونلاشقان توردا بېجىرىش نىسبىتى %74.26كە يەتتى. بۇنىڭ ئىچىدە بازار سۇبيېكتلىرىنى تەسىس قىلىش، تىزىملاشنىڭ توردا بېجىرىلىش نىسبىتى %85.57كە يەتتى.

بىر قاتار ئىسلاھات تەدبىرلىرى تېخىمۇ ئازادە، قولايلىق بازار ئىجازىتى مۇھىتى ياراتتى، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى «باغلاق بوشىتىلىپ»، «توسالغۇلار تۈگىتىلىپ»، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى تولۇق قويۇپ بېرىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى تىزىملاش - رويخەتكە ئېلىش باشقارمىسىنىڭ باشقارما باشلىقى زو شىنمىن مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭدا بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ سانى ھەر يىلى زور دەرىجىدە ئېشىپ، ئاپتونوم رايونىمىزغا كۆپ مىقداردىكى يېڭى، ئۈنۈملۈك تەمىنات ۋە سېلىنما، ئىستېمال ئېھتىياجى ئېلىپ كەلدى، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يەككە سودا - سانائەتچىلەرنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ئىقتىسادىي تەرەققىياتقا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى.

قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ۋە قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئارقىلىق بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇتۇلدى

يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق دورا نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئىدارىسى دورا، داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان كارخانىلارغا قارىتا 20 تۈرلۈك قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ، شىنجاڭ گاۋشىن لېبېيئېر داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى جاڭ جيېنىڭ كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ ئاشۇردى، «شىركىتىمىز ئىككى تۈرلۈك مەھسۇلاتنى داۋاملىق رويخەتكە ئالدۇرۇش ئىشىنى بېجىرىپ، 60 مىڭ يۈەن رويخەتكە ئالدۇرۇش ھەققىنى كېمەيتىش، كەچۈرۈم قىلىشتىن بەھرىمەن بولدى، بىز بۇ پۇلنى كارخانا تەرەققىياتىدىكى ئەڭ ئېھتىياجلىق جايغا ئىشلەتسەك بولىدۇ».

بازار سۇبيېكتلىرى ئىقتىسادنىڭ كۈچ ۋاسىتىسى، بازار سۇبيېكتلىرىنى ياخشى قوغداپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتقاندىلا، ئىقتىسادىي تەرەققىيات ئۈچۈن ئاساسىي كۈچ توپلىغىلى بولىدۇ.

ئون يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاپ، «شىنجاڭدىكى ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششۇق كارخانىلارنىڭ <13 - بەش يىل>لىق تەرەققىيات يىرىك پىلانى» «ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاتارلىق بىر قاتار سىياسەتلەرنى ئارقا - ئارقىدىن چىقىرىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنى سىياسەت جەھەتتىن قوللاش سالمىقىنى ئاشۇردى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن مۇلازىمەت ئېڭىنى ئۆزگەرتىپ، تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنى «مۇلازىم» شەكلىدىكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەپ، ئىنكاس بولسا جەزمەن جاۋاب قايتۇرۇش، ئىشى بولمىسا ئاۋارە قىلماسلىقنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك مۇلازىمەت ئارقىلىق بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى يۈزبەرگەندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سىياسەت - تەدبىرلىرى زىچ كۈچ چىقىرىپ، كارخانىلارنىڭ بەرداشلىق بېرىپ، قىيىن ئۆتكەلدىن ئۆتۈشىگە مەدەت بەردى. بۇ يىلدىن بۇيان، كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىدىكى يېڭى قىيىنچىلىق، يېڭى مەسىلىلەرگە قارىتا، ئاپتونوم رايونىمىز باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىشتە «بىرىكمە مۇشت» ئېتىپ، بىر قاتار سىياسەتلەرنى دەل جايىدا ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنىڭ تەكشى، مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

ئاپتونوم رايون بۇ يىل 6 - ئايدا ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى بىر قاتار سىياسەت - تەدبىرلەرنى ئېلان قىلىپ، كۈچەپ ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى يارىتىپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى؛ بۇ يىل 8 - ئايدا ئاپتونوم رايون يەنە «ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا - سانائەتچىلەرگە قارىتا كارخانىلارغا ياردەم بېرىپ قىيىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىش توغرىسىدىكى بىرقانچە سىياسەت - تەدبىر»نى ئېلان قىلدى... بۇ سىياسەت - تەدبىرلەرنىڭ سالمىقى زور، قىممىتى يۇقىرى، مەشغۇلاتچانلىقى كۈچلۈك، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولۇش خاراكتېرىگە، قولايلىق بولۇش خاراكتېرىگە ئىگە بولۇپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنى ھەقىقىي يېنىكلەتتى. ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ تىجارەتتىكى قىيىنچىلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشىغا تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق ياردەم بېرىپ، بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئاشۇردى.

قاتتىق باشقۇرۇش + ئەپچىل باشقۇرۇش ئارقىلىق ئادىل تەرەققىيات مۇھىتى يارىتىلدى

بۇ يىل، ئۈرۈمچى شەھىرى يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى ئاقىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كارخانىلارنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى بىردەك ئاقىل نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش سۇپىسىغا كىرگۈزۈپ، يېمەكلىك ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىنى پۈتۈن جەريانلىق سۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى. يېمەكلىك تىجارىتى كارخانىلىرى قانۇنغا خىلاپ قىلىش قىلمىشى سەۋەبىدىن ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇلۇپلا قالسا، ھۆكۈمەتنىڭ خېرىدار چاقىرىشىغا قاتنىشىش، خېرىدار بولۇش، بانكىدىن قەرز ئېلىش قاتارلىق ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ. بىر جايدا قانۇنغا خىلاپلىق قىلسا، ھەممىلا جايدا چەكلىمىگە ئۇچرايدۇ، بۇنداق قاتتىق باشقۇرۇش + ئەپچىل باشقۇرۇش نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، يېمەكلىك بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى.

سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتى تۈزۈلمە - مېخانىزم قاتلىمىدىن بازار سۇبيېكتىنى ئەڭ زور چەكلىمىدە باغلاقتىن بوشىتىپ، بازار ئىجازىتىنى قولايلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈردى، ئىش داۋامىدا ۋە ئىشتىن كېيىن قاتتىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىشمۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ سودا ئىشلىرى تۈزۈمى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى مۇھىم ئىشى بولۇپ قالدى.

2020 - يىلى، شىنجاڭ بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ساھەسىدە «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويدى، نۆۋەتتە، بازار نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش ساھەسىدىكى مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش» بويىچە نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش تولۇق قاپلاش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. «ئىككىنى ئىختىيارىي تاللاش، بىرنى ئاشكارىلاش»، ئىشىكتىن بىر قېتىم كىرىپ، كۆپ ئىشنى تەكشۈرۈش ئىلگىرىكى چارلاپ تەكشۈرۈش تۈزۈمىدىكى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشتا ساقلانغان ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن قانۇن ئىجرا قىلىش، قانۇن ئىجرا قىلىشتا خەلقنى پاراكەندە قىلىش، قانۇننى خالىغانچە ئىجرا قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ بازار تىجارەت تەرتىپىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇردى، تەكشۈرۈش قېتىم سانىنى ئازايتتى، تەكشۈرۈش جەريانىنى قېلىپلاشتۇردى، تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.

يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ، ئاپتونوم رايون ئادىل رىقابەتنى تەكشۈرۈش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتتى، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر) ۋە ناھىيە(شەھەر، رايون)لەر پۈتۈنلەي ئادىل رىقابەتنى تەكشۈرۈش بىرلەشمە يىغىنى تۈزۈمى ئورنىتىپ، «ئادىل تارازا»نى ئېگىز ئېسىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى تېخىمۇ تەرتىپلىك قىلدى، كارخانىلارنى تىجارەتتە تېخىمۇ ئادىللىق تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.

شىنجاڭ يەنە ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان سىياسەت - تەدبىرلەردىكى يەرلىك قورۇقچىلىق، سودىنى بېكىتىپ بېرىش، بازار توسۇقى قاتارلىقلارغا چېتىشلىق ئىشلارنى نۇقتىلىق ئېنىقلىدى. بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون بويىچە قېلىپلاشقان ھۆججەت ۋە ئالاقىدار سىياسەت - تەدبىردىن 8800دىن كۆپرەكى كۆرۈپ چىقىلىپ، ئادىل رىقابەتنى چەكلەيدىغان سىياسەت - تەدبىردىن 42سى تۈزىتىلىپ ۋە بىكار قىلىنىپ، تۈرلۈك مۈلۈكچىلىكتىكى سۇبيېكتلارنىڭ بايلىق مۇھىم ئامىلىدىن قانۇن بويىچە باراۋەر پايدىلىنىشى، رىقابەتكە ئاشكارا، ھەققانىي، ئادىل قاتنىشىشى، قانۇن تەرىپىدىن باراۋەر قوغدىلىشى ئۈچۈن ياخشى تۈزۈم مۇھىتى يارىتىپ بېرىلدى.

قانۇن ئىجراسىنى قاتتىق نازارەت قىلىش - باشقۇرۇش، تور بازىرىنى نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، نۇقتىلىق خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە بازار باھا تەرتىپىنى قېلىپلاشتۇرۇش... بىر قاتار قاتتىق يادرولۇق تەدبىرلەر شىنجاڭ ئۈچۈن ئېچىۋېتىلگەن، رىقابەت تەرتىپلىك بولغان زامانىۋى بازار تەرتىپى ئورنىتىپ بەردى.

مەسئۇل مۇھەررىر : قۇربانجان قېيۇم

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.