تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۈيۈك ئىتتىپاقلىقنى مۇستەھكەملەپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ «مەركەزداش چەمبەر»نى ئورتاق سىزىپ چىقىش

​− پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى شىنجاڭنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى توغرىسىدا ئۇنىۋېرسال بايان

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل غوپۇر

باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بىرلىك سەپ پارتىيەنىڭ دۈشمەن ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈپ دۆلەتنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى پۈتكۈل جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ئەڭگۈشتەرى، جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرۇش كېرەك.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ بىرلىك سېپى مەركىزىي خىزمەتنى چۆرىدەش، ئومۇمىي ۋەزىيەتكە مۇلازىمەت قىلىش، خەلق رايىنى قولغا كەلتۈرۈشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، سىياسىي پارتىيەلەر مۇناسىۋىتى، مىللەتلەر مۇناسىۋىتى، دىنلار مۇناسىۋىتى، قاتلاملار مۇناسىۋىتى، مەملىكەت ئىچى - سىرتىدىكى قېرىنداشلار مۇناسىۋىتىنىڭ ئىناقلىقىنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، ئورتاق كۈرەش قىلدى

8 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتى بىلەن بىرلىكتە «20 - قۇرۇلتاينى خۇشال - خۇرام كۈتۈۋېلىپ، مەڭگۈ پارتىيەگە ئەگىشىپ ماڭىمىز» تېمىسىدىكى خەتتاتلىق، رەسىم، فوتو سۈرەت ئەسەرلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتى تەرەققىي قىلغان، خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەۋاتقان، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىتتىپاق - ئىناق ئۆتۈۋاتقان چوڭ ياخشى ۋەزىيەت ۋە جانلىق مەنزىرىنى تولۇق نامايان قىلدى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ بىرلىك سېپى يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلەش، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى ۋە خاسلىققا ئىگە تۈرلۈك باش تېمىلىق تەربىيە پائالىيەتلىرىنى كەڭ كۆلەمدە قانات يايدۇردى. ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلارنىڭ «ھەمكارلىشىش ئەسلىي مەقسىتىمىزنى ئۇنتۇماي، داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرىلەيلى» باش تېمىلىق تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىنى قوللىدى؛ يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلارنى «يېڭى دەۋردە ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش . يېڭى كۈچ مۇجەسسەملەش» باش تېما تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى... كۆپ خىل شەكىلدىكى پائالىيەتلەر ئارقىلىق ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىنى ھىمايە قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئورتاق پىلانلاش سىياسىي ئاڭلىقلىقى، ئىدىيە ئاڭلىقلىقى ۋە ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى زور دەرىجىدە كۈچەيتتى.

شىنجاڭ بىرلىك سېپى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى نىزامى»نى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىشنى كاللىغا، قەلبكە سىڭدۈرۈش، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنىڭ باشتىن - ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن ئۆتتى، دىن ساھەسى ئېجىل - ئىناق بولدى

ئۈرۈمچى شەھىرى تىيانشان رايونى گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسىگە كىرگەندە، قىزىل تام ئارىسىدىكى ياپيېشىل دەل - دەرەخلەر سايە تاشلاپ تۇراتتى، بۇ جاي ھەرقايسى مىللەتلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان بەخت مەھەللىسى ئىدى.

مەملىكەتلىك مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى(ئورنى)، مەملىكەت بويىچە لېي فېڭدىن ئۆگىنىش پائالىيىتىدىكى ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىسى، مەملىكەت بويىچە ئەڭ گۈزەل پىدائىيلار مۇلازىمەت مەھەللىسى، مەملىكەت بويىچە ياشانغانلارنى ھۆرمەتلەشتىكى مەدەنىي كوللېكتىپ... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇيۈەنشياڭ مەھەللىسى كۆزنى چاقنىتىدىغان نەتىجە قەغىزىنى تاپشۇردى، ئاھالىلەرنىڭ بەخت تۇيغۇسى زور دەرىجىدە ئاشتى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ ھەرقايسى مىللەتلەر ئارىلىشىپ ئولتۇراقلىشىدىغان جەمئىيەت قۇرۇلمىسى ۋە مەھەللە مۇھىتىنى پائال بەرپا قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى كەڭ، چوڭقۇر قانات يايدۇردى. ھازىرغا قەدەر، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىدىن 81ى، مەملىكەت بويىچە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى بويىچە تەربىيە بازىسىدىن 14ى قۇرۇلدى.

2016 - يىلىدىن باشلاپ، شىنجاڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇردى، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك كادىرلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر مىللەت ئامما بىلەن قوشماقلىشىپ تۇغقانلاشتى. ھازىرغا قەدەر، ھەر مىللەت ئاممىنى جەمئىي 186 مىليون ئائىلە قېتىم زىيارەت قىلدى، 26 مىليون 700 مىڭدىن كۆپرەك ئەمەلىي ئىش، ياخشى ئىش قىلىپ بەردى.

بىرلىك سەپ ئىتتىپاقلىقنى كۆزلەپ بارلىققا كەلگەن، ئىتتىپاقلىققا تايىنىپ گۈللىنىدۇ. جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنىڭ تارىخىي مەسئۇلىيىتى. ئاپتونوم رايونىمىز جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى پارتىيەنىڭ مىللەتلەر خىزمىتىنىڭ ئاساسىي لىنىيەسى قىلىشتا باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، ياشلار، ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى پۇختىلاش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، «مەن ئانارنىڭ بىر دانىسى» تور مەدەنىيىتى پائالىيىتىنى ئۆتكۈزۈپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى جۇڭخۇا مىللىتى تارىخى قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئورتاق مەنىۋى ماكانىنى بەرپا قىلىشقا يېتەكلىدى.

«كۆپ يىللاردىن بۇيان، بىز مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئارقىلىق مېھىر - مۇھەببەت يۇغۇرۇش تەربىيەسى باش تېما پائالىيىتىنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنىڭ شەكلى ۋە ئۇسۇلىدا ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولدۇق» دېدى چۆچەك شەھەرلىك 6 - باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ مۇزىكا ئوقۇتقۇچىسى لۇ خۇڭ.

شىنجاڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ دىن خىزمىتى نەزەرىيەسى ۋە فاڭجېن - سىياسەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، دىن ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە باشقۇرۇپ، دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئاممىنىڭ نورمال دىنىي ئېھتىياجى ۋە قانۇنلۇق دىنىي پائالىيىتىنى قانۇن بويىچە كاپالەتلەندۈرۈپ، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرىنىڭ ئەسلىھە شارائىتىنى سىجىل ياخشىلاپ، دىنلارنىڭ رايىشلىقىنى، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقىنى، مىللەتلەرنىڭ ئېجىللىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

«شىنجاڭدا ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، خىرىستىيان دىنى، كاتولىك دىنى، داۋجاۋ دىنى قاتارلىق دىنلار ئىناق بىللە ئۆتۈپ، ساغلام تەرەققىي قىلدى» دېدى شىنجاڭ ئىسلام دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، ئۈرۈمچى شەھىرى ياڭخاڭ مەسچىتىنىڭ ئىمامى مۆھتەرەم شېرىپ.

جەمئىيەت قاتلىمىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى

7 - ئاينىڭ 23 - كۈنىدىن 28 - كۈنىگىچە، جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى، 3 - سېنتەبىر ئىلمىي جەمئىيىتى، جۇڭگو دېموكراتىيە ئىتتىپاقى ۋە جۇڭگو دېھقان - ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسىدىن ئىبارەت ئالتە دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك رەھبەرلىك بەنزىسىنى سايلاپ چىقىپ، يېڭىلار بىلەن كونىلارنىڭ ئالمىشىشىنى ئوڭۇشلۇق ئىشقا ئاشۇرۇپ، نۆۋەت ئالمىشىش خىزمىتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىدى.

پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، شىنجاڭ دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار، پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار ۋە يېڭى جەمئىيەت قاتلىمىدىكى زاتلارنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ھەقىقىي ياخشى ئىشلەپ، پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار بىلەن پارتىيە سىرتىدىكى زىيالىيلار بىرلەشمە دوستلۇق ئورنىتىش، سىردىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتلىرىنىڭ چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سىياسىي مەسلىھەت ۋە تەكلىپ بېرىش، دېموكراتىك نازارەت قىلىشىنى قوللاپ، «ياخشى مەسلىھەتچى، ياخشى ياردەمچى، ياخشى خىزمەتداش» بولۇش رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇردى.

جۇڭگو گومىنداڭ ئىنقىلابىي كومىتېتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ «مېھىر - شەپقەت يەتكۈزۈش . قول تۇتۇشۇش» يېزا - كەنت مەكتەپلىرىگە كىتاب ئىئانە قىلىش پائالىيىتى، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ «قەلبداش ھەسەن - ھۈسەن» يېزا - كەنت ئوقۇتقۇچىلىرىنى تەربىيەلەش ھەرىكىتى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى شىنجاڭ رايونلۇق كومىتېتىنىڭ «سىيۈەن قۇتقۇزۇش . شىنجاڭ سەپىرى» بويىچە يېزا - بازارلىق مەركىزىي شىپاخانىلارغا قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى ئىئانە قىلىش پائالىيىتى... شىنجاڭ بىرلىك سېپىدىكىلەر خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن كۈچ قوشتى.

سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسى خىزمىتى پارتىيەنىڭ بىرلىك سەپ خىزمىتى ۋە ئىقتىسادىي خىزمىتىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. شىنجاڭ پائال تۈردە ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيەدىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك رەھبەرلەر پۇقراۋى كارخانىلار (سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى، جەمئىيەت) بىلەن ئالاقىلىشىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانىلارنىڭ ئالاقىلىشىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېقىن، پاك ھۆكۈمەت - سودىگەرلەر مۇناسىۋىتىنى ئورناتتى. پۇقراۋى ئىگىلىك ساھەسىدىكى زاتلارنىڭ شەرەپلىك ئىشلار، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىشلىرىغا پائال قاتنىشىشىنى قوللىدى. «10 مىڭ كارخانا 10 مىڭ كەنتكە ياردەم بېرىش» نەتىجىسىنى مۇستەھكەملەپ، «10 مىڭ كارخانا 10 مىڭ كەنتنى گۈللەندۈرۈش» ھەرىكىتىنى باشلىدى. 2021 - يىلىنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، 1723 پۇقراۋى كارخانا 2117 كەنت، 411 مىڭ 100 ئادەمگە ياردەم قىلدى ۋە يۆلىدى، كەسىپلەر بويىچە ياردەم قىلىش - يۆلەش مەبلىغىدىن 4 مىليارد 33 مىليون يۈەن ئاجراتتى.

شىنجاڭ بىرلىك سېپى «چياۋمىنلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش ھەرىكىتى»نى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، ئۇدا ئىككى يىل قازاقىستان، تۈركىيە قاتارلىق تۆت دۆلەتكە 17 مىڭدىن ئارتۇق «ساغلاملىق بوغچىسى» سوۋغا قىلدى. مەملىكەت سىرتىدىكى شىنجاڭلىق چياۋمىن قېرىنداشلار، خۇاچياۋ، خۇارېنلار ۋە چەت ئەلدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى «بۇلۇتتا شىنجاڭنى زىيارەت قىلىش» سىنلىق ئالماشتۇرۇش يىغىنىنى يېڭىلىق يارىتىپ ئۆتكۈزۈپ، جۇڭگو شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تەرەپلىمە، ئىستېرېئولۇق ياخشى سۆزلىدى.

يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، شىنجاڭ بىرلىك سېپى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، مۇھىم ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، بىرلىك سەپ خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەلا نەتىجىلىرى بىلەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋالىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئامانگۈل ئابدۇراخمان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.