شىنجاڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە توردا سېتىش يولى ئېچىلدى
11-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە توردا سېتىش يولى رەسمىي ئېچىلغان. بۈگۈندىن باشلاپ 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كومپيۇتېر، سۇ ئىسسىتقۇچ، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ئوچاق، بۇس تارتقۇ قاتارلىق سەككىز چوڭ تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالسا، ھەر بىر ئىستېمالچىغا ھەر بىر تۈردىكى مەھسۇلاتتىن بىردىن ھېسابلىنىپ ياردەم پۇل بېرىلىدىكەن، ھەر بىر مەھسۇلاتقا بېرىلىدىغان ياردەم پۇل يۇقىرى چېكى 2000 يۈەن بولىدىكەن. ئىستېمالچىلار ئەڭ كۆپ بولغاندا 16 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن.