تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە توردا سېتىش يولى ئېچىلدى

   ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خېي خۇڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ) مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 11-ئاينىڭ 15-كۈنى، شىنجاڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە توردا سېتىش يولى رەسمىي ئېچىلغان. 

   بۈگۈندىن باشلاپ 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كومپيۇتېر، سۇ ئىسسىتقۇچ، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ئوچاق، بۇس تارتقۇ قاتارلىق سەككىز چوڭ تۈردىكى ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋالسا، ھەر بىر ئىستېمالچىغا ھەر بىر تۈردىكى مەھسۇلاتتىن بىردىن ھېسابلىنىپ ياردەم پۇل بېرىلىدىكەن، ھەر بىر مەھسۇلاتقا بېرىلىدىغان ياردەم پۇل يۇقىرى چېكى 2000 يۈەن بولىدىكەن. ئىستېمالچىلار ئەڭ كۆپ بولغاندا 16 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدىكەن. 1- دەرىجىلىك ھەم ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئۈنۈمى ئۆلچىمىگە يەتكەن مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالسا، مەھسۇلات سېتىش باھاسىنىڭ %20ى بويىچە ياردەم پۇل بېرىلىدىكەن؛ 2-دەرىجىلىك ياردەم پۇل ئۆلچىمىدىكى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئۈنۈمى ئۆلچىمىگە يەتكەن مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالسا، مەھسۇلات سېتىش باھاسىنىڭ %15ى بويىچە ياردەم پۇل بېرىلىدىكەن. 

جىڭدۇڭ APPسى «شىنجاڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» پائالىيىتىنىڭ بەت كەسمە سۈرىتى. 

   شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلار يۈنشەنفۇ APPسى «تور پائالىيىتى»گە چىقىش ئارقىلىق كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ، سالاھىيەتكە ئېرىشىش تاماملانغاندىن كېيىن تاۋباۋ، تيەنماۋ، جىڭدۇڭ قاتارلىق مال سېتىۋېلىش تۈرىدىكى APPلاردىن «شىنجاڭدا كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» قاتارلىق ھالقىلىق سۆزلەرنى ئىزدەپ پائالىيەت بېتىگە كىرسە بولىدۇ، پائالىيەت بېتىدىن تاللاپ سېتىۋالسىمۇ، تەلەپكە ئۇيغۇن تاۋارلارنى بىۋاسىتە ئىزدەپ سېتىۋالسىمۇ بولىدۇ، مال تاپشۇرۇۋېلىش ئادرېسى شىنجاڭدىكى شەھەرلەر بىلەنلا چەكلىنىدۇ، يۈنشەنفۇ ئارقىلىق پۇل تۆلەشكە چەك قويۇلىدۇ، ياردەم پۇلدىن بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ، ئەگەر كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا توغرا كەلسە، قەدەم باسقۇچ بويىچە كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ئۇچۇرىنى تاپشۇرۇپ، ئاندىن «دەرھال سېتىۋېلىش»نى چېكىپ زاكاز تاپشۇرۇش كېرەك. ئىستېمالچىلار پۇل تۆلىگەندە، شۇ دۇكاننىڭ بارلىق ئېتىبارلىرىنى چىقىرىۋەتكەندىن كېيىنكى پۈتۈشۈش باھاسى ئاساسىدا يەنە ھۆكۈمەتنىڭ %15 ياكى %20لىك «سېتىۋالغان ھامان كېمەيتىش»تەك سېتىۋېلىش ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. 

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.