تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭدا ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش 5 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىستېمالغا تۈرتكە بولدى

    مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 11 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنىگىچە، شىنجاڭ بويىچە 10 مىڭ 300 ئاپتوموبىلنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش ئىلتىماسى، 26 مىڭ ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇرۇش، يېڭىلاش ئىلتىماسى تاپشۇرۇلغان بولۇپ، جەمئىي 36 مىڭ 300 ئاپتوموبىل بولغان؛ 189 مىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمىنىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئىلتىماسى تاپشۇرۇلۇپ، 1624 توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇلۇپ، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى مەھسۇلاتىدىن 3065ى «يېڭىلىنىپ»، جەمئىي 5 مىليارد 830 مىليون يۈەنلىك ئىستېمالغا تۈرتكە بولۇنغان.

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.