− ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدا مۇخبىرنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېي
ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتىن ئىبارەت «ئىككىنى يېڭىلاش» سىياسىتىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ «ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ» ئىستېمال بازىرىنى جانلاندۇردى. ھازىر، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلاردا تور سىرتىدىكى ئىستېمال سىجىل قىزىپ، ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرى قاتارلىق چوڭ تاۋارلارنىڭ يوشۇرۇن يېڭىلىنىش ئېھتىياجى مەركەزلىك قويۇپ بېرىلىش مەزگىلىگە كىردى.
ئاپتوموبىل، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغا ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسى قانداق بولىدۇ؟ ئىستېمالچىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشىغا قانداق قاتتىق شەرتلەر قويۇلىدۇ؟ ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىش قايسى تەرتىپلەر بويىچە بېجىرىلىدۇ؟ بۇ ھەقتە، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، 1 ـ دەرىجىلىك كۆزەتكۈچى جۇ خېشياڭنى مەخسۇس زىيارەت قىلدى.
ئۈنۈملۈك مېخانىزىم شەكىللەندۈرۈلدى
ئىستېمال مۇقىملاشتۇرۇلدى ۋە كېڭەيتىلدى
سوئال: كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى سىياسىتىنى ئارقا ـ ئارقىدىن يولغا قويۇشتا، ئاساسلىق ئويلىشىلغان ئامىللار نېمە؟
جاۋاب: ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇمىيىتىنى كۆزدە تۇتۇپ چىقارغان مۇھىم تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرما. بۇ يىل 5 ـ ئايدىن بۇيان، ئاپتونوم رايون ئارقا ـ ئارقىدىن ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ۋە ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى قاتارلىقلارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسى، تەپسىلىي قائىدىسى قاتارلىقلارنى ئېلان قىلىپ، مەركەز ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مەخسۇس تۈر مەبلىغىنى چۈشۈرۈپ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى قوللىدى، بۇ، سىياسەت جەھەتتىن قوللاش ۋە يېتەكلەش ئارقىلىق، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ ئاكتىپلىقىنى تولۇق قوزغاپ، ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشتىكى يۇقىرى ئېقىن بىلەن تۆۋەن ئېقىننىڭ، ھۆكۈمەت بىلەن كارخانا، ئاۋامنىڭ ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشىنى، ئۇنىۋېرسال تەدبىر قوللىنىشنى كۈچەيتىپ «كونىسىنى بىر تەرەپ قىلىش تېخىمۇ ئاسان بولۇش، يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى تېخىمۇ خالايدىغان بولۇش»تەك ئۈنۈملۈك مېخانىزم شەكىللەندۈرۈپ، ئىستېمالنى مۇقىملاشتۇرۇشنى ۋە كېڭەيتىشنى مەقسەت قىلغان.
ئىستېمالنى قوزغىتىش ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئاساسلىق نىشاندىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكى بىر قىسىم ئامىللارمۇ بار:
بىرىنچى، ئىستېمالچىلارنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئارزۇسى ۋە يېڭى مەھسۇلات، يېڭى تېخنىكىنى ھېس قىلىش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ كونا مەھسۇلاتنى ئالماشتۇرۇش ئارزۇسىنى قوزغاپ، ئۇلارنى تېخىمۇ ئىلغار، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ مۇھىت قوغدايدىغان مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتتىن بەھرىمەن قىلىدۇ.
ئىككىنچى، ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرىدۇ. ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ كۆپ ئىشقا ئورۇنلىشىش پۇرسىتى يارىتىپ، ئىقتىسادنىڭ مۇقىم ئېشىشىنى ساقلاش، ئىشەنچنى ئۇرغۇتۇشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
ئۈچىنچى، ئالاقىدار كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدۇ. كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتى ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرىغا تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، يەنە ئەشيا ئوبوروتى، قايتا يىغىۋېلىش، چۇۋۇش قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرگە قارىتا پائال تۈرتكىلىك رول ئويناپ، پۈتكۈل كەسىپ زەنجىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
تۆتىنچى، بايلىقتىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش ۋە ئايلانما ئىقتىسادنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق، كونا مەھسۇلاتلارنى مۇۋاپىق يىغىۋېلىپ ۋە بىر تەرەپ قىلىپ، ئۇنىڭ ئىچىدىكى قايتا پايدىلىنىشقا بولىدىغان بايلىقنى قايتىدىن بىرىكتۈرۈپ ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ، بايلىق ئىسراپچىلىقى ۋە مۇھىت بۇلغىنىشنى ئازايتقىلى بولىدۇ.
سوئال: شىنجاڭ بىر قاتار قوللاش سىياسىتى ۋە كونكرېت لايىھەنى ئوتتۇرىغا قويدى، ياردەم پۇلى بېرىش سىياسىتى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەھسۇلات دائىرىسى كونكرېت نېمىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ؟
جاۋاب: ئۈسكۈنىلەرنى كەڭ كۆلەمدە يېڭىلاش ۋە ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ «1 + 10 + 1» سىياسەت سىستېمىسىنى تۈزۈپ چىقتى، بۇ، بىر قاتار سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى بىرلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش ئارقىلىق، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرۈپ نۇقتىلىق ساھەلەرگە كۈچەپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى كېڭەيتىپ، ئاممىنىڭ كۆپ خىللاشقان ئېھتىياجىنى قاندۇرۇپ، يوشۇرۇن ئىستېمالنى قوزغىتىپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولۇش، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى يېتىلدۈرۈشنى مەقسەت قىلغان.
ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى چۆرىدەپ، سودا ساھەسىدىكى «6 + 1» ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسەت سىستېمىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. يەنى، بىر ئومۇمىي لايىھە − ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەرىكەت لايىھەسى؛ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىكى ئالتە تەپسىلىي قائىدە، بۇ، ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىپ يېڭىلاش، ئاپتوموبىللارنى ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاش، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش (دۆلەت ياردەم پۇلى ۋە ئاپتونوم رايون ياردەم پۇلى)، توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش، ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرىنى «يېڭىلاش» قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.
ياردەم پۇلى ئۆلچىمى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى
تەلەپكە ئۇيغۇن بولسىلا ئېتباردىن دەرھال بەھرىمەن قىلىندى
سوئال: ئوخشاش بولمىغان مەھسۇلاتلارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئۆلچىمى قانداق بېكىتىلدى؟
جاۋاب: ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىش، يېڭىلاش جەھەتتە، ياردەم پۇلىدىن بەھرىمەن بولىدىغان بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىللارنىڭ شەرتى − دۆلەتنىڭ 3 ـ دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن كېرەكسىز گاز قويۇپ بېرىش ئۆلچىمىدىكى ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل (2011 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنىدىن بۇرۇن تىزىمغا ئالدۇرغان بېنزىن يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل، 2013 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنىدىن بۇرۇن تىزىمغا ئالدۇرغان دىزېل يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل ۋە باشقا يېقىلغۇ تىپىدىكى ئاپتوموبىل) ياكى 2018 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنىدىن بۇرۇن تىزىمغا ئالدۇرغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل بولۇشى كېرەك. ھەم شىنجاڭدىكى ئاپتوموبىل سېتىش كارخانىلىرىنىڭ «ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش بېجى كەچۈرۈم قىلىنىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل تىپى مۇندەرىجىسى»گە كىرگۈزۈلگەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل ياكى گاز چىقىرىش مىقدارى 2.0 لىتىر ۋە ئۇنىڭدىن تۆۋەن بولغان ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل بولۇشى كېرەك.
2024 ـ يىلى 4 ـ ئاينىڭ 24 ـ كۈنىدىن 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، سىياسەت تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋالغانلار 20 مىڭ يۈەن مەبلەغ ياردەم پۇلى ئالالايدۇ؛ ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل سېتىۋالغانلار 15 مىڭ يۈەن مەبلەغ ياردەم پۇلى ئالالايدۇ. ئىستېمالچىلار ۋېيشىن (يۈنشەنفۇ، جىفۇباۋ ۋە دوۋيىن) ئارقىلىق «ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» كىچىك پىروگراممىسىنى ئىزدەپ ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تولدۇرسا، تەكشۈرۈش ئارقىلىق سىياسەت تەلىپىگە ئۇيغۇن بولسىلا ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ.
ئاپتوموبىلنى ئالماشتۇرۇپ يېڭىلاش جەھەتتە، 2024 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، 7 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنىدىن بۇرۇن شەخسنىڭ نامىدىكى ئاپتوموبىلنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋالغانلار 18 مىڭ يۈەن مەبلەغ ياردەم پۇلى ئالالايدۇ؛ ماي يېقىلغۇلۇق ئاپتوموبىل سېتىۋالغانلار 13 مىڭ يۈەن مەبلەغ ياردەم پۇلى ئالالايدۇ. ئىستېمالچىلار يۈنشەنفۇ APPسى ئارقىلىق، «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» مەخسۇس بۆلىكىگە كىرىپ ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تولدۇرسا، تەكشۈرۈش ئارقىلىق سىياسەت تەلىپىگە ئۇيغۇن بولسىلا ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ.
ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش جەھەتتە، 2024 ـ يىلى 9 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنىدىن 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنىگىچە بولغان مەزگىلدە، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىشتا چىقىم قىلغان ھامان كېمەيتىش شەكلى قوللىنىلىدۇ، ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسى توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، كومپيۇتېر، سۇ ئىسسىتقۇچ، ئائىلىدە ئىشلىتىلىدىغان ئوچاق، بۇستارتقۇ قاتارلىق سەككىز چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. 2 ـ دەرىجىلىك ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمى ئۆلچىمىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغانلارغا مەھسۇلاتنى سېتىش باھاسىنىڭ %15ى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ؛ 1 ـ دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئىشلىتىش ئۈنۈمى ئۆلچىمىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالغانلارغا مەھسۇلاتنى سېتىش باھاسىنىڭ %20ى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. ھەربىر ئىستېمالچى ھەربىر تۈردىكى مەھسۇلاتتىن بىرىگە ياردەم پۇلى ئالالايدۇ، ھەربىر مەھسۇلاتقا بېرىلىدىغان ياردەم پۇلىنىڭ يۇقىرى چېكى 2000 يۈەن بولىدۇ. دېمەك، ئەگەر ھەربىر ئىستېمالچى سەككىز چوڭ تۈردىكى مەھسۇلاتنىڭ ھەممىسىنى سېتىۋالسا، جەمئىي 16 مىڭ يۈەن ياردەم پۇلى ئالالايدۇ. ئىستېمالچىلار يۈنشەنفۇ APPسىنى ئىشلىتىپ، «كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش» مەخسۇس بۆلىكىگە كىرىپ، مۇناسىپ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى مەھسۇلاتلىرى ياردەم پۇلى بېلىتىنى ئېلىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى سودا مەسئۇل تارماقلىرى بېكىتكەن ساتقۇچى كارخانىلاردا مال پۇلىنى تۆلىگەندە، بىۋاسىتە ئېتىبار ياردەم پۇلىغا ئېرىشەلەيدۇ.
دۆلەتنىڭ ياردەم پۇلى سىياسىتىدىن باشقا، ئاپتونوم رايون يەنە قاچا يۇيۇش ماشىنىسى، يەر سۈپۈرىدىغان ماشىنا ئادەم، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماتۇڭ قاپقىقى، تاختا كومپيۇتېر ئېلېكتىرون تۈرىدىكى مەھسۇلاتلار، ئەقلىي ئىقتىدارلىق يان تېلېفوندىن ئىبارەت بەش چوڭ تۈردىكى مەھسۇلاتقا ياردەم پۇلى بەردى. بۇنىڭ ئىچىدە مەھسۇلات سېتىۋېلىش ۋاقتى 2024 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن 12 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنىگىچە؛ ئىستېمال بېلىتىنى ئىلتىماس قىلىپ ئېلىش ۋاقتى 2024 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن 2025 ـ يىلى 1 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنىگىچە؛ ئىستېمال بېلىتىنى ئىشلىتىش ۋاقتى 2024 ـ يىلى 6 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن 2025 ـ يىلى 2 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنىگىچە بولىدۇ. ھەربىر تۈردىكى مەھسۇلاتقا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى سېتىۋېلىش باھاسى بويىچە مۇناسىپ ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، يەككە تۈردىكى مەھسۇلاتقا ئەڭ كۆپ بولغاندا 1000 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. كەڭ ئىستېمالچىلار ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ كونكرېت ئەھۋالىغا ئاساسەن «يۈنشەنفۇ (بەش ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر)» «يىجىفۇ (بىر ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر)» ۋە «قۇرۇلۇش بانكىسى تۇرمۇشى (سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر)» APPلىرىدا ئىستېمال بېلىتىنى ئالسا، ئىشلەتسە بولىدۇ.
سوئال: توكلۇق ۋېلىسىپىت ۋە ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرىنى «يېڭىلاش» سىياسىتىنىڭ ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسى قانداق؟
جاۋاب: توكلۇق ۋېلىسىپىتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى بېرىش ئوبيېكتى ۋە ئۆلچىمى بولسا، كونا توكلۇق ۋېلىسىپىتنى تاپشۇرغان ھەم ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى توكلۇق ۋېلىسىپىت سېتىۋالغان بولسا، 500 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ. كونا لىتىيلىق باتارېيەلىك توكلۇق ۋېلىسىپىتنى تاپشۇرغان ھەم قوغۇشۇن كىسلاتا باتارېيەلىك توكلۇق ۋېلىسىپىتنى ئالماشتۇرۇپ سېتىۋالغان بولسا، 600 يۈەن ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ.
ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرىنى «يېڭىلاش»قا ياردەم پۇلى بېرىش دائىرىسى ھەم ئۆلچىمى ئاساسلىقى: تاۋار ياردەم پۇلى بېرىش تۈرى مۇنچا ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق 25 تۈردىكى ئۆي بېزەش قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى تۈرىدىكى تاۋارلارنى، ئىشكاپ تۈرى قاتارلىق 24 تۈردىكى ئائىلە سايمانلىرى تۈرى ھەم مۇۋاپىق كونىرىغان تاۋارلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بۇلارغا سېتىش باھاسىنىڭ %15ى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىلىدۇ، ھەربىر ئىستېمالچى ھەربىر تۈردىكى تاۋاردىن بىرىگە ياردەم پۇلى ئالالايدۇ، ھەربىرىگە بېرىلىدىغان ياردەم پۇلى 2000 يۈەندىن ئېشىپ كەتمەيدۇ؛ ئۆي بېزەش ئۆسۈم ياردىمى بويىچە ياردەم پۇلى بېرىش تۈرىدە، ئىستېمالچىنىڭ بەش يىلدىن ئاشقان بىرىنچى قول ئۆيى ياكى نىمكەش ئۆيى، شۇنداقلا قىسمەن ئۆزگەرتىپ بېزىگەن ئۆيىگە قارىتا، ئەگەر ئىستېمالچى مەخسۇس ئۆي بېزەش قەرز پۇلى ئىلتىماس قىلغان بولسا، قەرز پۇل سوممىسى 50 مىڭ يۈەندىن كەم بولمىسا، ئەمەلىي ئىشلەتكەن سومما 30 مىڭ يۈەندىن كەم بولمىسا، قەرز پۇل مۇددىتى 12 ئايدىن كەم بولمىسا، يەنە يىللىق ئۆسۈم نىسبىتى %3 بولۇش، ياردەم ئۆسۈم ۋاقتى 12 ئايدىن ئېشىپ كەتمەسلىك ئۆلچىمى بويىچە ئەڭ كۆپ بولغاندا 3000 يۈەن ئۆسۈم ياردىمى بېرىلىدۇ.
ئىلتىماس قىلىپ سېتىۋېلىش تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلدى
«يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش + يىغىۋېلىش» سىستېمىسى ئورنىتىلدى
سوئال: كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرغاندىكى كونا بۇيۇملار قەيەرگە كېتىدۇ؟
جاۋاب: دۆلەتنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ھاسىلىي بايلىقنى يىغىۋېلىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسىنى بېسىپ تارقىتىپ، كەڭ كۆلەمدە يىغىۋېلىپ ئايلانما پايدىلىنىشقا تۈرتكە بولۇپ، «يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش + يىغىۋېلىش» سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ۋە يېڭى ئەندىزىسىنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەيتتى. ئىستېمالچىلار بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى يىغىۋېلىش، چۇۋۇش سالاھىيىتىگە ئىگە كارخانىلارنىڭ بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدا بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىللارنى يىغىۋېلىش، چۇۋۇش سالاھىيىتىگە ئىگە كارخانىدىن 36سى بار بولۇپ، بارلىق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنى قاپلىغان، بىراك قىلىنغان ئاپتوموبىللار ۋە بىراك قىلىنغان توكلۇق ۋېلىسىپىتلارنى يىغىۋېلىش مەسىلىسىنى ھەل قىلالايدۇ، ئالماشتۇرۇلغان نىمكەش ئاپتوموبىللار ۋە ئىقتىدارى مۇكەممەل بولغان كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا نىمكەش ئاپتوموبىل سودا بازىرى، كونا مال بازىرىدا داۋاملىق ئوبوروت قىلغىلى بولىدۇ. ئىشلەتكىلى بولمايدىغان كېرەكسىز، كونا ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى كېرەكسىز، كونا ئېلېكتىرون مەھسۇلاتلىرىنى يىغىۋېلىش كارخانىلىرى يىغىۋېلىپ پايدىلىنىدۇ. نۆۋەتتە، پۈتۈن شىنجاڭدا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يىغىۋېلىش سالاھىيىتىگە ئىگە كارخانىدىن ئىككىسى بار، يىغىۋېلىش تور نۇقتىلىرىمۇ 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرنى قاپلىغان. بۇ يىلدىن باشلاپ، ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتى مەركەز مالىيە مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يىغىۋېلىش تور سىستېمىسىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، كېرەكسىز، كونا ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يىغىۋېلىش، ئالماشتۇرۇپ يەتكۈزۈش، يىغىش ـ تارقىتىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.
سوئال: كەلگۈسىدە كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتى يەنە قانداق ئەلالاشتۇرۇلىدۇ؟
جاۋاب: كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش خىزمىتىدىكى ئىلتىماس قىلىش ـ سېتىۋېلىش تەرتىپى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ياردەم پۇلى مەبلىغىنى ۋاقتىدا ئىستېمالچىلارغا بېرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىنىدۇ؛ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا قاتنىشىدىغان كارخانىلارنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىدۇ، بولۇپمۇ ئۆي بېزەش قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى ۋە توكلۇق ۋېلىسىپىت كارخانىلىرىنىڭ دائىرىسى كېڭەيتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار پائالىيەتكە قاتنىشىشقا جەلپ قىلىنىپ، ھەرقايسى جايلاردىكى ئاممىنىڭ تاۋار سېتىۋېلىشىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىلىدۇ؛ ئۆي بېزەش، ئاشخانا، ھاجەتخانا سايمانلىرىنى «يېڭىلاش» مەھسۇلاتلىرىنىڭ تۈرى كېڭەيتىلىپ، ئائىلىدە كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئېھتىياجلىق بولىدىغان ھەر خىل بۇيۇملارنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلايدۇ.