مىڭ چاقىرىملىق مۇساپىنى ھالقىپ، كاتتا مەرىكىگە ئورتاق قاتنىشىش

تاغ-دەريالاردىن ھالقىش، تۆت پەسىلدىن ھالقىش. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بىلەن، 56 مىللەتتىن بولغان 10 مىڭغا يېقىن تەنھەرىكەتچى ۋە ئەزىز مېھمان خەينەن سەنياغا جەم بولۇپ، بىر مەيدان ئاممىۋى تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسىگە ئورتاق قاتنىشىپ، ئىتتىپاقلىق نام قىلىنغان مىللەتلەر مېلودىيەسىنى ئورتاق پۈتتى.

شىنجاڭ ماھىرى مىللىيچە چېلىشىش تۈرى بويىچە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى

11-ئاينىڭ 27-كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مىللىيچە چېلىشىش تۈرىنىڭ 74 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ماھىرى ياشار تىلىۋالدى بۇ مۇسابىقە تۈرىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

جۇڭخۇا مىللىتى بىر ئائىلە كىشىلىرى، شىنجاڭ بىلەن خەينەن قەلبداش

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان مىللەتلەر بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن خەينەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان «مىللەتلەر ياخشى دوست بولايلى» تېمىسىدىكى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە بىرلىكتە قاتناشتى، كۆپچىلىك ئۆزئارا سوۋغا تەقدىم قىلىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.

تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارىلىقىدا، تۆت ئۆلكىنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى سەنيادا خۇشال ۋاقىتلارنى بىللە ئۆتكۈزدى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئارىلىقىدا، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خۇنەن، يۈننەن، خېيلۇڭجياڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرىنى سەنيا شىنجاڭ سارىيىغا تەكلىپ قىلىپ، بىرلىكتە بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. پائالىيەتتە ھەرقايسى ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى شادىيانە ئۇسسۇلغا چۈشۈپ، ئوپچە سۈرەتكە چۈشۈپ، خۇشال كۈلكە سادالىرى ئىچىدە ئۇنتۇلغۇسىز مىنۇتلارنى ئۆتكۈزدى.

​شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچ ئالاھىدە تۈردە قالتىس ماھارەت كۆرسەتتى

ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بىلەن پولات سىمدا مېڭىش، ئىلەڭگۈچ ئۇچۇپ «بوشلۇقتا پەرۋاز قىلىش»، ياغاچ كالتەك بىلەن توپ ئۇرۇش... 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ دارۋازلىق، مەررە توپ، سارغايدىدىن ئىبارەت ئۈچ ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى بىرلا ۋاقىتتا نامايان قىلىنىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.