پولات سىمدا مېڭىش، بوشلۇقتا ئۇسسۇل ئويناش، يەردىن قاڭقىتىش
شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۈچ ئالاھىدە تۈردە قالتىس ماھارەت كۆرسەتتى
11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى دارۋازلىق كوماندىسىنىڭ كوماندا باشلىقى ئادىل ھوشۇر دارۋازلىق ماھارىتى كۆرسەتمەكتە. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خەن لياڭ فوتوسى
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو لىڭ
ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بىلەن پولات سىمدا مېڭىش، ئىلەڭگۈچ ئۇچۇپ «بوشلۇقتا پەرۋاز قىلىش»، ياغاچ كالتەك بىلەن توپ ئۇرۇش... 11 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، 12 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ دارۋازلىق، مەررە توپ، سارغايدىدىن ئىبارەت ئۈچ ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى بىرلا ۋاقىتتا نامايان قىلىنىپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى.
ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ بىلەن پولات سىمدا مېڭىش، پولات سىم ئۈستىدە بالېت ئويناش، كۆزنى تېڭىپ پولات سىمدا مېڭىش، پولات سىمدا تاق چاقلىق ۋېلىسىپىت مىنىش... ئېگىزلىكى 21 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 80 مېتىر كېلىدىغان پولات ئارغامچىدا 20 مىنۇت داۋاملاشقان دارۋازلىق ماھارىتى كۆرسىتىش نەق مەيدانىدا كەيپىيات ئەۋجىگە كۆتۈرۈلدى، ئادىل ھوشۇر دارۋازلىق كوماندىسىنى باشلاپ تاماشىبىنلارغا بىر مەيدان بوشلۇقتىكى كۆرۈش سېزىمى كاتتا زىياپىتى سۇندى.
بولۇپمۇ بوشلۇق گىمناستىكىسى بويىچە ئىككى پۇتنى تۈز كېرىپ ئولتۇرۇش، بوشلۇقتا ئالدىچە موللاق ئېتىش، داردا ئارغامچا سەكرەپ ئالدىغا مېڭىش، بوشلۇقتا ئېسىلىپ تۇرۇش قاتارلىق كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان خەتەرلىك ماھارەتلەر نەق مەيداندىكى تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى، ئالقىش سادالىرى ئۈزۈلمەي ياڭرىدى. ئاخىرىدا، شىنجاڭ دارۋازلىق كوماندىسى ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىنىڭ 1 - باسقۇچلۇق مۇسابىقىسىدە 9.16دەك يۇقىرى نومۇرغا ئېرىشتى.
«بۈگۈن شامال چىقتى، ماھارەت كۆرسەتكەندە پولات سىم ئازراق سىلكىندى، ئەمما كۆپچىلىكنىڭ ئىپادىسى بۇرۇنقىدەكلا ياخشى بولدى.» ئادىل مۇنداق دېدى: «دارۋازلىق»نىڭ مەنىسى ئېگىز بوشلۇقتا چوڭ ئارقاندا مېڭىش ماھارىتى بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ بىر خىل قەدىمىي ئەنئەنىۋى ماھارەت كۆرسىتىش سەنئىتى.
شۇ كۈندىكى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ مەررە توپ (دوگۇر توپ) كوماندىسى مەررە توپ كۆرگەزمە ئويۇنى مۇسابىقىسىگە قاتناشتى. كېرىيە ناھىيەسىدە، دوگۇر توپ «چۇماق»، يەنە «مەررە توپ» دەپمۇ ئاتىلىدىغان بولۇپ، بىر خىل ئەنئەنىۋى خەلق ئىچى ئويۇنى، ئويناش ئۇسۇلى ھازىرقى زامان دوگۇر توپى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ، 2021 - يىلى دۆلەت دەرىجىلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋەكىللىك تۈرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن. «بۇ تۈرنى ئىككى ئادەمدىن 40 ئادەمگىچە ھەممىسى ئوينىيالايدۇ، مەيدان چەكلىمىسى يوق، ئەر - ئايال، قېرى - ياش دەپ ئايرىلمايدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەمكارلىشىش ئىقتىدارىنى سىنايدۇ، بۇ قېتىمقىسى كوماندا ئەزالىرىنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولدى.» كوماندا ئەزاسى ئۆمەرجان مەمتىمىن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ قېتىمقىسى بىزنىڭ مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە 2 - قېتىم قاتنىشىشىمىز، تېخىمۇ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش ۋە كېڭەيتىش ئۈچۈن، يەنە مەخسۇس تۆت نەپەر يېڭى ئەزانى ئېلىپ كەلدۇق.
2018 - يىلى، شىنجاڭ 9 - نۆۋەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە، كېرىيە ناھىيەسىنىڭ مەررە توپ تۈرى تۇنجى قېتىم تاماشىبىنلارنىڭ كۆز ئالدىدا نامايان بولۇپ، كۆپچىلىكنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغىدى ھەم ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت تۈرلىرى بويىچە ماھارەت كۆرسىتىش مۇسابىقىسىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى، 11 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدە يەنە ماھارەت كۆرسىتىش تۈرىدە ئالتۇن مېدالغا ئېرىشتى. تىرېنېر ۋېن لېي مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەررە توپ تۈرى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلدى، كېرىيە ناھىيەسىدىكى ھەربىر يېزا - بازاردا بىردىن مەررە توپ كوماندىسى بار، ھەر يىلى ناھىيەدە تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئاممىنىڭ ئىشتىن سىرتقى تۇرمۇشى بېيىتىلدى، شۇنداقلا بۇ نۇرغۇن ياشنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
سارغايدى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قالتىس ماھارىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلگىرى كۆپ نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىلىرىدە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن.
شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، شادىيانە مۇزىكا ساداسىنىڭ ياڭرىشىغا ئەگىشىپ، قىزلار ۋە يىگىتلەر سارغايدى ماھارەت كۆرسىتىش تۈرى نەق مەيدانىدا شىنجاڭ ئۇسسۇلى ئوينىدى. رىتىم تۈسى قويۇق مۇزىكا ساداسى ئىچىدە، چىرايلىق قىزلار ئىلەڭگۈچ ئارغامچىنىڭ ئۈستىگە چىقتى، يىگىتلەر ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ، ئاستىدىكى توغرا لىمنى ئىتتىرىپ بېسىپ، ئىككى قىزنى تېزلىكتە پىرقىراتتى، قىزلار بوشلۇقتا پىرقىرىغاچ ئىلەڭگۈچ ئارغامچا ئۈستىدە «ئۇسسۇل» ئويناپ، تۈرلۈك «قىيىنلىق دەرىجىسى يۇقىرى» ھەرىكەتلەرنى ئورۇنلىدى، ئۇلار خۇددى ئېگىز بوشلۇقتا پىرقىراۋاتقان ئىككى قار لەيلىسىگە ئوخشايتتى.
«بۇ تۈردە ئورۇنلاش ماھارىتىگە ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ.» كوماندا ئەزاسى گۈلزىبا ئابدۇغېنى مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىگە تۇنجى قېتىم قاتنىشىشىم، ئىنتايىن جىددىيلەشتىم، «كۆپچىلىك داۋاملىق تىرىشىپ، 11 - ئاينىڭ 27 - كۈنىدىكى ماھارەت كۆرسىتىشنى كۈتۈۋالىمىز».