ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى (مۇخبىر خەن لياڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى) 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى چوڭ تىپتىكى پائالىيەتلىرىنىڭ بىرى بولغان مىللەتلەر بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن خەينەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قىسمەن ئەزالىرى شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىغان «مىللەتلەر ياخشى دوست بولايلى» تېمىسىدىكى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىگە بىرلىكتە قاتناشتى، كۆپچىلىك ئۆزئارا سوۋغا تەقدىم قىلىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى.
شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى تاختا ئاياغ بىلەن سۈرئەتتە بەسلىشىش كوماندىسىنىڭ ئەزاسى خۇرشىدە تۇر مۇنداق دېدى: «خەينەنلىك دوستلارنىڭ قىممەتلىك سوۋغاتلارنى ئېلىپ كەلگەنلىكىگە رەھمەت، شۇنداقلا خەينەنلىك ئاكا-ئۇكا، ئاچا-سىڭىللارنىڭ شىنجاڭغا كېلىپ مېھمان بولۇشىنى قارشى ئالىمىز».
11-ئاينىڭ 26-كۈنى، خەينەن ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىدىن مىللەتلەر ئۇسسۇلى ئۆگەنمەكتە.
11-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن خەينەن ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى بىر-بىرىگە سوۋغا تەقدىم قىلىشماقتا.
11-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى خەينەن ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشمەكتە.
11-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن خەينەن ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى قۇچاقلاشماقتا.
11-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزاسى خۇرشىدە تۇر (ئوتتۇرىدا) خەينەن ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزالىرىنى شىنجاڭغا بېرىپ ئويناپ كېتىشكە تەكلىپ قىلماقتا.
11-ئاينىڭ 26-كۈنى، شىنجاڭ ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى بىلەن خەينەن ۋەكىللەر كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى ئۆزئارا ئالاقىلىشىش ئۇچۇرلىرىنى قالدۇرماقتا.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى