مەنبە: تىيانشان تورى-شىنجاڭ گېزىتى ئەسلىي ئىجادىيىتى
11-ئاينىڭ 23-كۈنى، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ مەرۋايىت توپ مۇسابىقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ كوماندىسى 40:39 نەتىجە بىلەن جېجياڭ كوماندىسىنى يېڭىپ، گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى ئىشنى غەلىبىلىك باشلىدى. سۈرەتتە: شىنجاڭ كوماندىسى ئەزالىرى تەنتەنە قىلماقتا.
11-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى دارۋازلىق ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى بوشلۇقتا «ئۇچار ئادەم» ماھارىتىنى كۆرسەتمەكتە.
11-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى تەنھەرىكەتچىلەر مەررە توپ ئويۇنى كۆرسەتمەكتە.
11-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ، خۇنەن، يۈننەن، خېيلۇڭجياڭدىن ئىبارەت تۆت جاينىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خۇشال-خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، دوستلۇقنى ئورتاق بايان قىلدى.
11-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى ياشار تىلىۋالدى (ئوڭدا) مىللىيچە چېلىشىش تۈرىنىڭ 74 كىلوگىراملىقلار دەرىجىسى مۇسابىقىسىدە 1-دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
11-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى گۈلھايات مەمەت (ئوڭدا) كوماندا ئەزالىرى بىلەن ئۆزئارا ئىلھام بەرمەكتە.
11-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى مىللەتلەر ساغلاملىق گىمناستىكىسى كوماندىسىنىڭ ئەزالىرى مۇسابىقىلەشمەكتە.
تىيانشان تورى−شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى خەن لياڭ، گو لىڭ فوتوسى، خەۋىرى
تاغ-دەريالاردىن ھالقىش، تۆت پەسىلدىن ھالقىش. 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەنئەنىۋى تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى بىلەن، 56 مىللەتتىن بولغان 10 مىڭغا يېقىن تەنھەرىكەتچى ۋە ئەزىز مېھمان خەينەن سەنياغا جەم بولۇپ، بىر مەيدان ئاممىۋى تەنتەربىيە كاتتا مەرىكىسىگە ئورتاق قاتنىشىپ، ئىتتىپاقلىق نام قىلىنغان مىللەتلەر مېلودىيەسىنى ئورتاق پۈتتى.
شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئايرىم-ئايرىم ھالدا يەتتە مۇسابىقە تۈرى ۋە ئۈچ ئويۇن كۆرسىتىش تۈرىگە قاتناشتى. دوستلۇقنى كۈچەيتىدىغان، ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرىدىغان كۆرۈنۈشلەر مۇسابىقە مەيدانىنىڭ ئىچى-سىرتىدا بارلىققا كەلدى، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش نۇرى تيەنيا خەيجياۋدا چاقنىدى.
مەرۋايىت توپ بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسىدىكى بەدەن تىركىشىشى ئەڭ كەسكىن بولغان تۈرلەرنىڭ بىرى. تەنھەرىكەتچىلەر مەيداندا كەسكىن بەسلىشىپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن توپنى تالاشتى، لېكىن مۇسابىقە مەزگىلىدە، ئەگەر تەنھەرىكەتچىلەر ئېھتىياتسىزلىقتىن يىقىلىپ چۈشسە، ئىككى كوماندىدىكىلەر سېنىڭ ئەزايىڭ، مېنىڭ ئەزايىم دېمەي بىرىنچى ۋاقىتتا ياردەم قولىنى سۇنۇپ، ئەھۋال سوراپ، يۆلەپ ئورنىدىن تۇرغۇزدى.
11-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئەرلەر مەرۋايىت توپ 2-ئايلانما گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە، شەندۇڭ كوماندىسى شىنجاڭ كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. مۇسابىقە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئىككى كوماندا مەيدان سىرتىدا ئوخشاش شوئار توۋلىدى، ئۆزئارا خاتىرە بۇيۇمى سوۋغا قىلدى؛ 11-ئاينىڭ 26-كۈنى، مىللەتلەر بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش مەدەنىيەت پائالىيىتىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمەكلىرى «تيەنيا خەيجياۋ» مەنزىرە رايونىدا جەم بولدى، ھەر مىللەت تەنھەرىكەتچىلەر دېڭىز بويىدا ئۇزاققا سوزۇلغان «مىللەتلەر مەنزىرە لىنىيەسى»نى نامايان قىلدى؛ 11-ئاينىڭ 27-كۈنى، شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئۆزى تۇرۇشلۇق مېھمانسارايدا بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىگە كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلدى، شىنجاڭ، خۇنەن، يۈننەن، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق جايلارنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى خۇشال-خۇرام بىر يەرگە جەم بولۇپ، دوستلۇقنى ئورتاق ئىپادىلىدى.
«بۇ نۆۋەتلىك تەنھەرىكەت مۇسابىقىسى كۆپچىلىككە نۇرغۇن گۈزەل ئەسلىمىلەرنى قالدۇردى. شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ تەنھەرىكەتچىسى خۇرشىدەم مەمەت مۇنداق دېدى: بۇ، بىر مەيدان مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى كاتتا مەرىكىسى بولدى، ھەربىر تەنھەرىكەتچى ئەلچى، بۇ قېتىمقى مۇسابىقىگە قاتنىشىش كەچۈرمىشىمنى يۇرتۇمغا ئېلىپ بېرىپ، ئائىلەمدىكىلەر ۋە دوستلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىپ، ھەر مىللەت خەلق بىلەن بىرلىكتە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتىمەن.