چوڭ دۆلەت مۇھىم جابدۇقلىرىنىڭ «يۈرىكى»نى قوغدىغۇچى − ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتىنىڭ ئالاھىدە دەرىجىلىك تېخنىكى جاڭ گويۈن توغرىسىدا
ئۇ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا 25 يىل يىلتىز تارتىپ، بىر ئادەتتىكى شاگىرتتىن تىرانسفورموتور سىمى ئوراش يادرولۇق تېخنىكىغا، دۇنيادىكى تۇنجى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتنى ئوراش-ياساش ماھىرىغا، ئالاھىدە دەرىجىلىك تېخنىكقا، ئاندىن چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنىگە ئايلاندى. ئۇ ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتىنىڭ ئالاھىدە دەرىجىلىك تېخنىكى، مەملىكەتلىك «1-ماي» ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكۈچى جاڭ گويۈن.