تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   ئانار گۈلى ئۆزگىچە قىزىل ئېچىلدى

پارتىيە بايرىقىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش丨 «سىرداش ھەدە» ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق يولىدا قەدىمىنى توختاتمىدى

پارتىيە بايرىقىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش丨«سىرداش ھەدە» ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق يولىدا قەدىمىنى توختاتمىدى  

−سانجى شەھىرى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى سۇ يۈچىن پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمەت پونكىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى سۇ يۈچىن توغرىسىدا 

      ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ نا

    «ئۇ راك كېسىلىگە گىرىپتار بولغىنىغا كۆپ يىل بولغان بولسىمۇ، مېھىر-مۇھەببىتى بىلەن ھاياتىدىكى ئازابقا جاۋاب قايتۇردى، پارتىيەگە كىرگەن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، ئۇنىڭ كوللېكتىپنى يېتەكلەپ پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتناشقان ۋاقتى نەچچە مىليون سائەتتىن، شەخسىي خالىس مۇلازىمەت قىلغان ۋاقتى 30 مىڭ سائەتتىن ئاشتى...» 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ «پارتىيە بايرىقى تىيانشاندا نۇر چاچتى» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىدە، ئاپتونوم رايون بويىچە مۇنەۋۋەر كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى سۇ يۈچىننىڭ ھېكايىسى ھەر بىر كادىر-ساقچىنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. 

سۈرەتتە: سۇ يۈچىن كوللېكتىپنى باشلاپ پىدائىيلار مۇلازىمىتىگە قاتناشماقتا.    سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن 

    سۇ يۈچىن ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق پائالىيىتى بىلەن 44 يىل شۇغۇللانغان مېھىر-شەپقەت پىدائىيسى بولۇپ، ھازىرقى سالاھىيىتى سانجى شەھىرى يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى سۇ يۈچىن پىدائىيلار مۇلازىمەت خىزمەت پونكىتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى. ئۇ گەرچە 70 ياشقا يېقىنلىشىپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن روھى ئۇرغۇپ تۇرىدۇ، قارىماققا ئەمەلىي يېشىدىن خېلىلا كىچىك كۆرۈنىدۇ. بۇنداق ياداڭغۇ ياشانغان ئايالنىڭ راك كېسىلى بىلەن نەچچە ئون يىل كۈرەش قىلغانلىقى، دەسلەپتە ئۆزى ئۈچۈن جەڭ قىلغان بولسا، كېيىن باشقىلار ئۈچۈن جەڭ قىلغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلماق تەس. 

    سۇ يۈچىن 23 ياشقا كىرگەن يىلى، بەختكە قارشى سوزۇلما خاراكتېرلىك دانچە ھۈجەيرىلىك ئاق قان كېسىلى، قان پىلاستىنكىسى ماغدۇرسىزلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولدى، كېيىن يەنە بۇرۇن-كېكىردەك راكى قاتارلىق كۆپ خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولدى، بۈگۈنگىچە چوڭ-كىچىك بولۇپ نەچچە ئون قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىندى. كېسەل بولۇپ قالغان دەسلەپكى مەزگىلدە، ئۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئازابلىنىپ، قورقۇپ، ئۆيگە سولىنىۋېلىپ نەچچە كېچە-كۈندۈز يىغلىدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ ئۆزى ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ، تۇرمۇشقا ئۈمىدۋار پوزىتسىيە بىلەن يۈزلىنىشنى قارار قىلدى. «بىر كۈن، بىر سائەت ياشىساممۇ، قالتىس، مەنىلىك ياشىشىم كېرەك.» دېدى سۇ يۈچىن. 

    ئاكتىپ داۋالاش، ئۈمىدۋار روھىي ھالەت بىلەن سۇ يۈچىننىڭ كېسىلى ئاستا-ئاستا ياخشىلاندى، بۇ ئۇنىڭ كېسەللىك ئۈستىدىن غالىب كېلىش ئىشەنچىسىنى چىڭىتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ چوڭقۇر مېھىر- مۇھەببىتى بىلەن پىدائىيلار مۇلازىمىتى يولىغا مېڭىپ، ئورنىدىن تۇرالمىغان كېسەلداشلىرىغا بىر قاچا تاماق، بىر چەينەك چاي ئېلىپ كەلدى، ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار قىزلارنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىشقا پۇل ئىئانە قىلدى، قوشنىلارنىڭ بالىلىرىغا قاراپ بەردى، پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ كېسەللىك ئۈستىدىن كۈرەش قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، ئاجىزلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەشنى قانات يايدۇردى... نۇرغۇن كىشى ئۇنى «سىرداش ھەدە» دەپ ئاتاشتى. 

     «ھاياتلىقنىڭ ئۇزۇنلۇقىنى بىز ئىگىلىيەلمەيمىز، لېكىن ھاياتلىقنىڭ مەنىسىنى بېيىتالايمىز. مېھىر-شەپقەت يەتكۈزۈش يولىدا، ھاياتلىق چەكسىز رەڭدار بولىدۇ.» دېدى سۇ يۈچىن. 

    2011-يىلى سۇ يۈچىن ئۈچۈن مۇھىم بىر يىل بولدى. بۇ يىلى، ئۇ شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى. كېيىن، سانجى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، ئۇ سۇ يۈچىن پىدائىيلار مۇلازىمەت خىزمەت پونكىتىنى قۇردى ھەمدە ئارقا-ئارقىدىن 13 پىدائىيلار مۇلازىمەت شۆبە ئەترىتى قۇرۇپ، 1118 پىدائىينى قوبۇل قىلدى، ئۇلارنىڭ ئارىسىدا 119 پارتىيە ئەزاسى بار. تېخىمۇ كۆپ مېھرىبان زاتلار، مېھرىبان كارخانىلار سۇ يۈچىننىڭ ئەترىتىگە قوشۇلدى. 

   13 يىلدىن بۇيان، سۇ يۈچىن ۋە ئۇنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتىدىكىلەر باھاردىكى ئىللىق قۇياشتەك تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا بېرىپ، ھەر يىلى 10 مىڭ ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق ياردەم بېرىپ، قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارغا غەمخورلۇق قىلدى، ئۆيدە قالغان بالىلارغا كۆڭۈل بۆلدى، پارتىيەنىڭ سىياسىتى، قانۇن-نىزاملىرىنى تەشۋىق قىلدى... قەيەر ئېھتىياجلىق بولسا، شۇ يەردە ئۇلارنىڭ سىماسى پەيدا بولدى. 

     سانجى شەھىرى بوستان يولى كوچا باشقارمىسى يىيۈەن مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ماۋ X بەلنىڭ تۆۋەن قىسمى پالەچ بولۇپ قالغان، ئۇنىڭ ئىككىنچى ئوغلى سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بولۇپ، بىر ئائىلە كىشىلىرى ئاساسلىقى چوڭ ئوغلىنىڭ ئىشلەپ ئائىلىنى قامدىشىغا تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرەتتى، تۇرمۇشى بىر قەدەر قېيىن ئىدى. سۇ يۈچىن ۋە ئۇنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بۇ ئائىلىگە دائىم ياردەم بېرىپ تۇردى، مېھىر- شەپقەت يەتكۈزۈش ھەرىكىتىنى بەش يىل داۋاملاشتۇردى.

    «سۇ ھەدە بۇ بىر نەچچە يىلدا بىزگە ياردەم قىلدى، بالىنىڭ كېسىلىنى داۋالىتىدىغان دوختۇرخانا، دورا سېتىۋېلىش يوللىرىنى ئالاقىلىشىپ بەردى، باھار بايرىمىدا بىزگە ئۇن ۋە ياغ ئەكىلىپ بەردى، بىز ئۇنىڭغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.» دېدى ماۋ X. 

    قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلار سۇ يۈچىن ۋە ئۇنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمەت كوللېكتىپىنىڭ نۇقتىلىق كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۇبيېكتى، ئۇلار يىل بويى قارىغۇچىسى يوق ياشانغانلارغا دورا يەتكۈزۈپ بېرىش، روھىي جەھەتتە تەسەللى بېرىش، ئاخىرىقى ئۆمرىگە غەمخورلۇق قىلىش قاتارلىق پىدائىيلار مۇلازىمىتى قىلىپ، ياشانغانلارغا ئىللىقلىق ھېس قىلدۇردى. «ئۇ بىزگە بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ، ھېيت-بايراملاردا چوقۇم كېلىدۇ، ئادەتتە گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، سۈت، مېۋە-چېۋە ئېلىپ كېلىدۇ.» دېدى سانجى شەھىرى بوستان يولى كوچا باشقارمىسى جۈخې مەھەللىسىنىڭ ئاھالىسى ۋاڭ ھەدە. 

2021-يىلى 11-ئايدا، 8-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى بويىچە نامىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن سۇ يۈچىن بېيجىڭدىن شەرەپ قۇچۇپ قايتىپ كەلدى.   سۈرەتنى زىيارەت قىلىنغۇچى تەمىنلىگەن 

    «بىر پارتىيە ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىش مېنىڭ مەسئۇلىيىتىم. مەن بولمىغان تەقدىردىمۇ، بىزنىڭ پىدائىيلار مۇلازىمىتى خىزمەت پونكىتىمىز يەنىلا ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق ئىشلىرىنى ئاخىرغىچە ئېلىپ بېرىپ، ئاكتىپ كۈچنى ھەر مىللەت ئامما ئارىسىغا يەتكۈزىدۇ.» دېدى سۇ يۈچىن. 

   «مەن سۇ ھەدىگە ئەگىشىپ ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق بىلەن شۇغۇللانغىلى ئون نەچچە يىل بولدى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن مۇھەببەتنىڭ كۈچىنى ھېس قىلدىم، باشقىلارغا ياردەم بېرىش، ئۆزىنى بەختلىك قىلىشنىڭ خۇشاللىقىنى ھېس قىلدىم.» دېدى پىدائىي سى جۈەن. 

    راكقا قارشى تۇرۇش چولپىنى، سىرداش ھەدە، ئايال تەشۋىقاتچى، ئاممىۋى مەنپەئەتدارلىق تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلى، مەملىكەتلىك 8-مارت قىزىل بايراقدارى، ئاپتونوم رايونلۇق ئەخلاق نەمۇنىچىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى-تەرەققىياتىدىكى نەمۇنىلىك شەخس... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان سۇ يۈچىننىڭ نۇرغۇن سالاھىيىتى كۆپەيدى، ئەمما ئۇ كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسىدىن ئىبارەت بۇ سالاھىيەتكە ئەڭ ئەھمىيەت بېرىپ: «كوممۇنىستىك پارتىيە ئەزاسى دېگەن بۇ سۆز مەسئۇلىيەتكە ۋەكىللىك قىلىدۇ، مېنىڭ تىرىشچانلىقىم ۋە بەدەل تۆلىشىم بىر پارتىيە ئەزاسى سۈپىتىدە ئۆتەشكە تېگىشلىك مەسئۇلىيىتىم ۋە مەجبۇرىيىتىم.» دېدى.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.