تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە بايرىقىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش | چوڭ دۆلەت مۇھىم جابدۇقلىرىنىڭ «يۈرىكى»نى قوغدىغۇچى − ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتىنىڭ ئالاھىدە دەرىجىلىك تېخنىكى جاڭ گويۈن توغرىسىدا

  ئانار بۇلۇت \ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن

  ئۇ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا 25 يىل يىلتىز تارتىپ، بىر ئادەتتىكى شاگىرتتىن تىرانسفورموتور سىمى ئوراش يادرولۇق تېخنىكىغا، دۇنيادىكى تۇنجى يۈرۈشلۈك مەھسۇلاتنى ئوراش-ياساش ماھىرىغا، ئالاھىدە دەرىجىلىك تېخنىكقا، ئاندىن چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنىگە ئايلاندى.

  ئۇ ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتىنىڭ ئالاھىدە دەرىجىلىك تېخنىكى، مەملىكەتلىك «1-ماي» ئەمگەك مېدالىغا ئېرىشكۈچى جاڭ گويۈن.

1-ئاينىڭ 13-كۈنى، جاڭ گويۈن (ئوڭدىن 2-كىشى) 2023-يىللىق «چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى يىللىق شەخسلەر»نى ئېلان قىلىش پائالىيىتى نەق مەيدانىدا.

ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن سۈرەت

    جاڭ گويۈن بۇ يىل 46 ياشتا بولۇپ، 1999-يىلى قاراماي كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتىگە خىزمەتكە چۈشۈپ، تىرانسفورموتور سىم ئوراش ئىشچىسى بولغان.

   كاتۇشكىنى كىشىلەر تىرانسفورموتورنىڭ «يۈرىكى» دەپ ئاتايدۇ، ئۇ توك بېسىمىنى ئالماشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق زاپچاس بولۇپ، پۈتۈن تىرانسفورموتورنىڭ سۈپىتى، ئىقتىدارى ۋە ئىشلىتىلىش ئۆمرىنى بەلگىلەيدۇ. ئۇ بىر جۈپ قولى، بىر سىزغۇچ، بىر بولقا، بىر قول چىرىقىغا تايىنىپ، سەككىز يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، كەسىپداش تېخنىكلار ئون نەچچە يىلدا ئاران يېتىدىغان تېخنىكا سەۋىيەسىنى يېتىلدۈردى.

   خىزمەتكە قاتنىشىپ ھازىرغىچە، ئۇنىڭ ئۆز قولى بىلەن ئورىغان كاتۇشكىنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 3000 كىلومېتىرغا يېتىدۇ، ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى نەچچە ئون مىڭ مېتىر كېلىدىغان مىس سىمنى ئوراپ بولغاندىن كېيىن، ھەربىر كاتۇشكىنىڭ ئومۇمىي پەرقىنى بىر مىللىمېتىر ئىچىدە توغرا كونترول قىلالايدۇ، بۇ كەسىپ ئۆلچىمىدىن بىر ھەسسە يۇقىرى.

   «جاڭ گويۈن بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز!» 7-ئاينىڭ 2-كۈنى، شىنجاڭ تىرانسفورموتور زاۋۇتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا جاڭ گويۈن بىلەن 21 يىل بىللە ئىشلىگەن خىزمەتدىشى خا يەنچىڭ مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، جاڭ گويۈن ھەر كۈنى ئەتىگەن سائەت توققۇزدا سېخقا بېرىپ، كەچ سائەت 11لەر ئەتراپىدا ئىشتىن چۈشۈشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدى، كەسىپنى قىزغىن سۆيۈش، تىرىشىش ۋە بېرىلىپ تەتقىق قىلىشقا تايىنىپ، بۇ ئادەتتىكى خىزمەتتىن قالتىس نەتىجە ياراتتى.

   دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى نۇرغۇن نۇقتىلىق قۇرۇلۇش تىرانسفورموتورىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە ياساشقا جاڭ گويۈننىڭ ئەقىل-پاراسىتى سىڭگەن، بۇنىڭ ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە مىسالى سانجى − گۇچۇەن 1100± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى. بۇ، دۇنيادىكى توك بېسىمى دەرىجىسى ئەڭ يۇقىرى، يەتكۈزۈش سىغىمى ئەڭ چوڭ، يەتكۈزۈش ئارىلىقى ئەڭ يىراق، تېخنىكا سەۋىيەسى ئەڭ ئىلغار ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى بولۇپ، جاڭ گويۈن نۇرغۇن «دۇنيا بويىچە ئەڭ»لەرگە ئىگە بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئاساسىي ترانسىفورموتور سىمىنى ئوراش ئىش تەرتىپىنىڭ باشلامچىسىدۇر.

    ئىلغار ياسىمىچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش تېخنىكىسى كامالەتكە يەتكەن يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەر قوشۇنىدىن ئايرىلالمايدۇ. 2016-يىلى، ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى پاي چەكلىك شىركىتى «جاڭ گويۈن ئەمگەك نەمۇنىچىلىرى ۋە ھۈنەرۋەن ئىختىساسلىقلار يېڭىلىق يارىتىش ئىشخانىسى» قۇرۇپ، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشتىكى ياخشى سۇپىنى بەرپا قىلىپلا قالماي، يەنە تېخنىكا سەۋىيەسى يۇقىرى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارى كۈچلۈك بىر تۈركۈم سىم ئوراش تايانچ قوشۇنىنى يېتىشتۈردى.

 «ئۇستاز بىزگە دائىم تېخنولوگىيە ۋە سۈپەتنى 1-ئورۇنغا قويۇشنى ئەسكەرتىپ تۇرىدۇ.» جاڭ گويۈننىڭ شاگىرتى يۈ سۈنشى مۇنداق دېدى: ئۇستاز تەربىيەلەش دەرسلىكىدە يېڭىلىق يارىتىپ، پىشقان سىم ئوراش ئىشچىلىرىنى تەربىيەلەش مۇددىتىنى ئىككى يىلدىن يېرىم يىلغا قىسقارتتى. بۇنىڭدىن باشقا، جاڭ گويۈن ئوتتۇرىغا قويغان «كىچىك ئىسلاھات، كىچىك ئىجادچانلىق» «سۈپەت ياخشى تەدبىرى» قاتارلىق يېڭىلىق يارىتىش تۈرلىرى ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى جەمئىي 20 مىڭ سائەت ئاشۇردى.

 2018-يىلى، تۇيۇقسىز بايقالغان ئاق قان كېسىلى جاڭ گويۈننىڭ خىزمەت ۋە تۇرمۇشىنى قالايمىقانلاشتۇرۇۋەتتى. ئىككى قېتىم ئوپېراتسىيە قىلىش، توققۇز قېتىم خىمىيەلىك داۋالاش ئېلىپ بېرىش، ئون قېتىم يىلىك ئالماشتۇرۇش، ئالتە قېتىم بەل ئومۇرتقىسىنى تېشىش... بىر يىلدىن كېيىن ئۇ كېسەل ئۈستىدىن غالىب كېلىپ خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلدى.

 «يەنە بىر قېتىم قايتىدىن ياشاش پۇرستىگە ئېرىشتىم، چوقۇم ياخشى ياشايمەن.» جاڭ گويۈن باشلامچىلىق بىلەن 30 نەچچە تۈردە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، جەمئىي 4 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئىقتىسادىي ئۈنۈم ياراتتى. بۇنىڭ ئىچىدە، 110 كىلوۋولتلۇق تىرانسفورموتورنى بىر پۈتۈن قۇرۇتۇش تېخنولوگىيەسىنى ئېچىش تۈرى تىرانسفورموتور ياساش كەسپىدىكى زور ئۆزگىرىش، كەسىپ ساھەسىدىكى تۇنجى ئىجادىيەت بولۇپ، تارىخىي بوشلۇق ۋە كەسىپ بوشلۇقىنى تولدۇردى.

 بۈگۈنكى كۈندە، ئالاھىدە تىرانسفورموتور پاي چەكلىك شىركىتى رەقەملەشكەن تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى، جاڭ گويۈن سېختا توپلىغان تېخنولوگىيە تەجرىبىلىرىنى رەقەملەشكەن تەرەققىياتقا تۈرتكە بولىدىغان تەتقىقات نەتىجىسىگە ئايلاندۇردى. 2023-يىلى، ئۇ كوللېكتىپنى باشلاپ سېخنىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش مۇھىتىنى توردا كۆزىتىش سىستېمىسىنى تەتقىق قىلىپ ئېچىپ، سېخنىڭ ئىشلەپچىقىرىش مۇھىتى سانلىق مەلۇماتىنى تولۇق ئاپتوماتىك تەكشۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ «چوڭ تىپتىكى ئېلېكتىر تىرانسفورموتورىغا ۋاكۇئۇملۇق مۇھىتتا ئاپتوماتىك ماي ماڭدۇرۇش» تۈرىنى ئالاھىدە تىرانسفورموتور سانائىتى 1100± كىلوۋولتلۇق ئىشلەپچىقىرىش بازىسىدا تەڭشەپ سىناشنى تاماملاپ، ئاچقۇچلۇق ئىش تەرتىپىنىڭ  تېخنولوگىيە پارامېتىرى، سۈپەت باشقۇرۇشنىڭ %100لىك ئومۇمىي جەريانىنى مەنبەدىن سۈرۈشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇرۇش، ئىنچىكە ياخشىلاش ئارقىلىق، ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، ئۇدا ئىككى يىل سېخ، گۇرۇپپىلارنىڭ مەھسۇلات قىممىتىنى %30تىن كۆپرەك ئاشۇردى...

 2019-يىلى، جاڭ گويۈن شەرەپ بىلەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى، 2022-يىلى سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق ھۆكۈمىتى ئۇنىڭغا «سانجى ئوبلاستىدىكى گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان مۇنەۋۋەر ئىختىساس ئىگىسى» دەپ نام بەردى. 2023-يىلى تۇنجى تۈركۈمدىكى «شىنجاڭ ھۈنەرۋەنى» ۋە شىنجاڭدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى «ئالاھىدە دەرىجىلىك تېخنىك» بولۇپ تاللاندى، 2023-يىلى «چوڭ دۆلەت ھۈنەرۋەنلىرى يىللىق شەخسلەر»نىڭ بىرى بولۇپ سايلاندى.

 «<ھۈنەرۋەن روھى>نى ساقلاپ، <ئەسلىي مەقسەت> نى ئۇنتۇماي، شىنجاڭ ياسىمىچىلىقىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، يېشىللىشىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۆھپە قوشىمەن» دېدى جاڭ گويۈن.

  «ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەلىمە قۇربان

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.