تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پارتىيە بايرىقىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىدە ئېگىز جەۋلان قىلدۇرۇش | ئامما ئۈچۈن ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا قانچىلىك ئەجر قىلسام ئەرزىيدۇ

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى لى جىنفۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر خوۋ جيەنۋېن، جاڭ يۈلەن، شەن ۋېنيەن

«ئاكا، ئالدىنقى قېتىملىق ئىشنى مۇرەسسە قىلىپ بولغاندىن كېيىن، يەنە مەسىلە كۆرۈلمىگەندۇ؟» 6-ئاينىڭ 29-كۈنى، تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ئالاھىدە تەكلىپلىك مۇرەسسەچىسى مەخمۇت مامۇت يالقۇنتاغ بازىرى ئاستانە يېزىسىدىكى يۈ xنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قايتا زىيارەت قىلدى.

ئەسلىدە، 80 نەچچە ياشلىق يۈ x بىلەن ئايالى ئا x  قايتا توي قىلغىنىغا ئالتە يىل بولغان ئەر-خوتۇن بولۇپ، تويدىن كېيىن ئىككىسى دائىم تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار سەۋەبىدىن زىددىيەتلىشىپ قالىدىغان قالغان. 2023-يىلى 8-ئايدا، يۈx ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ يالقۇنتاغ خەلق سوتىغا كېلىپ، ئايالى ئا x بىلەن بولغان ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

دېلو قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، مەخمۇت ئىككىيلەننى «كۆرۈشتۈرمەي» مۇرەسسە قىلدى. مۇرەسسە قىلىش جەريانىدا، ئەر-خوتۇن ئىككى تەرەپ بىردەك ئاجرىشىشقا قوشۇلغان بولسىمۇ، ئەمما مال-مۈلۈكنى بۆلۈشتە ئىختىلاپ چوڭراق بولدى. بۇنىڭ ئۈچۈن، مەخمۇت ئىككى قېتىم مۇرەسسە قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككى تەرەپ بىر-بىرىگە يول قويمىدى. زىددىيەتنىڭ كەسكىنلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مەخمۇت يەنە ئايال تەرەپنىڭ ئۆيىگە كېلىپ، ئاكتىپلىق بىلەن ئۇنىڭغا قانۇننى چۈشەندۈردى. «ئادىل، ھەققانىي، قانۇنلۇق، مۇۋاپىق بولۇش»قا كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، ئىككى تەرەپنىڭ پىكىر ئىختىلاپىنى تەدرىجىي كىچىكلەتتى. ئىككى تەرەپ ئۆيلىنىش مۇناسىۋىتىنى بىكار قىلىشقا قوشۇلدى، يۈ x نەق مەيداندا ئا x كە 7000 يۈەن بەردى، قالغان 3000 يۈەننى بىر ئاي ئىچىدە بېرىشكە پۈتۈشتى.

بىر ئايدىن كېيىن، يۈ x قالغان 3000 يۈەننى بېرىشتىن يېنىۋالدى. ئا x ئامالسىز مەخمۇتنى ئىزدەپ ياردەم تەلەپ قىلدى. مەخمۇت يۈ xنى يەنە بىر قېتىم ئىزدەپ، قانۇن نۇقتىسىدىن سۆزلەپ ئۇنىڭغا كۈچكە ئىگە بولغان قانۇن ھۆججىتىنى ئادا قىلماسلىقنىڭ ئېغىر ئاقىۋىتىنى ئۇقتۇردى، يەنە ھېسسىيات نۇقتىسىدىن سۆزلەپ ئىككى تەرەپنىڭ تۇرمۇش ئىدىيەسى، قىممەت يۆنىلىشىدە ئىختىلاپ بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنى ئىشنى ياخشى ئاخىرلاشتۇرۇشقا يېتەكلىدى. ئاخىرىدا، يۈ x قالغان 3000 يۈەننى بېرىشكە قوشۇلدى.

بۇ دېلو مەخمۇتنىڭ كېلىشتۈرۈشى بىلەن ئوڭۇشلۇق ھەل قىلىندى، دېلودا كېيىن زىددىيەت يۈز بەرمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مەخمۇت كۆپ قېتىم ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بېرىپ قايتا زىيارەت قىلىپ، دېلونى ئىناق كەيپىيات ئىچىدە ياخشى بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ يىل 74 ياشقا كىرگەن مەخمۇت تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى يالقۇنتاغ خەلق سوتىنىڭ پېنسىيەگە چىققان سوتچىسى بولۇپ، 1981-يىلى خىزمەتكە قاتنىشىپ 2013-يىلى 5-ئايدا پېنسىيەگە چىقتى، ئۇ ئىككى يىل سوت مەھكىمىسى ئورگىنىدا ئىشلىگەندىن سىرت، قالغان ۋاقىتلىرىنىڭ ھەممىسىدە ئاساسىي قاتلام سوتىدا ئىشلىدى. 1987-يىلى 2-ئايدا، مەخمۇت پارتىيە بايرىقى ئاستىدا تەنتەنىلىك قەسەم بېرىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىگە كىردى.

43 يىلدىن بۇيان، ئۇ كېلىشكەن يىگىتتىن «مەخمۇت تاغا»غا ئايلاندى. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن، مەخمۇت ئاممىغا ياردەملىشىپ قانۇن مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسىگە ئېرىشتى.

2023-يىلى 8-ئايدا، مەخمۇت ئىدىقۇت رايونلۇق خەلق سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن تەكلىپلىك مۇرەسسەچىلىككە تەكلىپ قىلىندى. تەكلىپ قىلىنغاندىن بۇيان، ئۇ ئۆزىگە ئىش ئورنىدىكى سوتچىلارغا ئوخشاش بەلگىلەنگەن خىزمەت ۋاقتىدا ئىش ئورنىغا خىزمەتكە بېرىش تۈزۈمى بويىچە تەلەپ قويۇپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق كوممۇنىستلارنىڭ دەسلەپكى مەقسىتى، بۇرچى ۋە مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلدە كۆرسەتتى.

بۈگۈنكى كۈندە، مەخمۇت ھەر كۈنى توكسىكلىت مىنىپ ھەرقايسى كەنت، بازارلار ئارىسىدا ئالدىراش يۈرىدۇ، كىمنىڭ يېرىگە بۇ يىل نېمە تېرىغانلىقى، قانداق خىزمەت بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى، قوشنىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنىڭ قانداقلىقى مەخمۇتنىڭ كۆڭلىگە ئايان. كەنت ئاھالىلىرى ئارىسىدا زىددىيەت كۆرۈلسە، ئۇ دەرھال نەق مەيدانغا بېرىپ، سەۋرچانلىق بىلەن ھەل قىلىدۇ.

«ياشلىق باھارىمنى ئۆزۈم قىزغىن سۆيىدىغان سوت ئىشلىرىغا بېغىشلىيالىدىم، ئاممىغا ئەمەلىي ئىش قىلىپ بېرەلىسەملا، قانچىلىك ئەجىر قىلسام ئەرزىيدۇ!» دېدى مەخمۇت پەخىرلەنگەن ھالدا.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : ئايگۈل ئابدۇللا

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.