تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش

مول ھوسۇلنىڭ گۈزەل مەنزىرىسىنى سىزىش

 «ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تېخىمۇ زور شان-شەرەپ كەلتۈرۈش»

8-ئاينىڭ 5-كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 6-شىسى 101-تۇەننىڭ فېڭجيابا مەھەللىسىدە، پارتىيە ئەزالىرىدىن تەشكىللەنگەن پىدائىيلار كۆكتاتچىلارنىڭ چىڭسەي يىغىشىغا ياردەملەشتى. ھازىر بۇ تۇەندە تېرىلغان 1000 مو يەردىكى چىڭسەي ئارقا-ئارقىدىن بازارغا سېلىندى. ۋېي شىنجياڭ فوتوسى

8-ئاينىڭ 4-كۈنى، قۇبۇقسار موڭغۇل ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ چاختى يېزىسىدا كومبايىندا بۇغداي ئورۇلماقتا. بۇ ناھىيەدە تېرىلغان 5230 مو يەردىكى بۇغداي پىشتى، دېھقانلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ بۇغدايلارنى ئورۇپ، ئاشلىقنى ۋاقتىدا ئامبارغا ئەكىرىشكە كاپالەتلىك قىلماقتا. خې چېڭچياڭ فوتوسى

7-ئاينىڭ 31-كۈنى، «جۇڭگونىڭ غەربىي دېڭىزى . باغراش كۆلى» كۆلنى ئېچىۋېتىش پەسلى باغراش كۆلىنىڭ داخېكوۋ مەنزىرە رايونىدا باشلاندى، 100 نەچچە كۈن بېلىق تۇتۇش چەكلەنگەن باغراش كۆلى رەسمىي بېلىق تۇتۇش مەزگىلىگە كىردى. غايەت زور توردا بېلىق تۇتۇش، تۇنجى تۇتۇلغان بېلىقنى كىمئارتۇق قىلىپ سېتىش، مەززىلىك تائاملارنى تېتىش، سۇ ئۈستى كۆڭۈل ئېچىش تۈرلىرىگە قاتنىشىش... باشلىنىش مۇراسىمىدا، بىر قاتار مول مەزمۇنلۇق، رەڭدار مەدەنىيەت ساياھەت پائالىيەتلىرى نۇرغۇن ساياھەتچىنى جەلپ قىلدى. خەي چاۋ فوتوسى

8-ئاينىڭ 1-كۈنى، دېھقانلار چاغانتوقاي ناھىيەسىنىڭ بارلۇق تاغلىق رايونى چاغانتوقاي چارۋىچىلىق مەيدانى قاراكېمېر كەنتىدە زاراڭزا تەرمەكتە. ياڭ خۇاگۇاڭ فوتوسى

8-ئاينىڭ 6-كۈنى، ساياھەتچىلەر ئونسۇ ناھىيەسىنىڭ كۆكيار بازىرى گوبى يېڭى كەنتىگە جايلاشقان شىنجاڭ خاۋيۈەن تيەنزۇن ئۈزۈم ھارىقى چەكلىك شىركىتىنىڭ تېرىقچىلىق بازىسىدا چىلگە ئۈزۈملەرنى ئۈزمەكتە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بۇ بازا ئۈزۈم ئۆستۈرۈش، ئۈزۈش، ساياھەت بىر گەۋدە قىلىنغان ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. يەن شوۋلىن فوتوسى

8-ئاينىڭ 5-كۈنى، قۇتۇبى ناھىيەسىنىڭ ئەرشىلدەن بازىرى دوڭتەن كەنتىدە، كەنت ئاھالىلىرى ماشىنىدا شوخلا يىغماقتا. بۇ ناھىيەدە 27 مىڭ 900 مو يەردىكى شوخلىدىن مول ھوسۇل ئېلىندى، مو بېشى مەھسۇلاتىنىڭ 8 توننىغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. ما گۇاڭيۈەن فوتوسى

7-ئاينىڭ 30-كۈنى، دېھقانلار قوغۇن يىغماقتا. ھازىر، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 8-شىسى 121- تۇەنىنىڭ 100 مىڭ مولۇق باۋتەيخوڭ شىجوۋ قوغۇنى پىشتى، دېھقانلار توردا ۋە تور سىرتىدا سېتىش شەكلى ئارقىلىق قوغۇنلىرىنى شىنجاڭنىڭ ئىچى-سىرتىغا ساتماقتا. ۋاڭ زىلىن فوتوسى

تىيانشان تورى - شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ

مول ھوسۇل پەسلى شىنجاڭدىكى ئەڭ گۈزەل پەسىل. مول ھوسۇل خۇشاللىقى بارلىق جاپالارنى شېرىن لەززەتكە ئايلاندۇرىدۇ.

يېزا ئىگىلىك مۇقىم بولدى، مول-ھوسۇل كىشىنى خۇشال قىلدى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇلى مۇقىملاشتى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات ئاساسى مۇستەھكەملەندى. تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىدا بۇغدايلار پىشىپ ئامبارلارغا تولدۇرۇلدى، مېۋە-چېۋىلەر مەي باغلاپ پىشتى، مۇقىم بولغان يېزا ئىگىلىك، بەختتىن دېرەك بەردى.

بۇغداي باشاقلىرى دولقۇنلىنىپ، مول -ھوسۇلدىن دېرەك بەردى. ئۇدا نەچچە يىل مول ھوسۇل ئېلىنىپ، شىنجاڭنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىك ئاساسى مۇستەھكەملەندى. ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىنىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىياتى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىندى.

مېۋە-چېۋىلەر مەي باغلاپ پىشىپ، كىشىنى مەپتۇن قىلدى. مېۋە-چېۋە ماكانى، بايلىق ئەۋزەللىكىنى كەسىپ ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇلۇپ، تېخىمۇ بېيىش، تېخىمۇ بەختلىك بولۇش نىشانىغا قاراپ ئىلگىرىلىتىلدى.

شوخلىلار قىزىرىپ، ئۈزۈملەر پىشتى، زاراڭزىلار ئېچىلىپ، كۆكتاتلار ئوخشىدى... كۆزنى قاماشتۇرىدىغان زىرائەتلەر شىنجاڭ تۇپرىقىنى رەڭدار تۈسكە كىرگۈزدى. بۇ شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ دەلىلى، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنىڭ نەتىجىسى. بىپايان شىنجاڭ تۇپرىقىدىكى مول ھوسۇل ئىككى قولىمىزغا تايىنىپ سىزىپ چىققان ئۇلۇغۋار يۆگىمە رەسىم، بۇلار بىز ياراتقان مۆجىزىلەر، بىز بۇنىڭدىن پەخىرلىنىمىز.

مول ھوسۇل ئالتۇن رەڭدە، مول ھوسۇل تاتلىق، مول ھوسۇل كىشىنى ئەڭ مەپتۇن قىلىدىغان يۆگىمە رەسىم. مول ھوسۇل بەختلىك تۇرمۇشنىڭ ئاساسى، تېخىمۇ مۇھىمى بەختلىك تۇرمۇشنىڭ باشلىنىشى.

مەسئۇل مۇھەررىر : ئابلەت روزى

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.